
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەسەتخانىلىرى يېقىندا قۇياش يۈزىدە كۈچلۈك قۇياش بورىنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆزەتكەن،ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە،زور مىقداردىكى زەرىچىلىك قۇياش بورىنى بۈگۈن يەر شارىغا يېتىپ كېلىدىكەن،ئىككى قۇتۇبتا كۈچلۈك قۇتۇب نۇرى ھادىسىسى پەيدا قىلىدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە ھەرقايسى دۆلەت رەسەتخانىسىدىكى خادىملار بىر مەيدان كۈچلۈك قۇياش چاقنىشىنى كۆرگەن،چاقنىغاندىكى قۇياش دېغى يەر شارى چوڭلىقىدا بار ئىكەن،بۇ قېتىمقى چاقناشتىن كېيىن قۇياش يۈزىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قۇياش بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،نەچچە يۈز مىليون يىراقلىقتىكى يەرشارىغا زور مىقداردىكى زەرەتلىك زەرىچە قويۇپ بېرىپ،كۈچلۈك قۇياش بورىنى ھاسىل قىلغان.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىملىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە،قۇياش بورىنى پەيدا قىلغان زەرەتلىك زەرىچىلەر ئېقىمى بۈگۈن يەنى8-ئاينىڭ4-كۈنى يەرشارىغا سوقۇلۇپ،يەر شارىنىڭ ماگىنىت مەيدانىغا زەربە بېرىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇبىدا كۈچلۈك قۇتۇب نۇرى ھادىسىسى پەيدا قىلىدىكەن.مۇتەخەسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ،ئەگەر قۇياش بورىنى زىيادە كۈچلۈك بولۇپ كەتسە،يەرشارى سۈئىي ھەمرالىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ،يەر شارى دائىرىسىدە توك ۋە ئالاقە سېستىمىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.