ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئىجتىمائىي خەۋەرلەر >>
<<‹يېزا مەكتەپ پىدائىيلار›>> تەشكىلىگە قانداق كىرىپ قالدىم؟
يوللىغان ۋاقىت:2010-08-04 17:44:54  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

<<‹يېزا مەكتەپ پىدائىيلار›>> تەشكىلىگە قانداق كىرىپ قالدىم؟

يېزا مەكتەپ پىدائىيلار تورى خەۋىرى:

 يېڭى بىر باھارنىڭ باشلىنىشى بىلەن  بېشىمدىن ئۇنتۇلغۇسىز تۆت يۈز كۈننى ئۆتكۈزدۈم.ئەسلى ۋاقىت بىر يىلغا توشقاندا ئوبدانراق بىر نەرسە يېزىپ بۇ كۈنلەرنى بىر خاتىرلەپ قوياي دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئالدىراشلىق ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلىدىن ،ئالدىراپ يېزىپ قويسام قانداق بولار دەپ ھازىرغا قەدەر قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا پېتىنالماي كەلدىم.2002 –يىلى 7-ئايدا مەمۇرلۇق ئورنۇمدىن ئىچكى قىسىمدا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەش ياكى مۇۋاپىق بىر ئورۇنغا كىرىپ ئىشلەش خىيالىدا يۈردۈم،لېكىن مۇئاشى يۇقۇرى ،ياخشى ئورۇنلار چىققان بولسىمۇ بىرەر ئادەمنىڭ نام-نىشانى قالغۇدەك ئىش قېلىپ بېقىش ئارزۇسىدا كۆيۈۋاتقان يۈرىكىم تېخىچە ئۆزىدىن رازى ئەمەس ئىدى.توختىماي ئۆزىگە مەنسۇپ بىر ئورۇننى ئىزدەيتتى.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا يېزا-كەنت مەكتەپ پىدائىيلار تەشكىلاتى بىلەن ئۆزۈممۇ بىلمەستىن ئۇچرىشىپ قالدىم.دەسلەپتە كەسپ ئېھتىياجىدىن ئۇلارنىڭ تور بېكىتىگە ماقالە يېزىپ بەردىم.كېيىن بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۇلارنىڭ سۆيگۈ سەپىرىگە قەدەم قويدۇم.بىر قەدەم قويدۇميۇ ئۆزۈمنى تارتىۋالالمىدىم.ئارامسىزلىنىۋاتقان يۈرىكىم بۇ يەردە ئارام تاپتى.

ئەسلەپ باقسام بۇ تۆت يۈز كۈنگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ ۋىلايەت –ئوبلاست،ئالتە ناھىيە-شەھەر ،يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىش دېۋىزىيەسىنىڭ بىر دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى ئوننەچچە مەكتەپكە بېرىپ سۆيگۈ سەپىرىگە قەدەم قويغان ئوتلۇق يۈرەكلەرنىڭ سۆيگۈ ئۇرۇقلىرىنى تېرىشىغا گۇۋاھ بولدۇم.يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىدىن خەۋەر تاپتىم.بۇ جەرياندا توزان باسقان قەلدىم تاۋلاندى.پىدائىيلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم.ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان بارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تىرىشتىم.بۇ پائالىيەتلەر شۇنداق تەسىرلىك ئىدى.ھىساپلاپ باقسام بىر يىل جەريانىدا پىدائىيلار تورى ئۈچۈن ئاتمىش نەچچە پارچە يۈز مىڭ خەتتىن ئارتۇق ماقالە يېزىپتىمەن.2009-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ پىدائىيلار جەمىيىتىنىڭ لىشىسى بولۇپ سايلىنىپتىمەن.ماڭا بەكمۇ ئېنىق بىر تەرەپ شۇكى مەن بۇ شان-شەرەپلەرگە پىدائىيلار تەشكىلىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىدىم.لېكىن بۇ جەرياندا ئېرىشكەن شان-شەرەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى شان-شەرەپ دېگەندىن كۆرە  تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە يۈكلەش دېسە توغرا بولاتتى.ھىسىياتىمنى تۆۋەندىكى نەزمە بىلەن ئىپادىلىسەم تېخىمۇ توغرا بولغۇدەك:

ئەللىك نەچچە يىل ياشاپ ،

دەريا كېچىپ ،داۋان ئاتلاپ ،

ساقايدى پىدائىيلىق قىلىپ،

ئەمدى مېنىڭ قەلب يارام.

ھەرقېتىم سەپەرگە چىققاندا يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشاتتىم.ئۇلار بىلەن ئەمدىلا تونۇشقاندەك قىلساممۇ قەلبىمىز تۇتىشىپ كەتكەن ئىدى.نۇرغۇن كېچىلەر ئۆزۈم چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە خىيالغا چۆكەتتىم.ھەممە يەر  نام-مەنپەئەت دولقۇنىغا غەرق بولغان بۈگۈنكى كۈندە  ئاجىز توپلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادەملەر ھېلىمۇ بار ئىدى.بەلكىم ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالىشى ناتايىن.لېكىن ئۇلار ئۈنسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.لېكىن ئۇلارغا  ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر كۈنى مىۋە بېرىدىغانلىقى ئايان ئىدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ قەدەملىرى شۇنداق پۇختا،ئىشەنچىلىك  ئىدى.

ئەللىك يىل ياشاپتىمەن.نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن.نۇرغۇن ئىشلار ئۇنتۇلۇپتۇ.لېكىن بەزى ئىشلار قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈلۈپ يېتىپتۇ.ئەمما ئۇنچە ئوڭاي ھاياجانلانماس بولۇپ قاپتىمەن.لېكىن قاچان يېزا-كەنت پىدائىيلار تەشكىلىگە قەدەم قويدۇم قەلبىم ناھايىتى ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغان بولۇپ قالدى،ياشلىق دەۋرىمگە قايتا قەدەم قويغاندەك بولۇپ قالدىم.

چاغانتۆڭگۈز كەنتىدە جوشۇەن قۇدىقى يېنىدا خىيالغا پاتتىم.تومۇز ئىسسىقتىكى بورجاي  نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلەتتى.خىيالىم يەنە قايدۇ دەرياسى بويىدا ئۇچۇپ يۈرەتتى.مىڭ يىللىق دەرەخ ئاستىدىكى مۇڭدىشىشلار ،توغراق ۋە يۇلغۇنلار بىلەن ئەللەيلىنىپ ياتقان تەكلىماكان،باغراش كۆلى بويىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز گۇگۇم، قارمۇقچا كەنتىدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن خوشلىشىش،سۆيگۈگە تولغان يېزا-كەنت يوللىرى قەلبىمنى پاكلىدى.مېنى باشقىچە ئادەم قىلىپ قويدى.

يۇلتۇزغا تولغان كېچىللىرى ئاسماندىن تونۇش يۇلتۇزلار نى ئىزدەيمەن...

ئەنە ،بېيجىڭدىكى بىر كارخانىنىڭ خوجايىنى جوشۇەن خانىم،ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تۆت يۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ ھىچقانداق تاماسىز ھالدا يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە ياردەم بەردى.تېخى يەنە پىدائىيلار تەشكىلىنىڭ باشلىقىغا مەن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ھىچقانداق بىر يەردە ئاشكارىلىپ يۈرمە دەپ تاپىلىدى.مانا بۇ بىر ئادەمنىڭ قەلبى ،ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ياخشى ئىشلارنىلا كۆككە كۆتۈرۈپ يامان ئىشلار ھەققىدە ھىچنىمە دېمەيدىغان بەزى ئەمەلدارلار بىلەن سېلىشتۇرۇش مۈمكىنمۇ؟

يالقۇن ئوسمان پىدائىيلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ،تەلۋىلىك دەرىجىسىگە يەتكەن پىدائىي.تەشكىللىگۈچى.ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى پىدائىيلىق خىزمىتىگە بېغىشلىشى كاللىمىزدىكى  ئۇنىڭ ئەسلى ئوبرازىنى غۇۋالاشتۇرىدۇ.ئاتا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى دېمىسەكمۇ ئايان،ئاشىق ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئىشقىنىڭ دەرىجىسىنى بايان قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.ئۇ گەرچە باشقارما دەرىجىلىك كادىر بولسىمۇ نام-مەنپەئەتكە بېرىلگىنى يوق.پىدائىيلار تەشكىلىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ بىر چاقىرىق كۈچىگە ئېگە تەشكىللىگۈچى.چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدۇ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدۇ.تەڭتۇشلىرى بىلەن ئاغىنە بولۇپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن بىر بولغان ئادەم ھەممە ئىشنى ئۇنتۇپ گۈزەل خىياللار قوينىغا غەرق بولىدۇ.

جاڭ جى شىنجاڭدىكى نامى ئانچە مەشھۇر بولمىغان بىر كارخانىنىڭ خوجايىنى.ئۇمۇ بىز بىلەن بىرگە ياردەم بەرگۈچىدىن پىدائىيغا ئايلاندى.

بەي خانىم  نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم.مەنمۇ بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىماسلىق ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىمەن.ئۇنى بىز كەينىدىن ئاپتاپپەرەس گۈلى دەپ ئاتايمىز.راست ،ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا سۆيگۈ ،ئىللىقلىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىۋاتقان بىر گۈل.

نۇرسىمان خانىم پويىزغا ئولتۇرۇپ سۆيگۈ سەپىرىگە ئاتلانغان ئايال كارخانىچى.

ياڭ جى بولسا ئەمدىلا مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئايرىلغان ،كىرىمى تۆۋەن بىر ياش.ئۇنىڭ بىزگە قېتىلىشى،ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ئويغاتتى.شۇندىن كېيىن مەن سەكسىنىنچى يىللاردا تۇغۇلغانلار ھەققىدە قالايمىغان باھا بەرمەيدىغان بولدۇم.بۇ بالا تېخى مېنى پىدائىيلار تەشكىلىگە باشلاپ كىرگۈچى.قائىدە بويىچە ئۇنى ئۇستاز دىيىشىم كېرەك.

خەن جىڭشۇەن كارخانا دېرىكتۇرى.ماشىنىسى بار ئائىلەنىڭ خوجايىنى.دەسلەپتە دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ سەپكە قېتىلىپ قالدى.ئەمدىلا ئوپىراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ بىز بىلەن بىللە بىر تۈپ دەرەخ،باغداش قاتارلىق جايلارغا باردى.تاشارمەكتەپكە نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ كومپىيۇتۇر سەپلەپ بەردى.

بۇ يۇلتۇزلۇق كېچىدە يۇلتۇزلارنى ساناپ بولۇش مۈمكىن ئەمەس.بۇنداق يۇلتۇزلار ئەتراپىمىزدا بەك جىق.تاۋ خەييىڭ،لو فېڭلى،جىياڭ خوڭ،ياڭ پېڭچېڭ،ياڭ گۇئاڭسەي،ياڭ دوڭچېڭ،لىيۇ ياۋخۇا،كۈي  ۋېيپىڭ،چېن چىگاڭ،لى بو،ۋېن شىمېي،لى ياڭجېن،ئەكبەر داۋۇت،دىلشات سۇلتان،بارىجان زەپەر،ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد،ما خوڭيۈ،كۈي يىدەن،دۇ شۆمېي،ئابدۇشۈكۈر ئابدۇللا،چېن پېڭ،ياقۇپ كېرىم،پەرىدە ئايۇپ،خەلچىگۈل خالىق،ئىسكەندەر ....مانا مۇشۇ يۇلتۇزلارنىڭ بىرىدۇر.

بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىز بەك كۆزنى قاماشتۇرالمىسىمۇ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.يولىمىز ئەگرى توقاي بولسىمۇ ھىچكىم ئالدىمىزنى توسىيالمايدۇ.

 

ئاپتۇرى ۋاڭ بىن

بەرقى تەرجىمىسى

چېن فېڭ  يالقۇن ئوسمان  مايىجۈن فوتوسى

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0804/article_9503.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
<<‹يېزا مەكتەپ پىدائىيلار›>> تەشكىلىگە قانداق كىرىپ قالدىم؟
<<‹يېزا مەكتەپ پىدائىيلار›>> تەشكىلىگە قانداق كىرىپ قالدىم؟
پاكىستاندا 1400 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلدى
پاكىستاندا 1400 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلدى
مۇئەللىم ئلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئىچىلدى
مۇئەللىم ئلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يى...
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مەمەت تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مە...
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلاش يۈز بەردى
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلا...
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
 
 
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
كىنو ئۇچۇرلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ