شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 20 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس 20 – ئاپرېل: ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىن باشلانغان يۇقىرى تېخنىكىلىك كەسىپلەر ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى خەۋپسىزلىك ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرىدۇ، دېدى.
گايتىس شۇ كۈنى ۋاشىنگتون سودا ساھەسىدىكى بىر مۇنبەردە: ئامېرىكا قاتلاملارغا ئايرىلغان ئېكسپورتنى كونترول قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەڭ سەزگۈر بولغان يادرو تېخنىكىسىنى ‹‹ئېگىز تام›› بىلەن قورشاپ، باشقا تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرۇشى كېرەك، دېدى.