قازاقىستاننىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچى ئاشتى
شۋېيتسارىيەنىڭ لائۇسان خەلقئارالىق ئىگىلىك تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «2010 - يىللىق دۇنيا رىقابەت كۈچى مەجمۇئەسى» دىن قارىغاندا، قازاقىستان بۇ جەھەتتە رىقابەتكە قاتناشقان 05 نەچچە دۆلەت ئىچىدە 33 - ئورۇندا تۇرۇپ، 2009 - يىلىدىكى 36 - ئورۇندىن ئۈچ ئورۇن ئېشىپ، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنالاردىن ئېشىپ كەتكەن.
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى سېلىشتۇرۇش شەرەپ تاختىسى خەلقئارانىڭ 329 - تۈرلۈك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن چىقىرىلغان بولۇپ، شەرەپ تاختىسىدىكى بۇ كۆرسەتكۈچلەر باھالاشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ھۆكۈمەتنىڭ تەسىر كۈچى، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ۋە ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىتاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىنچىكىلىك بىلەن بۆلۈنگەن تاق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتىمۇ قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا ياخشى بولغان. يەنى «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» كۆرسەتكۈچى 2009 - يىلىدىكى 44 - ئورۇندىن 43 - ئورۇنغا، «ھۆكۈمەتنىڭ تەسىر كۈچى» كۆرسەتكۈچى 21 - ئورۇندىن 20 - ئورۇنغا، «سودا ئۈنۈمى» كۆرسەتكۈچى 34 - ئورۇندىن 29 - ئورۇنغا، «ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» كۆرسەتكۈچى بولسا 44 - ئورۇندىن 39 - ئورۇنغا ئۆتكەن.