4 يىللىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ‹‹كۆمۈر كانى›› دەپ نام ئالغان شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقىدا بۇلتۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى زاپىسى 164 مىليارد توننىغا يېتىپ، 2003–يىلىدىكىدىن 1.65 ھەسسە ئاشتى، بۇ شەرقىي جۇڭغار رايونىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر ئېلېكتر كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇشقا تولۇق خام ئەشيا ئاساسىنى تىكلىدى.
مۆلچەرلىنىشىچە، شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقىدا كۆمۈر بايلىقى زاپىسى مىقدارى 390 مىليارد 230 مىليون توننىغا يېتىدىكەن ھەمدە كۆمۈر قاتلىمى كۆپ، قېلىن، تېيىز، سۈپىتى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى