خەلقئارا نېفىت باھاسى 28 – يانۋار يۇقىرى باھادا يېپىلدى

30 2008-01-31 19:56:54   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

 
    مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ۋە ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا نېفىت باھاسى مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنى باشتا تۆۋەنلەپ، كىيىن يۇقىرى باھادا يېپىلدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان ھەر بىر باك يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 28 سىنت ئۆرلەپ، بازار 90.99 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا ؛ لوندون تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان شىمالىي دېڭىز بىرونت خام نېفىتىنىڭ ھەر بىر باكنىڭ  قەرەللىك مال باھاسى 24 سىنت ئۆرلەپ، بازار 91.38 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.

 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر