ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان، پاكىستان، ئىران قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭغا جەم بولۇشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي يېڭى ۋەزىيىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدىكى روسىيە - گرۇزىيە توقۇنۇشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىغا بولغان تەسىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىشىش يوللىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش، پاكىستان سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىق، روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يېڭى سىياسىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە سىياسىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلار ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى