تۆنۈگۈن Google شىركىتى يەنە بىر يېڭى مۇلازىمەت Google Sites نى چىقاردى، مەزكۇر مۇلازىمەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتىنى ئاسانلا Google تەمىنلىگەن ھەقسىز بوشلۇقتا ياسىيالايسىز. ئۇ ئارقىلىق شىركەت ياكى ئەترەت تور بېكىتى، شەخسى بلوگ، ئېلان بوشلۇقى، ئالبوم ۋە باشقا تۈرلۈك تور بېكەتلەرنى ياساشقا بولىدۇ. مەزكۇر مۇلازىمەتنىڭ ئىش يۈزى ھەم گۇگولنىڭ كونا ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، ئىنتايىن ئاددى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىشلەتكۈچى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ئىقتىدارى يەنىلا كۈچلۈك. Google Pages گە قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلغان ھەركەتلىك تور بېكەت ياساشقا بولىدۇ.
Google Pages دە پەقەت Html شەكىلدىكى تىنچ تور بەت ياساشقا بولاتتى. ئەمدى Sites ئارقىلىق تېخىمۇ مۇرەككەپ شىركەت تور بېكەتلىرىنى ھەقسىز ياساشقا بولىدۇ. Google بۇنىڭ ئۈچۈن ھىچقانداق ھەق ئالمايدىكەن. بەت يۈزىگە ھۆججەت قوشۇشقا، رەسىم چىقىرىشقا بولىدىكەن. باشقىلارنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تەكلىپ قىلىشقا، ۋە ياسىغان بەتنى ئورتاق تەھرىرلەيدىغان ئەترەت بېتى قىلىشقا بولىدىكەن.
ئادرېسى:
sites.google.com
评论