ئالاتاۋ پورتى دۆلەت باج ئىدارىسىدىكىلەر جۇڭگو –قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ۋە جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئالاتاۋ پورتى خەلقئارا ئۈسكۈنىلەر چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ پورتقا ماكانلاشقانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە، بۇلتۇر ئالاتاۋ پورتىنىڭ دۆلەت باج كىرىمى 600مىليون 300مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2006 –يىلدىكىدىن %33.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئالاتاۋ پورتى خەلقئارا ئۈسكۈنىلەر چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باج 300مىليون 810مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالاتاۋ پورتى دۆلەت باج كىرىمىنىڭ %63نى ئىگىلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى