‹‹ بەدەل ›› خانىم ــ قىزلار سالونى ئۆتكۈزۈلدى

1312 2010-03-08 11:12:00   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   نۇرلان
T|T:خەت رەزمىرى

خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج 


    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : ‹‹ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىزمۇ يەنىلا كەڭ خانىم ــ قىزلىرىمىزغا ساغلام تەن ، كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت . ئانىلار ۋەتەن ، خەلقنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلىگۈچىلەردۇر . ئانىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋەتەن ، خەلق ۋە ھەر بىر ئائىلىنىڭ بەختى . ئانىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئاخىرقى ھېسابتا ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر ! ›› . ــ مانا بۇ شىنجاڭ ‹‹ بەدەل ›› خەلقئارا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى مەردان توختىنىياز ئەپەندىنىڭ ‹‹ بەدەل ›› خانىم–قىزلار ساغلاملىق سالونىدا ئېيتقان سۆزى . 

 
شىنجاڭ ‹‹ بەدەل ›› خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى مەردان توختىنىياز ئەپەندى سۆ‍ز قىلماقتا


    5–مارت چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچى خۇڭفۇ مېھمانسارىيى ئالاھىدە قىزىپ كەتكەنىدى . جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن خانىم–قىزلىرىمىز شىنجاڭ ‹‹ بەدەل ›› خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ بەدەل ›› خانىم ــ قىزلار ساغلاملىق سالونىغا قاتناشقىلى كەلگەن بولۇپ ، ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا خۇشخۇي تەبەسسۇم ئەكس ئېتەتتى . ئۇلار بىر - بىرى بىلەن سالاملاشقاچ ، بىر-بىرىنىڭ پات يېقىندا يىتىپ كېلىدىغان خانىم–قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلىشىۋاتاتتى .  


    پائالىيەت ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق سېرىكچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گۈلنار قېيۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى . گۈلنار قېيۇم ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق خانىم–قىزلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى ھەمدە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى تونۇشتۇردى . ئارقىدىنلا شىنجاڭ ‹‹ بەدەل ›› خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى مەردان توختىنىياز ئەپەندى شىركەتنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى ، ‹‹ بەدەل ›› خانىم–قىزلار ساغلاملىق سالونىنى ئېچىش مەقسىتى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رەيھان ئابلېز خانىم بىلەن بىرلىكتە ‹‹ بەدەل ›› خانىم–قىزلار ساغلاملىق كۇلۇبىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى . ئارقىدىن مەردان توختىنىياز ئەپەندى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھېمىت نىياز ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى پراكتىكا بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى . 

    يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، گۈلنار قېيۇم مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىنۇر قاسىم خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلغاندا ، مەيدان ئىچى گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرىغا تولدى . ماھىنۇر قاسىم خانىم مۇنداق دېدى :جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بىز خانىم–قىزلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ، ساپاسى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى .خانىم - قىزلار دۆلەتنىڭ ، جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىغا ، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى . ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى . بىراق نۇرغۇنلىغان خانىم ــ قىزلىرىمىزدا ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسى ، ساغلاملىقىغا سەل قاراش مەسىلىسى خېلىلا ئېغىر ، مېنىڭ بۇ يەردە خانىم –قىزلىرىمىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم ، خانىم–قىزلىرىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەيلى ، بىز ساغلام بولساقلا بىزنىڭ ئوماق بالىلىرىمىز ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىز ، قەدىرلىك يولداشلىرىمىز ساغلام بولغۇسى ، ۋەتەن ، مىللەت تېخىمۇ تەرەققىي تاپقۇسى ! 


    ماھىنۇر قاسىم خانىمنىڭ قىلغان سۆزلىرى پائالىيەت مەيدانىدا ئولتۇرغان ھەر بىر خانىم ــ قىزلىرىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ ، پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى . ئارقىدىنلا رىياسەتچى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى گۈلسارە نەيىم خانىمنى لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . گۈلسارە نەيىم خانىم بۇ پائالىيەتكە خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى تەييارلىقسىزلا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ، ھازىرقى خانىم - قىزلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ كېسەل —سۈت بېزى راكى بىلەن بالىياتقۇ راكى توغرىسىدا خانىم–قىزلىرىمىزغا چۈشەنچە بەردى . گۈلسارە نەيىم خانىم ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ، بۇ ئىككى چوڭ كېسەلنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق كېسەل ئەمەس ئىكەنلىكى ، پەقەت بالدۇر بايقاش ، ۋاقتىدا داۋالىتىش ئارقىلىق خانىم–قىزلىرىمىز يولۇققان خىلمۇ خىل كېسەللەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى ، بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ نەچچە يۈز يۈەن پۇل خەجلەپ ئېسىل كىيىم–كېچەكلەرنى ئېلىشقا رازى بولسىمۇ بىراق نەچچە ئون يۈەن خەجلەپ ، بىرەر قېتىم تەكشۈرۈتۈشكە كۆزى قىيمايدىغانلىقى ، ئاخىرىدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ داۋالىتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەندە ، مەيدان ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى . 

 
گۈلسارە نەيىم خانىم لېكسىيە سۆزلىمەكتە


    ئارقىدىن مېھنەت مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ، پائالىيەتكە قاتناشقان خانىم–قىزلار ۋەكىلى مەريەم خانىم بىلەن دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى كامىلە مەمتىمىن خانىم ئايرىم ــ ئايرىم ھالدا خانىم –قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، پىسخىك جەھەتتىن ئۇچرىغان خىلمۇ خىل مەسىلىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ، ئۆ‍ز كەيپىياتىنى قانداق تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆپچىلىككە چۈشەنچە بەردى . ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى پائالىيەت مەيدانىدا ئولتۇرغان ھەر بىر خانىم ــ قىزلىرىمىزغا روھىي جەھەتتىن ئوزۇق بولدى . ئارقىدىنلا شىنجاڭ ‹‹ بەدەل ›› شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاڭنۇر ئەلى خانىم ‹‹ بەدەل ›› شىركىتىنىڭ خانىم ــ قىزلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلىغان يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى . ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتلىرى خانىم ــ قىزلىرىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى .


    ئەڭ ئاخىرىدا گۈلنار قېيۇم مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ، پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر بىر خانىم ــ قىزلىرىمىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتتى ھەمدە پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى چەك تارتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . مۇكاپات ئالاھىدە دەرىجىلىكتىن ئۈچىنچى دەرىجىلىككىچە تۆت تۈر بويىچە باھالاندى . مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىنۇر قاسىم خانىم ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى پاشا ئىشان خانىم ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئىسلام خانىم ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رەيھان ئابلېز خانىم ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى گۈلسارە نەيىم خانىم ، شىنجاڭ ‹‹ بەدەل ›› خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى مەردان توختىنىياز ئەپەندى قاتارلىقلار تەلەيلىك مېھمانلارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى . ھەر بىر قېتىملىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزدىن ئايتۇرسۇن ، ئارزىگۈل ئابدۇخېلىل ، زاھىر بۇرھان قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ كۈيلىرى ئارقىلىق خانىم ــ قىزلار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى . پائالىيەت ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى . 


    مۇخبىردىن : ھەقىقەتەن شۇنداق ، ئاياللار بىر قولى بىلەن بۆشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولى بىلەن دۇنيانى تەۋرىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ قەلبى ، مەنىۋىيىتى چەكسىز مېھر ــ مۇھەببەت ، ئالەمچە سۆيگۈگە تولغان . ئۇلار بولغاچ بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل ۋە قەدىرلىك . بىراق ، بەزى يامان خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئۇلارنىڭ روھىي مەنىۋىيىتىنى ئۈزلۈكسىز قۇرۇتۇپ ، گۈزەل ئارزۇ ــ ئارمانلىرىنى بەرباد قىلماقتا ، ھەتتا بەزىلىرىنى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈگە ئېلىپ كەتمەكتە . بىز ئېسىمىزنى بىلگەندىن باشلاپ ، ئانا مۇھەببىتى بىزنىڭ قەلبىمىزگە مەڭگۈ ئورناپ كەتكەن . ئانا ئۈچۈن بارلىقىمىزنى بېغىشلايمىز ، مەڭگۈ قەدىرلەيمىز دەپ ئاغزىمىزدا دەيمىزيۇ ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارغا ھېچقانچە ئىش قىلىپ بېرەلمەيمىز . لېكىن ، ئاياللارنىڭ ، ئانىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ۋاپادار ئايال ، مېھرىبان ئانا بولىدىغان قىزلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ، ئائىلىدىكى رولىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان . شۇنىڭ ئۈچۈن ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ھەرىكەتلىنىپ ، خانىم ــ قىزلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلەيلى ! ئۇلارنى ھۆرمەتلەيلى ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن غەمخورلۇق قىلايلى ! ئۇلارنىڭ قەلبى ئالەمچە شادلانسۇن ، قەلب تۆرىلىرىدىن قىپقىزىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلسۇن ! ئانىلىرىمىز ياشىسۇن ، ياشىغاندىمۇ ساغلام ، تىمەن ياشىسۇن !

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر