-
"ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ تۆت خىل تەبىرى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2011-07-05
تارىخشۇناسلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ بىشىدىن ئىتىبارەن "ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇ توغرىسىدا تۈرلۈك تارىخىي خاتىرىلەرگەئاساسلىنىپ تەبىر بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋەماتېرىيال ئاساسىي تۆۋەندىكىچە:
1. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ۋە رادلوف مۇنداق دەپ يازىدۇ:
... ئۇنىڭغا (رىۋايەتلەردىكى تۈركىي تىلىدا سوزلىنىدىغان ھەلقىلەرنىڭ بوۋىسى)"ئاللا" غا ئېتىقاد قىلىش ئۇچۇن ئۆزىنىڭ تاغىلىرى،بۇرادەرلىرى، ھەمىشىرىلىرى قاتارلىق بىرمۇنچە تۇغقان - جەمەتلىرى بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلدى. ئۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا ھەمكارلاشتى. بەزىلىرى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ يىڭىلىپ قالغاندىن كېيىن تىز پۈكتى.ئۇغەلىبە قىلغاندىن كېيىن، زەپەر تويى ئۆتكۇزۇپ ئۆز قوۋملىرىغا، جەمەت ئاقساقاللىرىغا، جەڭچىلىرىگە ئىنئام بېرىپ، بىرلىككەكەلتۈرۈلگەن بۇ قەبىلىداشلارنىڭ ئورتاق نامىنى "ئۇيغۇر" دەپ ئاتىدى