
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئامېرىكا يادرو قورال ئىسكىلاتىغا دائىر ئەھۋالنى ئېلان قىلىپ : بۇلتۇر 30–سىنتەبىرگىچە ئامېرىكىنىڭ 5113يادرو ئوق بېشى ساقلانماقتا ، دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا : ئامېرىكىنىڭ يادرو ئىسكىلاتىدا ‹‹ ئۇرۇشتا ئىشلىتىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن›› يادرو ئوق بېشى ساقلانغان . ئامېرىكىنىڭ يادرو ئوق بېشى 1967–يىلىدىكى 31مىڭ225دىن % 84 ئازايدى ، دېيىلدى.
ئامېرىكا ئالىملار ئىتتىپاقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلۈش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يادرو ئوق بېشى4600 گە يېتىدىكەن .

مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى
2010-يىلى5-ماي