ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا
EIU تەتقىقات شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2010 - يىلى ئۆزبېكىستان يەر شارىدىكى ئىقتىسادى ئېشىۋاتقان بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن. چۈنكى 2010 - يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %8.1 ئېشىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە بەشىنچى ئورۇنغا چىقىدىكەن.
EIU تەتقىقات شىركىتىنىڭ بۇ مۆلچىرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى بىلەن يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاننىڭ 2010 - يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى %8.3 ، دەپ مۆلچەرلىگەنىدى. 2009 - يىلى 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2008 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %8 ئاشتى.
قاتار ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا (%24.5)، تۈركمەنىستان ئىككىنچى ئورۇندا (%11)، ئەزەربەيجان ئۈچىنچى ئورۇندا (%9.5)، جۇڭگو تۆتىنچى ئورۇندا (%8.7) تۇرىدۇ. بۇ قېتىم پۈتۈن دۇنيا بويىچە 200 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرلەندى.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!