ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
پاكىستاندا 1400 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-08-04 10:48:32  يازغۇچى:نۇرلان  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 3–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 80 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاكىستاندا ، نۆۋەتتە ، قازا قىلغانلار 1000 دىن ئاشقان بولۇپ ، 3 مىليون ئادەم ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان .
 
   رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھازىرغىچە پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 1400 گە يېتىپ ، 3 مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان .


   پاكىستان غەربىي شىمال رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلار كەلكۈندە ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ ، بۇ رايوندىكى 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان . يەرلىك ھۆكۈمەتلەر گەرچە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي قانات يايدۇرغان بولسىمۇ ، بىراق ، كەلكۈندە ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغان خەلق ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەلكۈن ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرمىگەن ، دەپ نارازى بولغان .
   ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى(WFP) پاكىستاننىڭ نەۋشەرە ، چارساددا ، ماردان ھەمدە پېشاۋۇر قاتارلىق بۇ تۆت رايونىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق ، 80 مىڭ ئاھالىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى ، 50 مىڭ ئاھالىنىڭ كەلكۈننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان . ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، يۇقىرقى بۇ تۆت رايوندىكى جەمئىي 980 مىڭدىن 1 مىليونغىچە ئادەم ئۆي–ماكانسىز قالغان بولۇپ ، ئۇزۇنغا بارماي ، ئۆي–ماكانسىز قالغانلار سانىنىڭ 1 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنگەن . 


    پاكىستان قۇتقۇزۇش تارماقلىرى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسدا ئادەم ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئەگەر ئۇلارغا يېتەرلىك پاكىزە ئىچىملىك سۇ تارقىتىپ بېرىلمەي ، دەل ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلماي ، كېسەللەرنى ئايرىۋەتمىگەندە ، خولېرا قاتارلىق جىددىي تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تېز يامراپ كېتىشى مۇمكىنكەن .
   كىبېرپۇشت ئۆلكىسىنىڭ سەھىيە ئەمەلدارى سەئىد چاسار ئەلى شاھنىڭ 2–ئاۋغۇست بىلدۈرۈشىچە ، تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئىكەن .

 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0804/article_9501.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
پاكىستاندا 1400 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلدى
پاكىستاندا 1400 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلدى
مۇئەللىم ئلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئىچىلدى
مۇئەللىم ئلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يى...
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مەمەت تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مە...
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلاش يۈز بەردى
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلا...
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • دوۋساقنىڭ مىزاجىنى نىمە ئۈچۈن قۇرۇق سوغۇق دەيمىز؟
  • تالنىڭ مىزاجىنى نىمە ئۈچۈن قۇرۇق سوغۇق دەيمىز؟
  • ئىچى سۈرۈپ كەتكەندە سامساق يېيىشكە بولمايدۇ
  • ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
  • ھەرە چېقىۋالسا ...
  • چاڭ–توزان سۈمۈرگۈچنى ئىشلەتكەندە دېرىزىنى ئېچىپ قويۇش لازىم
  • ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟
  • ئۇيغۇر تىبابەت ئاساسى نەزىريەلىرى
  • كانايچە زىققىسى
  • ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
  • بەل، پۇتى ئاغرىيدىغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • قول-پۇت تەرلەش، قولتۇق پۇراشنى يۇقىتىشنىڭ ئاددىي چارىلىرى
  •  
     
    مەھەللە ئۇچۇرلىرى
        ئېتىقادىم بايلىقىم مېنىڭ ...
        ھاراقتىن كىينىكى ھالەتلەر
        كۆڭلۈم
        قىز قەلبى
        بۆبۆدىن سىلەرگە سالام
        ناخشا
        مېنىڭ تاغام جىن ئىكەن
        كېچە
        «ئۇ»ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
        كۆرۈشمىسەك بوپتىكەن ئەسلى
    ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
    تور ئۇيۇنلىرى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ