تاجىكىستاننىڭ 2009 - يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى

196 2010-11-17 00:53:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

تاجىكىستاننىڭ 2009 - يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى

      تاجىكىستان ستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دۇنيا پۇل كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 2009 - يىلى تاجىكىستاندىكى 824 سانائەت كارخانىسى ئىچىدە 90 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشتىن تامامەن توختىغان. بۇنىڭ بىلەن 2009 - يىللىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 626 مىليارد 200 مىليون سۇمنى بولۇپ، 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %6.3 تۆۋەنلىگەن.
      ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 92 مىليارد 400 مىليون سۇمنى بولۇپ، 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %23؛ ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 42 مىليون كىلوۋات سائەت؛ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مىقدارى 24 مىليون 680 مىڭ كىلوكالورىيە؛ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 240 مىڭ توننا تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تاجىكىستاننىڭ ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
      شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2009 - يىلى تاجىكىستاننىڭ تاشقى سودا سوممىسى 3 مىليارد 578 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 1 مىليارد 102 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يەنى %23.6 تۆۋەنلىگەن. 2009 - يىلى تاجىكىستاننىڭ ئېكسپورت سوممىسى 1 مىليارد 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 378 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يەنى %28.3 تۆۋەنلىگەن. ئىمپورت سوممىسى 2 مىليارد 568 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 703 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يەنى %21.5 تۆۋەنلىگەن، سودىدىكى پاسسىپ بالانس 1 مىليارد 558 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
      تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ماتېرىيالدىن قارىغاندا، 2009 - يىلى تاجىكىستاننىڭ تۇرالغۇ ئۆي باھاسىمۇ 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %30-%25 تۆۋەنلىگەن. ھازىر تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ھەر كۋادرات تۇرالغۇ ئۆينىڭ باھاسى 200 1-000 1 ئامېرىكا دوللىرى بولماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بۇ باھا 000 2 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.


      مېھراي ئىسھاق خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلدى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر