|
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى |
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-10 12:42:06 يازغۇچى:نادىل كىلىش مەنبەسى:شىنخۇاتورى كۆرۈش سانى: [ توردا ئەسەر يوللاش ] |
|

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون (ماتېرىيال سۈرەت) شىنخۇا تورى ، لوندون 8–ئىيۇل تېلېگراممىسى : ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 8–ئىيۇل ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىمەن ، دېدى . كامېرون ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى : بۇ ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە مۆلچەر ئۆلىچىمىنى تېخىمۇ ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاممىنىڭ ھەر بىر تارماقنىڭ خىزمەت مەشغۇلاتىغا بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەدىسى ۋە پىلانلىرىنىڭ ئىجىرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈندۇر . ئەنگىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى پىلانىنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدا ئاممىۋى ئاپپاراتلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىش ھەققى ۋە چىقىمىنى ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنىپ ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمى 25 مىڭ فوندستېرلىڭ(تەخمىنەن 38 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) دىن ئېشىپ كەتكەن بارلىق تۈرلەرنى توردا ئېلان قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆرسىتىلدى . كامېرون مۇنداق دېدى : بۇ دۆلەتنىڭ خىزمەت تەرتىپىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق كەسكىن ئىسلاھات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھۆكۈمەت ئىسلاھات ئارقىلىق ، ئىقتىساد قىسچىلىق ئەھۋالدىمۇ ، نامرات بالىلارنى ئەڭ ياخشى مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە قىلغىلى ، ھەر بىر ئادەمنى 1–دەرىجىلىك دۆلەتلىك داۋالاش تۈزۈلمە كاپالىتىدىن بەھرىمان قىلغىلى ، ھەربىر كوچا ، ھەربىر ئائىلە ، ھەر بىر مەھەللىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
|
|
رەسىملىك ئۇچۇرلار |
|
|
|
|