2010-يىل5-ئاينىڭ6-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2دىن45مىنۇت ئۆتكەندە(ئىتالىيە ۋاقتى 5-ئاينىڭ5-كۈنى كەچ سائەت8دىن45مىنۇت ئۆتكەندە)2009-2010يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، بۇيىلقى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر لوڭقىسىنى تالىشىش ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى ئورۇندىكى رەقىپلەر بولغان خەلقىئارا مىلان كوماندىسى بىلەن رىم كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە مىلان كوماندىسى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى، بۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر لوڭقىسىنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرمەيدان ئايلانما مۇسابىقىسى بولۇپ ئەگەر خىەلقىئارا مىلان كوماندىسى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىسىلا يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولالايدۇ.

