رۇسىيەدە ئىمپورت قىلىنغان پىكاپلاردىن ئېلىنىدىغان ۋاقىتلىق چەكلەش تاموژنا بېجى بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئېلىنىدۇ. پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، رۇسىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنى يۆلەش ئۈچۈن، 2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ۋاقىتلىق يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى، بۇ تەدبىرنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى 9 ئاي بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ماشىنىلارنىڭ باج نىسبىتى %25 تىن %30 كە ئۆستۈرۈلگەنىدى، نىمكەش ماشىنىلارغا بەلگىلەنگەن مۇددەت 5 يىلدىن 3 يىلغا قىسقارتىلغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمپورت تاموژنا بېجى %52 تىن %53 كە ئۆستۈرۈلگەنىدى. 2009 - يىلى 10 - ئايدا مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ۋاقتى 9 ئاي ئۇزارتىلدى.
2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رۇسىيە - بېلرۇسسىيە - قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى تەشكىللەندى، 2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى بىر تۇتاش تاموژنا بېجى نىسبىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن تاموژنا بېجى ئېلىش مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقىدەك ۋاقىتلىق چەكلەش تەدبىرى بۇنىڭدىن كېيىن دائىملىق ئەھۋال بولۇپ قالىدىكەن. رۇسىيە سانائەت - سودا مىنىستىرلىكى بېكىتكەن رۇسىيە ئاپتوموبىل سانائىتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى دۆلەت ئىچى ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چەكلەش خاراكتېرىدىكى تاموژنا بېجىنى يۈرگۈزۈش مۇددىتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيە تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، رۇسىيەدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىمپورت مىقدارى 192 مىڭ 200 گە يەتكەن بولۇپ، ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 235 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئىمپورت مىقدارى %17.48 تۆۋەنلىگەن. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 16 مىڭ 600دانە بولۇپ، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 109 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئېكسپورت مىقدارى %10.8 تۆۋەنلىگەن.