ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-10 12:40:45  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەسقەر مىجىت خەۋىرى ، فوتوسى: 7–ئىيۇل ، غۇلجا شەھىرى دۆڭمەھەللە كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى غەربىي شىنخۇا يولى مەھەللىسىدىكى زۇلپىيە كەشتىلەپ چىققان پارتىيە گېربىنى مەھەللە كومىتېتىغا ئېلىپ كېلىپ ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

  مەھەللە كومىتېت مۇدىرى تۇرسۇنئاي كەشتىلەنگەن پارتىيە گېربىنى كۆرسەتمەكتە
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى، فوتوسى: 6–ئىيۇل ، مۇخبىر غۇلجا شەھەر يېڭىيەر يېزىسىدا دېھقانلارنىڭ بىكار قىلىنغان ئېڭىز ئورنىغا سېرىق پۇرچاق ، بالدۇر پىشار قوناق ، مايلىق ئاپتاپپەرەس قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. نۆۋەتتە ، غۇلجا شەھىرىدە تەكرار تېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ ، تېرىش كۆلىمى 60 مىڭ موغا ، تېرىلىدىغان زىرائەت ، كۆكتات تۈرى 15كە يەتكەن .

دېھقانلار ئېڭىز ئورنىغا سېرىق پۇرچاق تەرمەكتە
     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سائادەتگۈل ئابدۇل خەۋىرى ، فوتوسى: يېقىندا ، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي  كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربان تۇرسۇن ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى باشلاپ ، يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئېزىز سايىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ، ئۇنىڭغا 5000 يۈەن ياردەم پۇلى بەردى ھەمدە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى .

چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربان تۇرسۇن ئېزىز سايىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشماقتا
 
   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى ، فوتوسى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن ، پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا–بازار ، مەيدانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ، كادىرلار ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ، ‹‹ئۈچ پىشقەدەم››لەر ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ، سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ۋە دىنىي زاتلاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى يىغىننىڭ روھىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىپ ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ئاختام يېزىسىنىڭ قولتۇغئېرىق كەنت 1–مەھەللىسىدىكى بىر قىسىم دىنى زاتلار يىغىن روھىنى ئۆگەنمەكتە
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەد خەۋىرى ، فوتوسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، ئاقتۇ ناھىيەسى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ دوختۇرخاندا يېتىپ داۋالىنىش پۇلىنىڭ ئاتچوت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا–بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ ئاتچوت نىسبىتىنى %70تىن %80كە ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئاتچوت نىسبىتىنى %60تىن %70 كە ، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئاتچوت نىسبىتىنى ئايرىم–ئايرىم ھالدا %50تىن %65كە ، ۋە %45تىن %55كە ئۆستۈرگەنلىكتىن ، بۇ يىل ئىيۇلغا قەدەر ناھىيە بويىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان–چارۋىچى 153 مىڭ 400گە ، قاتنىشىش نىسبىتى %99.78كە يەتتى.

دىھقانلار داۋالىنىش تالونلىرىنى ئاتچوت قىلدۇرماقتا
   * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەدئېلى ئەنۋەر خەۋىرى ، فوتوسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ،  لوپ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ناھىيەلىك مەدەنيەت–تەنتەربىيە ، ئاخبارات–نەشرىيات ئىدارىسى ناھىيە ۋە ناھىيەگە قاراشلىق يېزا– بازارلاردىكى ئەلنەغمىچىلەر تېپىش ، ئەل ئىچىدە ساقلانغان خەلق كۈي ، ئاھاڭلىرىنى رەتلەپ خاتىرىلەش شۇنداقلا ، لوپ مۇقامى  ۋارىسلىرىنىڭ تېگىنى تېپىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىدى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ، ھاڭگىيا ، دول ، بۇيا ، سامپۇل قاتارلىق تۆت يېزىدىكى 160 نەپەر خەلق سەنئەتكارىنى ‹‹دۇتار ، تەمبۇر ، راۋاپ ، داپ ، بالىمان ، غىجەك ، نەي›› قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرىنى چېلىش ۋە لوپ مەشرەپ–سەنىمى ئورۇنداش بويىچە تۆت ئاي تەربىيەلەپ ، ئۇلارنىڭ سەنئەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0710/article_9214.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
گۇاڭجۇدىكى تۇتقۇن قىلىش ئەنزىسى نەخ مەيداندا بىر تەرەپ قىلىندى
گۇاڭجۇدىكى تۇتقۇن قىلىش ئەنزىسى نەخ مەيداندا بىر تەرەپ قىلىندى
خوشۇت ناھىيسىدەيەرتەۋرەپ ئۈرۈمچىدە تەۋرەش سېزىمى بولدى
خوشۇت ناھىيسىدەيەرتەۋرەپ ئۈرۈمچىدە تەۋرەش سېزىمى بولدى
شىنجاڭ ئاسمىنىدا نامەلۇم ئالەم جىسمى كۆرۈلدى
شىنجاڭ ئاسمىنىدا نامەلۇم ئالەم جىسمى كۆرۈلدى
‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن
‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردى...
نيۇ يوركتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى
نيۇ يوركتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى
غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
ھىندىستاندا تومۇز ئىسسىق 300 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ھىندىستاندا تومۇز ئىسسىق 300 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
 
 
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
كىنو ئۇچۇرلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ