ئوتتۇرا شەرىق تىنچلىقى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدىمۇ؟

30 2009-05-04 12:17:22   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئاق سارايغا كۆچۈپ كىرگىنىگە يۈز كۈن بولدى، كىشىلەر بۇ چولپان زۇڭتۇڭنىڭ "يۈز كۈنلۈك سىياسىتى" گە باھا بېرىشكە باشلىدى. ئوتتۇرا شەرىق مەسىلىسىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئوبامانىڭ سىياسىتى مۇشۇ يۈز كۈندە تەدرىجىي روشەنلەشتى. پات ئارىدا ئوباما مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ۋە پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشلەر ئاق ساراي باياناتچىسى ئېيتقاندەك " ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ياردىمى بولامدۇ-يوق، بۇنى ھەممە ئادەم تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

  ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئوباما ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتىش ئىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە ئىران قاتارلىق مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىسىمۇ تەدرىجىي روشەنلەشتى.

  ئوباما زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئىككىنچى كۈنىلا سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى جورج مىشېلنى ئوتتۇرا شەرىقنىڭ پەۋقۇلاددە ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى. شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۈنى كەچتە مىشېل ئىسرائىلىيىگە بېرىپ، ئىسرائىلىيە يېڭى ئىچكى كابېنتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئوتتۇرا شەرىق زىيارىتىنى قىلدى. زىيارەت مەزگىلىدە، مىشېل ئامېرىكىنىڭ "ئىككى دۆلەت yanfunلايىھىسى" ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىق مەيدانىنى ئېنىق ۋە بىۋاستە ئىپادىلىدى ھەمدە يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان نېيتانىياخۇ ھۆكۈمىتىنىنىڭ بۇ پىلاننى قوللاشقا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئاۋۋالقى "ئىككى دۆلەت لايىھىسى" بولغان مۇلايىم قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى.

  ئىران مەسىلىسىگە قارىتا، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتون مۇشۇ ئاينىڭ بېشى ئامېرىكىنىڭ 6 دۆلەت بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك يادرو سۆھبىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھىلارى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىراننى يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياساشنى توختىتىشقا قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ، دېدى. ئوباما مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن بىۋاستە دىپلۇماتىيىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزىدىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.      

  ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرىق مەسىلىسىدە قوللانغان بىر يۈرۈش تەدبىرلىرى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. بۇنداق ئۆزگۈرۈش ئوبامانىڭ سايلامغا قاتناشقان ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزلىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس .

  ئوباما سايلام مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ بولسا بىۋاستە ئارىلىشىش ئارقىلىق ئافغانىستان-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەقە بەرگەن ئىدى. بۇش ھۆكۈمىتى 2007- يىلى ئامېرىكا ئانناپولىستا ئوتتۇرا شەرىق مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئوباما بۇشنى ئافغانىستان-ئىسرائىلىيە تالاش-تارتىشىغا بەك كېچىكىپ ئارىلاشتى، دەپ ئەيىپلەپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئىككى تەرەپنىڭ تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىشتا يىراقنى كۆزلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن "ئىككى دۆلەت لايىھىسى" گە بولغان ئاشكارە ئىپادىسى ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى 3 رەھبەر بىلەن پات ئارىدا ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى ئوبامانىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش پوزىتسىيىسىنى تولۇق نامايەن قىلدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندىن ئىبارەت "دۈشمەن دۆلەت" بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش تەس ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر، ئافغانىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا سىزىقى ئىراننىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا قورال-ياراغ ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، ھالبۇكى تالىبانلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇلار پەيدا قىلغان مۇساپىرلارنىڭ چېگىرىدىنmtv ئۆتۈش ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئېقىپ كىرىش مەسىلىسى قاتارلىقلار ئوخشاشلا ئىرانغا تەھدىت بولىدىكەن. شۇڭا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئاساسى بار دىيىشكە بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئوخشاشلا شىئە مەزھىپىگە تەۋە بولغان ئاساسلىق قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىران ئىراقنىڭ ھازىرقى رەھبىرىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە سادامنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن پاناھلانغان دۆلەت. شۇڭا ئىران ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەسىلىدە، ئىككى ئۇرۇش پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان ئامېرىكا قورال ئىشلىتىپ يېڭىش-يېڭىلىشى ئېنىق بولمىغان يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىيالمايدىكەن، پەقەت دىپلۇماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تايىنىدىكەن.

  ئوتتۇرا شەرىق مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولمايدۇ، شۇنداقلا مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ياخشىلىنىپ كەتمەيدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرىق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى كۆپ تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لىۋىيە رەھبىرى مۇھەممەر كازافى Qaddafi Muammar ئىلگىرى"ئوباما جاھانگىرلىك زۇلمىتىدە چاقنىغان ئۈمىد يۇلتۇزى" دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرىقتە ئومۇميۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى يەنىلا ئىنتايىن ئۇزۇن.

  ئامېرىكا " ئىككى دۆلەت لايىھىسى" نى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئىككى دۆلەتنىڭ پوزىتسىيىسى بۇ لايىھىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە زور توسالغۇ بولدى. ئىسرائىلىيە تەرەپ پەلەستىننىڭ ئۆزىنىڭ يەھۈدى دۆلىتىلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە پەلەستىن بۇ تەلەپنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى؛ پەلەستىن "ئىككى دۆلەت لايىھىسى"نى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئەمما ئىسرائىلىيە بولسا پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىغا قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان "ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسنامىسى" "ئىسرائىلىيىنى ۋەيران قىلىدىغان رىتسىپ" دەپ تەكىتلىدى.

  ئىراننىڭ مەيدانى ئېنىق ئەمەس. ئىران ئامېرىكا-ياۋرۇپا بىلەن "ئىجابىي ئادىل سۆزلىشىش" كە قوشۇلسىمۇ، ئەمما ئىران سوت مەھكىمىسى ئامېرىكىلىق ئايال مۇخبىر سابىرىنى جاسوسلۇق جىنايىتى بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئارقىدىنلا ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېرقىيچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئىسرائىلىيىنى " ئەڭ ئەشەددىي ئەزگۈچى ئېرىقچىلىق flashھاكىمىيىتى" دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىران خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلمىسا، ئامېرىكا ئىراننى تېخىمۇ قاتتىق جازالايدۇ، دېدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى ئىراقتا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 20 ئادەم قازا قىلىپ،يارىلاندى. ئامېرىكا ئىراقتىن قوشۇن چېكندۈرمەكچى بولۇۋاتقان مەزگىلدە، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قاتتىق سىناققا يۈزلىنىدۇ، ئوتتۇرا شەرىق ۋەزىيىتى يەنىلا داۋالغۇش ئىچىدە بولىدۇ.    

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博