ئۇكرائىنا زۇڭلىسى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى « ئۈستەل مۇشتلاشتى »

153 2009-05-22 12:44:14   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 21 - ماي تېلېگراممىسى: روسىيىدىكى « سودىگەرلەر گېزىتى » بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنانىڭ زۇڭلىسى تېموشىنكو ئاخشام ئېچىلغان خىزمەتلەردىن دوكلات ئېلىش يىغىنىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېخانوروۋ بىلەن ئۈستەل مۇشتىلىشىپ ۋارقىرىشىپ كەتتى، ھەتتا ئۇ يىخانوروۋغا « ۋەزىپەڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن! » دەپ تەھدىت سالدى.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: زۇڭلى تېموشىنكو دكلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ئەۋج ئالغان خىيانەتچىلىك مەسىلىسىگە ئائىت دوكلاتنى ئاڭلاۋاتقاندا، يېخفنوروۋ گەپ قىستۇرۇپ دوكلاتچىنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن تېموشىنكو ئۈستەلنى مۇشلاپ: « بۇ ئويۇنىڭنى نەگە بېرىپ ئوينىساڭ ئوينا، ئەمما مېنىڭ ئالدىمدا كۆز بويامچىلىق قىلما ! » دەپ تىللىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博