EPS ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بوشلۇقنى تولدۇردى
شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې يېڭى ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 120 مىڭ توننا بولغان پولىئېتىلېن سمولىسى (EPS) تۈرى 3 - ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغاندىن بۇيان، مەھسۇلات ۋە سېتىلىش جەھەتتە قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي - شىمال رايونلىرىدا كۆلەملەشكەن EPS ئىشلەپچىقىرىش يوق بولۇشتەك تارىخقا خاتىمە بەردى.
EPS بىر خىل مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىيال بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇففېرلىق ئوراپ قاچىلاش، يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ئوراپ ساقلاش، ئىچكى - تاشقى تام ھارارىتىنى ساقلاش، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىك قاتارلىق تەرەپلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇرۇلۇش، سانائەت ساھەلىرىدىمۇ كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە.
ئۇزۇندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بەش ئۆلكىدە EPS ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا يوق ئىدى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەتتىمۇ كۆلەملەشكەن EPS ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى يوق ئىدى. شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې يېڭى ماتېرىياللار شىركىتى مايتاغ رايونىدىكى مىليون توننا ئېتىلىن قۇرۇلۇشىنى تايانچ قىلىپ، 2008 - يىلى 7 - ئايدا دۆلەتلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپىي تەرەققىيات تۈرى يەنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 120 مىڭ توننا بولغان EPS تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، غەربىي شىمالدا، جۈملىدىن شىنجاڭدا EPS ئىشلەپچىقىرىلماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.