رۇسىيە ئون يىلدا ۋودكا بىلەن «خوشلاشماقچى»

172 2011-02-27 11:23:52   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

      بۇ يىلدىن باشلاپ رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت پىلانى يەنى ھاراقنى مەنئىي قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
      مىللەت خاراكتېرلىك «ھاراقخۇمار» لىقتىن ئىبارەت بۇ ساقايماس كېسەلنى نېگىزىدىن داۋالاش، ۋودكا «مونوپول» قىلىشتەك تارىختىن تەلتۆكۈس »خوشلىشىش«، «چەكلىگەنسېرى ئەۋجىگە چىقىش» تەك مەغلۇبىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، «مېدۋېدېۋ - پۇتىن» بىرلەشمىسى بۇ نۆۋەت ھاراقنى مەنئىي قىلىش توغرىلىق بىرقاتار «بىرىكمە مۇشتۇم» نى ھازىرلاش بىلەن بىرگە، مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ياشلارنى يېڭى بىر مەيدان «تۇرمۇش ھەرىكىتى» گە باشلاشنى پىلانلىدى.
      ئون يىللىق پىلان «باھاغا چەك قويۇش» ئارقىلىق باشلىنىدۇ
      رۇسلارنىڭ يېڭى يىلى بولسۇن، پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلى بولسۇن ياكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە كۈنىنى تەبرىكلەش كۈنى بولسۇن، ھەممىسى رۇسىيە خەلقى ئېچىلىپ - يېيىلىپ بولۇشىغا ئىچىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنلەردە رۇسىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىدا ئالىي دەرىجىلىك ۋودكىلار سېتىلىدۇ، خېرىدارلارمۇ ھەر خىل ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ھارۋىلىرى توشقىچە سېتىۋالىدۇ.
      ئەپسۇس، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋاراق يېڭى بۇيرىقى بىلەن بۇندىن كېيىن بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر داۋاملاشماسلىقى مۇمكىن. 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋودكىغا نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى باھا چەكلىمىسىنى يۈرگۈزدى. ئىلگىرى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 51 رۇبلىغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئەڭ ئەرزان ۋودكىنى ھازىر بۇ باھاغا سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس.
      ۋودكىغا نىسبەتەن يولغا قويۇلغان بۇ قانۇندا، 2010 - يىلىدىن باشلاپ، يېرىم لىتىرلىق ۋودكىنىڭ ھەر بوتۇلكىسىنىڭ باھاسى ئەڭ ئەرزان دېگەندىمۇ 89 رۇبلى (بىر يۈەن خەلق پۇلى تەخمىنەن 4.36 رۇبلى) قىلىپ بەلگىلەندى. دېمەك، ھازىر رۇسىيەلىكلەر ئەڭ ئەرزان ۋودكىنى ئىچمەكچى بولسىمۇ ئىلگىرىكى باھاغا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن كۆپرەك پۇل خەجلەيدۇ. بۇ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 18 مىڭ رۇبلىغا يېتىدىغان رۇسىيەلىكلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بىر يۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى پىۋىنىڭ ئىستېمال بېجىنى ئىلگىرىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە پىۋا سېتىش ئورۇنلىرى ۋە ۋاقتىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى پىلانلىماقتا. ھۆكۈمەت يەنە ۋودكىنىڭ باج نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى، ۋودكىنى باھاسى قىممەت بىر تاۋارغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
      مانا بۇ چارە - تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت پىلانى يەنى ھاراقنى مەنئىي قىلىش پىلانىدىن ئىبارەت. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ مېدۋېدېۋ ۋە زۇڭلى پۇتىننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، رۇسىيە 2020 - يىلىدىن ئىلگىرى ھاراقخۇمارلىق ئەنئەنىسى بىلەن «خوشلىشىش» نى، ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئىستېمالىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىتىشنى، قانۇنسىز ئىسمپىرتلىق مەھسۇلاتلار بازارلىرىنى تۈپتىن تازىلاشنى پىلانلىدى.
      رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك ھاراقنى مەنئىي قىلىش پىلانىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ 2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولۇپ، بۇ باسقۇچتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلار ئىستېمال سەۋىيەسى ئىلگىرىكىدىن %15 تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچ 2013 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە بولۇپ، بۇ باسقۇچتا قانۇنسىز ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلار بازارلىرىنى تۈپتىن تازىلاپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلار ئىستېمال سەۋىيەسى %55 تۆۋەنلىتىلىدۇ. مەزكۇر پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار چارە - تەدبىرلەرنى يەنى ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش سېتىش ساھەلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىشنى زور دەرىجىدە چەكلەش ۋە ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىغا نىسبەتەن يېڭى سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش قاتارلىقلارنى يولغا قويىدۇ.
       ۋودكا بىلەن تەلتۆكۈس خوشلىشىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، قانۇنىي چارە - تەدبىرلەردىن باشقا، رۇسىيە يەنە تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. رۇسىيە ھۆكۈمەت تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، زۇڭلى پۇتىن سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىكىنىڭ رۇسلارنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ئېلان تەشۋىقاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىشى ئۈچۈن 350 مىليون رۇبلى مەبلەغ ئاجرىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەرقايسى رايونلار 740 مىليون رۇبلى ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى. بۇ ياردەم پۇلىنى تارقىتىشتىن مەقسەت، رۇسىيە گراژدانلىرىنى ئاز ھاراق ئىچىش، ئاز تاماكا چېكىشتەك ساغلام تۇرمۇش شەكلىگە يېتەكلەشتىن ئىبارەت.
      ھاراقخورلۇق مىللەت ئۈچۈن ئاپەت بولدى      ۋودكىنىڭ رۇسدىن ئىبارەت بۇ بىر مىللەت ئۈچۈن قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بەلكىم بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. ۋودكىنىڭ پۈتكۈل رۇس مىللىتىنىڭ قەلبىدىكى ئالاھىدە ئورنىغا قاراپ، بۇنى بەزىلەر ھەتتا »مىللەتنىڭ قېنى« دەپمۇ ئاتىدى. ئاز بولمىغان رۇسىيەلىكلەر ھەتتا ھازىرمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ناتسىستلارنى يېڭىشتە ئىككى نەرسىگە يەنى بىرى ۋودكىغا، يەنە بىرى كاتيۇشا راكېتا مىنوميوتىغا تاياندى، دەپ قارايدۇ.
      رۇس مىللىتىنىڭ قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ ئەنئەنىدىن «خوشلىشىش» تا مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىن ھەقىقەتەنمۇ زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. 2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: 1993 - يىلىدىن باشلاپ، رۇسىيەنىڭ نوپوسى ھازىرغىچە 6 مىليون 600 مىڭ ئادەم ئازلىدى، 2025 - يىلىدىن بۇرۇن يەنە 11 مىليون ئادەم ئازلايدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، رۇسىيە چوقۇم ئىجتىمائىي ساغلاملىق سىستېمىسى ۋە تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
      سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە پۈتۈن يەر شارىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ زور دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھاراقخورلۇق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، 1991 - يىلىدىن باشلاپ، 15 ياشتىن 54 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆلۈشنىڭ كۆپىنچىسى ھاراق ئىچىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىككەن. دەل مانا مۇشۇ »مىللىي ئەنئەنىۋى« لىك سەۋەبىدىن رۇسىيەدىكى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 60 ئەتراپىدا بولماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئەگەر ھەربىر ئاھالىنىڭ ھەر يىلدا ئىستېمال قىلىدىغان ھاراق مىقدارى سەككىز لىتىردىن ئېشىپ كەتسە، بۇ مىللەتنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدۇ، دەپ قارىدى. رۇسىيە سەھىيە تاماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، رۇسىيەدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18 لىتىر كۈچلۈك ھاراق ئىستېمال قىلىنىدىكەن، بۇ 50 بوتۇلكا ۋودكىغا باراۋەر. دېمەك، بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن ئەڭ يۇقىرى چەكتىنمۇ بىر ھەسسە ئارتۇق، ئەگەر ياش - ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنى ھېسابلاپ ئىستاتىستىكا قىلغاندا، بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرى چىقىشى مۇمكىن.
      ھاراقخورلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئاقىۋەتلەر رۇسىيەدىكى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھاراقخورلۇقتىن كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەلىرى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋە قاتىللىق ۋەقەلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپەيدى. رۇسىيەدە ھەر يىلى تەخمىنەن 40 مىڭغا يېقىن ئادەم ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ، 500 مىڭغا يېقىن ئادەم ھاراقتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھەر بەش جىنايى دېلونىڭ بىرى ھاراق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ھەر ئۈچ ئۆلگىچىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھاراقخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
      كىشىنى چۆچىتىدىغىنى شۇكى، ھاراقخورلۇق ھازىر ياشلىشىش ۋەزىيىتىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى نۇرغالىيېۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيەدە ھازىر ھاراقكەشلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى كىچىكلىمەكتە، كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچىشكە باشلىغان ئوتتۇرىچە يېشى ئىلگىرىكى 16 ياشتىن 13 ياشقا تۆۋەنلىدى. 2008 - يىلى 10 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ھاراق ئىچىدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى %15.4 (10 مىڭ 852 ئادەم) ئاشتى.
      بۇنىڭدىن باشقا، ھاراقخورلۇق دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھاراقخورلۇق سەۋەبىدىن رۇسىيە ھەر يىلى 500 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 19 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) زىيان تارتىدىكەن، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3 ىگە تەڭ. ئەگەر ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2025 - يىلى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇ ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىملىك سەۋىيەگە تەڭ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان زىيان 000 9 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
      2009 - يىلى 7 - ئايدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ «2009 - يىللىق خەلقئارالىق ياشلار يازلىق لاگىرى» نىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر رۇسىيەدە تاماكا چېكىش ھاراق ئىچىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسىبىتى چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بۇ يىل 6 - ئايدا، مېدۋېدېۋ يەنە ھاراقخورلۇق مىللەتكە نىسبەتەن ئاپەت بولدى، دېدى.
      ياشلارغا «يېڭى تۇرمۇش ھەرىكىتى» نى باشلاشقا مۇراجىئەت قىلىش
      ئەمەلىيەتتە، رۇسىيە تارىخىدا ھاراقنى مەنئىي قىلىش يېڭى ئىش ئەمەس، ھەتتا ئىلگىرىكى رەھبەرلەرمۇ بۇ ھەقتا كۆپ توختىلىپ ئۆتكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىلگىرىكى ھاراقنى مەنئىي قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. شۇڭا، بۇ ساقايماس »كېسەل« نى يىلتىزىدىن داۋالاش مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ ئالدىدىكى ئەمەلىي مەسىلە بولۇپ قالدى.
      شۇڭا مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىن پۈتكۈل مىللەتكە نىسبەتەن كۆپ قېتىم ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرگە تايىنىشنى ئازايتىش ھەققىدە تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، قانۇن ئارقىلىق ھاراقنى مەنئىي قىلىش نىشانىغا يېتىشكىمۇ ئەھمىيەت بەردى. 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) 439 بىلەت بىلەن بىر تۈرلۈك ئېلان قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ماقۇللاپ، تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت يەتتىدىن كەچ سائەت 22 گىچە بولغان ۋاقىتتا پىۋا ئېلانلىرىنى بېرىشنى مەنئىي قىلدى. بۇ يىلنىڭ يىل بېشىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ ئاھالىلارنىڭ ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشىنى چەكلەپ، ۋودكىغا نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن باھا چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) جامائەت سورۇنلىرىدا ھاراق ئىچىشنى، كوچىلاردا، تەنتەربىيە سارىيىدا، باغچىلاردا ۋە جامائەت قاتناش ئەسلىھەلىرىدە پىۋا ئىچىشنى مەنئىي قىلىش قانۇنىنى ماقۇللىدى.
      گەرچە «مېدۋېدېۋ - پۇتىن» بىرلەشمىسى ھاراقنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدا قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن يەنىلا ئەندىشە قىلماقتا، بۇ تارىخىي قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە بەلكىم بىر مەزگىل جاپالىق مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.
      بۇ ھەقتە مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىن ئورتاق بىر قاراشقا يەنى ئۆسۈپ - يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىلوگىيەسىنى ئۆزگەرتىش، بولۇپمۇ رۇسىيە ياشلىرىنى «يېڭى تۇرمۇش ھەرىكىتى» نى باشلاشقا، يېڭى، زامانىۋى، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى تاللاشقا، بۇلۇپمۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلارغا تايىنىۋېلىشنى ئازايتىشقا مۇراجىئەت قىلىش قارارىغا كەلدى.      ئىلگىرىكى رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھاراقنى مەنئىي قىلىش تەدبىرلىرى بىلەن پەرقلىنىدىغان يېرى  «مېدۋېدېۋ - پۇتىن» بىرلەشمىسىنىڭ باھاغا چەك قويۇش بۇيرۇقى قاتارلىق قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھاراقنى مەنئىي قىلىش، تەربىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلقنى بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت. بۇ چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق بەلكىم «مېدۋېدېۋ - پۇتىن» بىرلەشمىسى ۋودكا مونوپول قىلىشتەك تارىخىي ۋەزىيەتتىن«خوشلىشىش» ى مۇمكىن.


      زەينەپگۈل ئاۋۇت تەرجىمىسى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر