غالىپ مامۇت
(شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتى)
ئېلىمىزدە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادمۇ ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىم راۋاجلىنىش ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ماس قەدەملىك، شۇنداقلا دۇنيا خەلقلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەملىكىتىمىزنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ياساش سانائىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشى بىر تەرەپتىن مەملىكىتىمىزنىڭ ئېكسپورت ئىقتىدارىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا باشقا دۆلەتلەر، جۈملىدىن پاكىستان ۋە
ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۇغۇرتا قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ھالبۇكى، ئامېرىكا «ئىككىلەمچى قەرز پۇل كرىزىسى» نىڭ ئۈزلۈكسىز يامراپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ياساش سانائىتى بولۇپمۇ سۇغۇرتا قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرى بارغانسېرى كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. پۇل پاخاللىقى خەتىرى، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ توختىماستىن تەۋرىنىشى، پۇل پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ھەرىكەتچان ئۆزگىرىشلەر ھەم سۇغۇرتا بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەتلەر ئەمدىلا راۋاجلىنىپ ئالتۇن دەۋرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىچىلىقىنى بارغانسېرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بولۇپمۇ چەت ئەل سۇغۇرتا كارخانىلىرىنىڭ شاڭخەي ۋە شېنجىندا قۇرۇلغان تارماقلىرى نەزىرىنى بارغانسېرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە غەربىي شىمالغا تىكىپ، بۇ جايلاردىكى مىللىي سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئارا ناتوغرا رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا سىجىل رىقابەت ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
مىللىي سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تۆلەم ئىقتىدارى خەتىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
سۇغۇرتا رىقابەت نىشانىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى، تىجارەت مەبلىغىنىڭ قەرزدارلىققا ئىگە بولۇشى، سۇغۇرتا فوندىنىڭ قايتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا سۇغۇرتا تەسىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن، تۆلەم ئىقتىدارى خەتىرى مىللىي سۇغۇرتا شىركەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر خەتەر بولۇپ قالدى. كاپىتال مەبلىغىنى تولۇقلاش ۋە ئومۇمىي زاپاس فوندىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تۆلەم ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئەمما، كاپىتال مەبلىغىنى تولۇقلاشنى تۆلەم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە دائىم قوللىنىلىدىغان باشقۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ كاپىتال مەبلىغىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، دۆلەت مالىيىسىدىن پۇل ئاجرىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر دۆلەت مالىيىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلسا، كاپىتال مەبلىغىنى تولۇقلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. تاشقى جەھەتتە ئامېرىكا «ئىككىلەمچى قەرز پۇل كرىزىسى» پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى ۋە ئىچكى جەھەتتە سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ھەمدە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى دۆلەت مالىيىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ كاپىتالىنى تولۇقلاش ھەقىقەتەن قىيىن بولىدۇ. ئەگەر پاي ھەسسىدارلىق تۈزۈمىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى كاپىتال مەبلىغىنى كۆپەيتمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا پايچىكلاردىن كاپىتال مەبلىغىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ قىلچە مۇمكىن ئەمەس، پەقەت يېڭىدىن پاي چېكى تارقىتىشقىلا بولىدۇ. ھالبۇكى، يېڭىدىن پاي چېكى تارقىتىش ناھايىتى قاتتىق ھەم مۇرەككەپ تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مىللىي سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تۆلەم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە بىرقەدەر ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىر يەنىلا ئومۇمىي زاپاس فوندىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت. ئەمما ئومۇمىي زاپاس فوندىنى ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىقلا كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
مىللىي سۇغۇرتا شىركەتلىرى قايسى تۈرگە مەبلەغ سېلىشى كېرەك؟
مىللىي سۇغۇرتا شىركەتلىرى كەسپىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاكسىيە، پاي چېكى ۋە قەرز پۇل تارقىتىش ھەمدە مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەبلەغ سېلىش ۋاسىتىلىرىنى داۋاملىق قوللىنىش بىلەن بىرگە، ھەر خىل فوند ۋە كەسىپلەر ئارا ئۆتنە - بېرىم قىلىش، ئالتۇن ۋە تاشقى پېرېۋوت تۈرلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ سوممىسىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى سۇغۇرتا كەسپىدىكى چېگرا ھالقىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى سۇغۇرتىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ تاللاش كېرەك.
بۇنىڭ سەۋەبلىرى:
1. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا. مەسىلەن: دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى بىرلىكتە تۈزگەن «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 9002 - يىللىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى رەت تەرتىپى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«رەت تەرتىپى» دەپ ئېلىندى) گە ئاساسلانغاندا، باھالاشقا قاتناشقان 180 دۆلەت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە قىرغىزستاننىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئەڭ ياخشى بولغان، تاجىكىستاننىڭ بولسا ئەڭ ناچار بولغان. دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇشتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ - پىكىرىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، يەنە كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىش، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىش، مال - مۈلكىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، قەرز پۇلغا ئېرىشىش، باجدا ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش، خەلقئارا سودا ئەھۋالى، كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كاپالىتى ۋە كارخانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان «رەت تەرتىپى» دىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قىرغىزستاننىڭ 2008 - يىلى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن يىللىق ئوتتۇرىچە مىللىي دارامىتى 590 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئەسلىدىكى 99 - ئورۇندىن ھازىرقى68 - ئورۇنغا ئۆتكەن. ئۇندىن باشقا، ھازىر قازاقستان 70 - ئورۇندا، تاجىكىستان 159 - ئورۇندا تۇرغان.
2. ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
«ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانى» غا ئەزا بولغان ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، جۇڭگو، قازاقستان، قىرغىزستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ئېلىمىز ئالاھىدە زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ، دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە ۋە سۇ يولى ترانسپورت تورىنى ياخشىلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئېلىمىزنىڭ ياساش سانائىتى ۋە سۇغۇرتا كەسپىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان شەرت - شارائىتنى يارىتىپ بېرىدۇ.
3. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن ئېلىمىز خەلقىنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ سۇغۇرتا ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە نىسبەتەن ئىستېمال قارىشىدا پەرق يوق دېيەرلىك.
نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سۇغۇرتا بازىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇ ئېلىمىزنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلىش يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور بولغان مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سۇغۇرتا بازىرىنى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە ئېچىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان بازار دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ دەل ئېلىمىز سۇغۇرتىچىلىقىنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىجارەت خەتىرىدىن قۇتۇلۇش ھەمدە چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق پايدا ئۈنۈمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىسىگە ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت سۇغۇرتا بازىرىنىڭ تەدرىجىي ئېچىلىپ سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سۇغۇرتا بازىرىنىمۇ ئېچىشقا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بەلگىلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر.
دېمەك، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا «ئىككىلەمچى قەرز پۇل كرىزىسى» ۋە ئۆسۈم نىسبىتى تەۋرىنىش خەتىرى، شۇنداقلا سۇغۇرتىچىلىق رىقابىتىنىڭ خەلقئارالىشىشى قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىچىلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرقى ئىچكى بازار ئېھتىياجى نىسبىي تويۇنغان ئەھۋالدا، ئوتتۇرا ئاسىياغا «يۈرۈش قىلىش» - ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىچىلىق تەرەققىياتىدىكى يېڭى بۆسۈش بولۇپ قالغۇسى.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!