ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۇنجى چاچ سوپۇن زاۋۇتى ئۆزبېكىستاندا قۇرۇلدى
ئۆزبېكىستان قاشقادەريا ئوبلاستىنىڭ كاسكان رايونىدا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە مەلھىمىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا قۇرۇلدى. بۇ «Bony Kosmetiks» پاي شىركىتى ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان چاچ ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بىردىنبىر كۈندىلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار كارخانىسىدۇر. بۇ كارخانا ھەر يىلى بىر مىليون 500 مىڭ شېشە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە 800 مىڭ قاپ چاچ يۇيۇش مەلھىمىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلغار تېخنولوگىيە قوللىنىلغانلىقتىن، ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە چەت ئەللەرگىمۇ ئېكسپورت قىلغىلى بولىدۇ.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!