برازىلىيىدە ساقچىلار بىلەن زەھەر ئېلىپ – سېتىش شايكىسى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى
شۇ يەر ۋاقتى 17 – ئۆكتەبىر، برازىلىيە پايتەختى رىئو دې ژانېيرودا ساقچى تەرەپ بىلەن زەھەر ئېلىپ – سېتىش شايكىسى ئارىسىدا بىر مەيدان شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، بۇ توقۇنۇشتا 12 ئادەم قازا قىلىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، ساقچى تەرەپنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلگەن.
ئېتىپ چۈشۈرۋېتىلگەن تىك ئۇچار ئايروپىلان