ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
مۇئەللىم ئلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئىچىلدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-08-02 13:27:09  يازغۇچى:努尔卡米力  كىلىش مەنبەسى:http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-07/27/content_91082.htm  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

27-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋاكالەتچىلەر يېغىنى ئۈرۈمچىدە ئچىلدى.

بۇ يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مۇھەممەتئەلى ئابدۇرېھىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئارسىلان ئابدۇللا، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ رىژىسسورى، شائىر مۇختار بۇغرا، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادىي پەنلەر دوكتۇرى سۇلايمان ئىسلام، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەتچىلەر باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان، شىنجىن كۈييىدىيەن ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رايون دېرىكتورى چېن شەنلىياڭ قاتارلىقلار ھەمدە ياش ناخشىچى ئەيسا بەگ ۋە مۇئەللىم شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋاكالەتچىللىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ قىتىمقى يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، باش دېرىكتور ئەخمەتجان نورۇز ئەپەندىم يېغىندا سۆز قىلدى

يېغىندا ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئارسىلان ئابدۇللا قاتارلىقلار مۇنەۋۋەر ۋاكالەتچىلەرگە مۇكاپات بويۇمى تارقاتتى.

ئارقىدىن ئەخمەتجان نورۇز ئەپەندىن ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللىكتىپىغا 5000 يۈەن نەق پۇل، 5000 يۈەن قىممىتىدىكى «مۇئەللىم» ئېلېكترونلۇق لۇغەتلىرىنى ئىئانە قىلدى.

ئارقىدىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە رىياسەتچى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، پروفېسسور، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادى پەنلەر دوكتۇرى سۇلايمان ئىسلام سۆز قىلماقتا.

كۆپچىلىك ئۇسسۇلغا چۈشتى

خىزمەتچى خادىم يىغىن ئەھلىگە «مۇئەللىم» مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

مۇئەللىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىللىرىنى ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، چۈشتىن كىيىن ۋاكالەتچىلەر «مۇئەللىم» شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدىكەن، ئەتىسى ئۈرۈمچى جەنۇبى تاغنى ساياھەت قىلدۇرىدىكەن.

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0802/article_9487.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
مۇئەللىم ئلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئىچىلدى
مۇئەللىم ئلېكترون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يى...
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مەمەت تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مە...
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلاش يۈز بەردى
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلا...
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
 يەرشارى ۋە تەبىئەت
يەرشارى ۋە تەبىئەت
 
 
ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ