|
كورىيە بۈگۈن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ھەربىي مانىۋېرنى باشلايدۇ |
يوللىغان ۋاقىت:2010-08-05 11:13:36 يازغۇچى:نادىل كىلىش مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى كۆرۈش سانى: [ توردا ئەسەر يوللاش ] |
|

كورىيە ھەربىي تەرەپنىڭ8-ئاينىڭ4-كۈنى دېيىشىچە،كورىيە كەلگۈسى5كۈن ئىچىدە كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى كورىيە دېڭىز ساھىلىدا سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ھەربىي مانىۋېرىنى باشلايدىكەن. 8-ئاينىڭ3-كۈنى،چاۋشىيەن ھەربىي تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇپ،كۈچلۈك ئوققا تۇتۇش ئارقىلىق كورىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى مانىۋېرىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى دېدى.كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،چاۋشىيەن تەرەپ جەنۇب شىمال ھەربىي چېگرا ئايرىش سىزىقى رايونىغا يىراق مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرىلىدىغان بومبىسى ئورۇنلاشتۇرغان. كورىيە دېڭىز ئارمىيە گېنرالى8-ئاينىڭ4-كۈنى بىر قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا:"ئارمىيىمىز دۈشمەنلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ،مانىۋېر ۋاقتىدا ھەرقانداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە تەييارلىق قىلىپ قويدى،ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىغۋاگەرچىلىككە تاقەت قىلىپ تۇرمايدۇ"دېدى. كورىيەبىرلەشمە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باياناتچىسى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا،ئەگەر چاۋشىيەن كورىيەگە ئوق چىقارسا،بىز دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىمىز دېدى. كورىيە ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە،بىر سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە بىر قوغلىغۇچى پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 دانە ھەربىي پاراخوت،50 ئايروپىلان،قۇرۇقلۇق،ھاۋا،دېڭىز،دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىمى ھەمدە دېڭىز قىرغىقى قوغداش ئەترىتى بولۇپ جەمئىي4500 ئادەم مانىۋېرغا قاتنىشىدىكەن. 8-ئاينىڭ5-كۈنىدىن9-كۈنىگىچە بولغان بۇ مانىۋېرنى كورىيە تەرەپ يالغۇر ئېلىپ بارىدىكەن،ئامېرىكا بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا قاتناشمايدىكەن. |
|
رەسىملىك ئۇچۇرلار |
|
|
|
|