ئالمۇتا بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىدا ئۈچ نۆۋەتلىك ئايروپىلان كۆپەيتىلىدۇ
قازاقستان ئاستانە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئالمۇتادىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئۈچ نۆۋەتلىك ئايروپىلاننى كۆپەيتىشنى پىلانلىماقتا.
قازاقستان ئاستانە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى دۆۋلەت مۇنداق دېدى: ئاستانە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نۆۋەتتە جۇڭگودا ئاچقان ئۇچۇش لىنىيىسىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، بىرى ئۈرۈمچىدىن ئاستانىگىچە، يەنە بىرى ئاستانىدىن بېيجىڭغىچە. مەزكۇر شىركەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىدىكى، قازاقستانغا كېلىپ - كېتىدىغان يولۇچىلار ئارىسىدا پەقەت %20 ىلا ئاستانىغا بارىدىكەن، %80 ى ئەتراپتىكى رايونلارغا بارىدىكەن. بولۇپمۇ قازاقستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئالمۇتا ئاستانىدىن بىرقەدەر يىراق بولغاچقا، ئەگەر نۆۋەتلىك ئايروپىلاننى كۆپەيتمىسە، بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدىكەن.
دۆۋلەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولۇچىلار تۈزۈلمىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن قازاقستان ئوتتۇرىسىدا كېلىپ - كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ %80 تىن كۆپرەكى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردۇر. ئۇندىن باشقا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن قازاقستانغا ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئىچىدە قازاقستانلىقلار يولۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدىكەن، بېيجىڭدىن ئاستانىغا ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئىچىدە بولسا %60 ىنى ئىگىلەيدىكەن. دۆۋلەت مۇنداق دېدى: قازاقستاننىڭ جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن قازاقستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۇچىدىغان يولۇچىلار يەنە داۋاملىق كۆپىيىدۇ. بۇ دەل شىركىتىمىزنىڭ ئۇچۇش لىنىيىسىنى تېز ئارىدا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.
ئىگىلىنىشىچە، يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاستانە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇلاپ توشۇش بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل يەنە خەنزۇ تىلى يېزىقىدىكى تور بېكەتلىرىنى ئېچىپ، توردا بېلەت تىزىملىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىش ئۈچۈن ئاساس سالىدىكەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، قازاقستان ئاستانە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قازاقستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2008 - يىلى 9 - ئايدا ئۈرۈمچىدىن ئاستانىگىچە بولغان ئۇچۇش لىنىيىسىنى رەسمىي ئاچقان. ئۇ نۆۋەتتە قازاقستان تەرەپنىڭ شىنجاڭغا قارىتا ئۇچۇش لىنىيىسىنى ئېچىۋەتكەن بىردىنبىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىكەن. ھازىر مەزكۇر ئۇچۇش لىنىيىسىدە ھەر ھەپتىدە ئىككى نۆۋەت ئايروپىلان ئۇچىدۇ، يەنى سەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنى 14:30 دا ئۇچىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتاغا ئۇچۇش لىنىيىسىنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، ھەپتىدە يەتتە كۈن ئۇچىدۇ.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!