قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرا ئېغىزى سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرماقتا
2004 - يىلىدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئىككى چوڭ چېگرا ئېغىزىغا تايىنىپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدا ئىزچىل ھالدا ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. تورغات ۋە ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 تىن ئاشتى، ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى بولسا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %113 تىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىلا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %72 تىن ئاشتى. تاشقى سودا ئېكسپورتى قىرغىزستاندىن قازاقستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە روسىيىگىچە كېڭەيدى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى يەن فېنشىن بۇ ھەقتە توختالغاندا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېگرا سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تارىختىلا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قانىلى بولۇپ كەلگەن، تورغات ۋە ئەركەشتامدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك بىرىنچى تۈردىكى چېگرا ئېغىزى بار. ئۇنىڭغا قوشنا بولغان قىرغىزستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن بىردىنبىر دۆلەت، سودا مۇھىتى ياخشى، ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، نۆۋەتتە جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم يىغىش - تارقىتىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان چېگرا ئېغىزى سودىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ھازىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاشقى سودا تىجارەت ھوقۇقى بار كارخانىلار 60 تىن ئاشتى، تاشقى سودا يەرلىكتە بىۋاسىتە ھالدا 500 1 ئىش ئورنىنى ياراتتى، ۋاسىتىلىق ھالدا ياراتقان ئىش ئورنى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن تېرە ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق، كاسېن ۋە شېڭباڭ قاتارلىق ئىككى كۆلەملەشكەن تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىنى جەلپ قىلدى. بۇندىن باشقا، يەنە يىللىق پىششىقلاش مىقدارى 000 6 توننىغا يېتىدىغان يۇڭ يۇيۇش زاۋۇتىنى ۋە تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش تاشلاندۇقلىرىنى خام ماتېرىيال قىلغان يار ژېلاتىنا زاۋۇتىنى قۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تۈركۈم سىرتقا يۈزلەنگەن پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى كۆزلەپ، بەس - بەس بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ جايلاشتى، مەسىلەن: ئاتۇش ئېغىر سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان ساپال بۇيۇملار زاۋۇتى، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ شەرقىدىكى سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان كۇئېنلۇن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى قاتارلىقلار. كۇئېنلۇن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: «زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى تاللىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بۇ يەر ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغا يېقىن بولۇپ، مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا قۇلايلىق». كۇئېنلۇن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا يەنە مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: «ئېكسپورت قىلىشقا ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، بىز رەڭلىك تاشپاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا پۈتۈنلەي ياۋروپا ئۆلچىمىنى قوللاندۇق».
چېگرا ئېغىزى سودىسى يەنە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەردى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئاتۇشنىڭ مۇناق ئۈزۈمى ھەر يىلى قىرغىزستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋېتىپتۇ، بۇ يىل ئۈزۈم ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 000 7 مىڭ توننىدىن ئارتىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
نۆۋەتتە، چېگرا ئېغىزى سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زىچ ئالاقىدار بولغان ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىنى كۆچۈرۈش ئىشلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى چېگرا ئېغىزىنىڭ كۆلىمى ئاران 0.4 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، لايىھىلەنگەن مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 300 مىڭ توننا. ئەمەلىيەتتە بولسا 2008 - يىلى مەزكۇر چېگرا ئېغىزىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 520 مىڭ توننىغا يەتتى. قالاق چېگرا ئېغىزى ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئېھتىياجىنى قىلچە قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. كۆچۈرۈلگەن يېڭى چېگرا ئېغىزىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 3.5 كۋادرات كىلومېتىر، ھازىر بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش - تەكشۈرتۈش ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتۈپ بولدى، بۇ يىل پۈتۈپ تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
غالىپ مامۇت تەرجىمىسى
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!