بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ ئاكسىيە سودا ئومۇمىي سوممىسى647 مىليارد 378 مىليون يۈەنگە يەتتى

1506 2008-01-31 19:47:10   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

  
   2007 – يىلى شىنجاڭنىڭ ئاكسىيە سودا ئومۇمىي سوممىسى647 مىليارد 378 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2006– يىلدىكىدىن %538.46 ئاشقان. شىنجىن، شاڭخەي ئىككى بازارنىڭ B پايچېكى سودا سوممىسى 4 مىليارد 201 مىليون يۈەنگە، 3 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بويىچە جەمئىي پۈتۈشۈش سوممىسى 651 مىليارد 575 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

   2007 – يىلى، شىنجاڭدا A پايچىكىگە  مەبلەغ  سالغۇچىلار بىر مىليون 210 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، پايچىكلارنىڭ كۆپىيىشى سودا تەننەرخى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. 2007– يىلى،  پايچىكلارنىڭ سودا تەننەرخى 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2006– يىلدىكىدىن  6 ھەسسە ئاشقان. 2006- يىلى شىنجاڭدىكى پايچىكلارنىڭ ئوتتۇرىچە سودا تەننەرخى 950 يۈەندىن ئېشىپ، نۆۋەتتىكى%0.5 لىك سودا تەننەرخى بىلەن ھېسابلىغاندا، 2007– يىلى ئوتتۇرىچە سودا تەننەرخى 2006– يىلدىكىدىن تەخمىنەن بىر مىڭ 500 يۈەنگە يېقىن ئۆرلىگەن .

 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر