. شاڭخەي، شېنجىن ئاكسىيە بازىرى كۆرسەتكۈچى 28 – يانۋار زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. شاڭخەي ۋە شېنجىن ئاكسىيە بازىرى ئايرىم ھالدا 4 مىڭ 419.29 نۇقتا ۋە 16 مىڭ 177.83 نۇقتىدا يېپىلىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 7.19 پىرسەنت ۋە 6.45 پىرسەنت تۆۋەنلىدى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خوڭرېن يېقىندا: دۆلەت كىچىك كۆمۈر كان، كىچىك ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆمۈر، توك يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ئويلاشمايدۇ - دېدى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2006 - يىلىدىكىدىن 11.4 پىرسەنت ئاشقان، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 0.3 پوئىنت تۆۋەنلىگەن.
بازاردا ‹‹ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى قىسقا مەزگىلدە يەنە تۆۋەنلىتىدۇ›› دەپ مۆلچەرلەنگەنلىكتىن، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى داۋاملىق يۇقىرىلىدى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 2 مولۇق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 7 يۈەن 1 مو 9 پۇڭ 96 لىلىق باھا بىلەن ئۇدا تۆت كۈن يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ شۇنداقلا بۇ يىلدىن بۇيان خەلق پۇلى پىروۋوت نىسبىتىدە كۆرۈلگەن 11 - يېڭى يۇقىرى سەۋىيە. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن تۈنۈگۈن بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق پۇللارنىڭ خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە: بىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 7 يۈەن 1 مو 9 پۇڭ 96 لىغا، بىر ياۋرونىڭ 10 يۈەن 5 مو 6 پۇڭغا، 100 ياپونىيە يىنىنىڭ 6 يۈەن 7 مو 3 پۇڭ 93 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلىنىڭ 9 مو 2 پۇڭ 206 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوندسىتىرلىڭىنىڭ 14 يۈەن 2 مو 5 پۇڭ 23 لىغا ئايرىۋاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
.دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خوڭرېن دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت قاتناش ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، خەلق ئىگىلىكى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، سانائەت ئىقتىسادى بىر قەدەر تېز ئاشتى، ئۈنۈم كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئايلىنىش سۈپىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئېنىرگىيە تىجەپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتا يېڭى ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى، مالىيە مىنىستىرلىكى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە يېقىندا‹‹مەملىكىتىمىزدىكى مۇزىي، خاتىرە سارايلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش›› نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرى باشقۇرىدىغان ئاممىۋى مۇزىي، خاتىرە ساراي، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ھەقسىز ئېچىۋېتىدۇ.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىئاتسىيە تۈرلىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىش بايلايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى ئىشلىرىدا 763 مىليون 800 مىڭ يۈەنلىك تەنتەربىيە لاتارىيىسى سېتىلىپ، يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەن. 700 مىليۇن يۈەنلىك يىللىق كۆرسەتكۈچ ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يىللىق تەنتەربىيە لاتارىيىسى سېتىش كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىسى 800 مىليون يۈەن، نىشان ۋەزىپىسى 900 مىليون يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى ئىقتىساد، سودىدا ئىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 16 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن 20 پىرسەنت ئاشۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا ئېلىكتىر، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 22 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش، چەتئەل سودىگەرلىرى بىۋاستە سالغان مەبلىغىنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتىنى 35 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇش، چەتئەللەردە قۇرۇلۇش كۆتۈرە ئېلىش ۋە ئەمگەك مۇلازىملىقى ھەمكارلىقى تىجارەت سوممىسىنى 20 پىرسەنت ئاشۇرۇش بەلگىلەندى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارىدىغان بارلىق پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئوقۇغۇچىلار بېلىتى قىلىپ ئايلانما شەكىلدە سېتىشنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بېلەت ئېشىپ قالسا، پويىز يولغا چىقىشتىن 10 كۈن ئىلگىرى باشقىلارغا ئالدىن سېتىپ بېرىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جايلاردىكى مال باھاسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن نۆۋەتتىكى ۋە چاغان مەزگىلىدىكى بازار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە بايرام مەزگىلىدە بازارنى تەكشۈرۈش، باھا ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 12358 باھا ئەرزىيەت تېلىفونىنىڭ 24 سائەت راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، يىڭى، تىرىك يېزائىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش بويىچە جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ ‹‹يېشىل ئۆتۈشمىسى›› دە يىڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنلۇق باسقان تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىدىن بىردەك يول ھەققى ئالماسلىقنى قارار قىلدى. بۇ تەدبىر توشۇش تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىپ، بايرام مەزگىلىدە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاممىنى تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا خېمىيىۋى ئوغۇت بىلەن تەمىنلەشتە داۋاملىق باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باھانى خالىغانچە ئۆستۈرىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
.بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7.1 توننىغا يىتىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى