قىرغىزىستان ئۇن ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلەتتى

50 2011-03-05 11:02:38   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قىرغىزىستان ئۇن ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلەتتى

      قىرغىزىستان ئىگىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۇن ئىمپورت تاموژنا بېجىنى يېرىمىچىلىك تۆۋەنلىتىشنى پىلانلىدى. مەزكۇر پىلان بويىچە، ھەر دەرىجىلىك بۇغداي ئۇنلىرىنىڭ ھەر كىلوگىرامىدىن 1.5 سوم تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ، ئىلگىرى ھەر كىلوگرامىنىڭ تاموژنا بېجى ئۈچ سوم ئىدى.
      ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بۇ پىلاننى بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا قوشۇلدى. بۇ تەدبىرنى قوللىنىشتىن مەقسەت، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن باراۋەر رىقابەت پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان ئۇن ئىمپورت تاموژنا بېجىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئىمپورت قىلىنغان ئۇننىڭ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۆزبېكىستان بازىرىدىكى ئومۇمىي ئۇن مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن.
      بۇندىن ئىلگىرى قازاقىستان يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدا مۇنۇلار ئېلان قىلىنغانىدى: بۇ يىل قىرغىزىستاندا 900 مىڭ توننا بۇغداي ھوسۇل ئېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئاچارچىلىق مەسىلىسى قىرغىزىستانغا تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، لېكىن قىرغىزىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداينىڭ تەركىبىدىكى ئۇن تىلىپى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئاران %23 يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەتنى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇن تىلىپى تەركىبىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قالاق بولۇپ، ئوغۇت ماتېرىياللىرى يېتەرلىك ئەمەسكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر