"ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ تۆت خىل تەبىرى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2011-07-05
"ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ تۆت خىل تەبىرى
قۇربان ۋەلى
تارىخشۇناسلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ بىشىدىن ئىتىبارەن "ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇ توغرىسىدا تۈرلۈك تارىخىي خاتىرىلەرگەئاساسلىنىپ تەبىر بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋەماتېرىيال ئاساسىي تۆۋەندىكىچە:
1. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ۋە رادلوف مۇنداق دەپ يازىدۇ:
... ئۇنىڭغا (رىۋايەتلەردىكى تۈركىي تىلىدا سوزلىنىدىغان ھەلقىلەرنىڭ بوۋىسى)"ئاللا" غا ئېتىقاد قىلىش ئۇچۇن ئۆزىنىڭ تاغىلىرى،بۇرادەرلىرى، ھەمىشىرىلىرى قاتارلىق بىرمۇنچە تۇغقان - جەمەتلىرى بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلدى. ئۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا ھەمكارلاشتى. بەزىلىرى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ يىڭىلىپ قالغاندىن كېيىن تىز پۈكتى.ئۇغەلىبە قىلغاندىن كېيىن، زەپەر تويى ئۆتكۇزۇپ ئۆز قوۋملىرىغا، جەمەت ئاقساقاللىرىغا، جەڭچىلىرىگە ئىنئام بېرىپ، بىرلىككەكەلتۈرۈلگەن بۇ قەبىلىداشلارنىڭ ئورتاق نامىنى "ئۇيغۇر" دەپ ئاتىدى. بۇ ئاتالغۇ"بىرلەشكەنلەر"، "ھەمكارلاشقانلار" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇئاتالغۇنى قەبىلىلەر بىرلىككە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق قوللىنىدىغان بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە ئەۋلادلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ نامى قىلىدىغان بولدى...رادلوف بۇ تەبىرنى مىلادى 16 - ئەسىردە يېزىلغان "تارىخى رەشىدى" نىڭ 1-بابىدىن پايدىلىنىپ "قۇتادغۇ بىلىك" ئۇچۇن يازغان "كىرىش سۆز" ئارقىلىق ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەبىرنى ئاساس قىلغۇچىلار كۆپەيدى.
2. يۇقىرىدىكى تەبىردىن بۇرۇن، 17 - ئەسىردە ئوتكەن ئوبۇلغازى ئۆزىنىڭ "تۈرك شەجەرىسى" دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان:... ئوغۇزخان ئۇلارغا "ئۇيغۇر" دەپ نام بەرگەن. بۇ تۈركىي سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ"ئىتائەت قىلغۇچى" دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. كىشىلەر ئىچىدە سۈت ئۇيۇشىدۇ، ئۇ ئۇيۇشتىن بۇرۇن سۇيۇق ۋە چېچىلىپ كېتىدىغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ قالىدۇ. "ئۇيغۇر" دېگەن سۆز مۇشۇ "ئۇي" دىن كەلگەن،
دېگەن ئوخشىتىشلار بار. كىشىلەر ئارىسىدا يەنە "ئىمام" ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك، دىيىلىدۇ. ئىمام ئولتۇرسا بىز ئولتۇرىمىز، ئىمام قوپسا بىزمۇ قوپىمىز، بۇ "ئىتائەت قىلمىش" ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ھەممىسى ئوغۇزخاننىڭ پېشىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تىز چۆككەندە،
خان ئۇلارنى "ئۇيغۇر" دەپ ئاتىغان، دېمەك بۇ "ئىتائەت قىلغۇچىلار" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ...بۇ تەبىرنىمۇ ئاپتورئوبۇلغازى "تارىخى رەشىدى" نىڭ 1 - بابىنى كۆرگەندىن كېيىن ئالغان چۇشەنچىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىققان. ۋەھالەنكى، رادلوف بىلەن ئوبۇلغازىنىڭ پايدىلانغان كىتاب مەنبەسى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ چىقارغان يەكۇنلىرىدە
پەرق بار. ئوبۇلغازى "ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇغا تەبىر بىرىشتە تولىراق ئىسلام ئەقىدىلىرىگە يەقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشقان.
3. يۇقىرىدىكى تەبىردىن بۇرۇن، مىلادى 11 - ئەسىردە يېزىلغان "تۈركىي تىللاردىۋانى" دا يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل تەبىر بار:... زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئەلىگە يىقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000
ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قانىتىغا ئوخشايتتى. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتاتتى. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە: " بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئوز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ"، دەپتۇ..."تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقىرى شۇ بابتا يەنە "ھوزھۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئاھاڭ ئوزگىرىش قانۇنىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، تۈركىي تىللاردا "ھ" نىڭ"غ" غا، "ز" نىڭ "ي" غا ۋە "ھ" نىڭ بەزىدە "غ" غا ئالمىشىپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، "ھوزھۇر" دېگەن سۆزنىڭ "ئۇيغۇر" دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولغانلىقىنى قەيت قىلغان، شۇنداقلا، يۇقىرىدىكى رىۋايەت ۋە تەھلىللەر ئارقىلىق"ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇغا ۋاسىتىلىك ھالدا تەبىر بەرگەن.
4. يۇقىرىدىكىلەردىن بۇرۇن، خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردە يەنە مۇنداق مەنبەلەربار:
(元和) نىڭ 4 - يىلى (مىلادى 809 - يىلى). ئاي تەڭرى بولمىش قامۇغ بىلگە خاقان (يەشمىسى: ئاي ئىلاھىدىن تورەلگەن، ھەممىگە ئىقتىدارلىق خاقان). بۇسۆزنىڭ تەلەپپۇزى خەنزۇچە خەت بىلەن مۇنداق يېزىلغان:(蔼德曷里禄没弭施合密昆迦可汗) ئەلچى ئەۋەتىپ، مىللىتىنىڭ نامىنى بۇنىڭدىن ئىتىبارەن "شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلىدىغان" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان "回鹘"(ئۇيغۇر) دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتاشقا باشلاشنى ئۇقتۇرغان ... ("كونا تاڭنامە" نىڭ
195 - جىلدىغا قاراڭ).("ئەل تۇتۇش ئورنەكلىرى" (资治通鉴) دېگەن كىتابنىڭ 235 - جىلدىدە بۇ سوز (真元) نىڭ 5 - يىلى (مىلادى 789 - يىلى) ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوز ئىدى. دەپ قەيت قىلىنغان)."ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە ھازىرغا قەدەر قەدىمكى كىتابلاردا بىزگەئۇچرىغان تەبىرلەر يۇقىرىدىكى تۆت خىلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى ئۈستىدەئىزدىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كوپىنچىسى قانداقتۇر ئالدىنقى ئىككى خىل تەبىرنىلا كۆچۈرۈپ يېزىپ ئۆز ئەسىرى ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرماقتا. ھالبۇكى، "ئۇيغۇر" دېگەن ئاتالغۇغا تەبىربەرگەندە كېيىنكى ئىككى خىل تەبىرنىمۇ ئويلىشىپ كورۇشكە ۋە تەتقىق قىلىپ بېقىشقا
ئەرزىيدۇ.
ئىزاھ:
(1) "زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئىلىگە يىقىنلاشقاندا" دېگەن دەۋر ئۇقۇمى بار سۆزدىن قارىغاندا، "ئۇيغۇر" دېگەن سۆز مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىردىلا مەۋجۇت ئىدى.
(بۇ ماقالە “شىنجاڭ ياشلىرى” 1985 – يىل 1 – سانىدا ئېلان
قىلىنغان).
收藏到:Del.icio.us


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.