روسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىش ئېھتىياجى ئاشتى
ھازىر جۇڭگو روسىيە قۇرۇلۇش بازارلىرىنىڭ ئەڭ ئىستىقبالغا ئىگە ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. روسىيىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ تىپتىكى مەسلىھەت بېرىش كارخانىسى يەنى ئورتىم خەلقئارا مەسلىھەت بېرىش شىركىتى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى سۈپىتى ياخشى، يۇقىرى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، دېگەن يەكۈننى چىقاردى.
جۇڭگو دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا روسىيىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان خىش ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر سانى 2008 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %34.4 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش دەرىجىسى روسىيىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان تاۋار مىقدارى ئىچىدە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرغان. نۆۋەتتە روسىيە ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ جىددىي ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!