قىرغىزىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى تەستىقلايدۇ

51 2011-03-05 11:04:20   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قىرغىزىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى تەستىقلايدۇ

      قىرغىزىستاننىڭ ئۆتكۈنچى دەۋردىكى زۇڭتۇڭى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى زۆرۈر بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى تەستىقلايدۇ.
      زۇڭتۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر زۆرۈر بولسا قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىش خاراكتېرىدىكى بۇيرۇقنى ئېلان قىلىدۇ. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يېڭى پارلامېنت مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئالاقىدار بۇيرۇقلارنى ماقۇللايدۇ.
      رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستان 2009 - يىلى 11 - ئايدا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىنىڭ تاموژنا قانۇنى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ ئۈچ دۆلەت بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
      قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا قاتنىشىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر