- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17403
- نادىر
- 2
- يازما
- 1564
ئۆسۈش
18.51%
|
ئۈستىدىكى ئەردەم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …
سىزنىڭ يازغانلىرىڭىز گۈلەننىڭ پىكىرلىرىنى ئاغدۇرۇشقا ئەمەس بىر تال مويىنى ئاغدۇرۇشقىمۇ يەتمەس ،توغرا بەزى بىر خاتالىقلار ياكى ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەرگەندۇ ئەمما شۇنداقتىمۇ بۇ گۈلەننىڭ ئىيتقانلىرى ھەقىقەتنى بۇرمىلىغانلىق ،يالغاننى توققانلىق دىگەن يەرگە كەلمەيدۇ …گۈلەننىڭ ئىيتقان ،ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە مىسىردا ئوقوغان ئەمەس دىيارىمىزدا ئوقوغان قارى،داموللا ئۆلىمالىرىمىزدىمۇ ساقلانغان ئىنتايىن ئىغىر مەسىلە …مەن دىيارىمىز خوتەننىڭ دىنىي پۇرىقى ئىنتايىن قويوق رايونىدا دىنىي موھىت ۋە شۇ قارى داموللىلار بىلەن بىرگە يۈرۈپ ،ھەمسۆھبەت بولوپ چوڭ بولدۇم تاكى 11يىل ئاۋۋالقى ۋاقىتقىچە ،كىيىن پىكىرىمىز پەقەت بىر يەردىن چىقمىدى ،ئاستا ئاستا يىراقلاشتوق …بىزنىڭ كۈن نورى كۆرمەي ئوقوغان ۋاقىتلىرىمىز كۆپ ئىدى ،ئەپسۇس ئاقىۋەت مەن پەن ئوقوش يولىنى تاللىغىنىمدا ئۇلارنىڭ دەۋاتقان گىپى ھازىرغىچە ھىلى ئاڭلىغاندەك ئىسىمدە ،ئۇلار يۇرتىمىزنىڭ ئۆلىمالىرى ،ھۆرمەتكە سازاۋەر قارى داموللىلار ئىدى ،ئۇلار دىدىكى قۇرئاندەك پۈتۈن ئىلىملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۈيۈك كىتابلار بار يەردە ،پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئەسەرلەر بار يەردە باشقا كىتابلارنى ئوقوش ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ئىشىمۇ ؟نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن قۇرئاندا ئوتتۇرىغا قويولغان ھەقىقەتلەرنى ئەمدىلەتىن پەن ئىسپاتلاپ چىقىۋاتىدۇ دىگەندەك پىكىرلەر ئىدى ،مەن ئۇلارغا ئاسانلىق ،ئامانلىق تىلەپ ئايرىلدىم …نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى قۇرئاندىكى شۇ ھەقىقەتلەرنى پەن ئەمدى ئىسپاتلاپ چىقتى ،پۈتۈن ئىلىملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۈيۈك قۇرئان بار يەردە باشقا كىتابلارنى ئوقوش ئىنساننىڭ ئىشىمۇ ؟ قۇلاق تۈۋىمدە بۇ سادالار ماڭا ئارام بەرمىدى ،بۇ سۆزلەرنى خاتا دىيىشكە تىلىم ،ئۇنداق ئويلاشقا دىلىم بارمايدۇ ،ئەمما كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىئارام ،شۇڭا سۆزسىز ياخشى تىلەك تىلەپ ئايرىلدىم ،قۇرئاندىكى شۇ ھەقىقەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى پەن ھازىر بولسىمۇ ئىسپاتلاپتۇ ،پەن شۇنى ئىسپاتلاپ بولغىچە نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى توختىماي شۇ بۈيۈك كىتابلارنى ئوقوۋاتقانلار نىمە ئىش قىلغان بولغىيتتى ؟نىمىشقا شۇلار بەك ئوقوغاندىكىن ئۇلار بۇرۇنراق ئىسپاتلىۋەتمەيدۇ ،ئەگەر پەن ئىسپاتلىمىسىا تىخى شۇ ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي ئۆتەركەنمىز .
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دىن پۈتۈن ئىلىم ئىدى ،مۇكەممەل مۇجەسسەم ئىلىم ئىدى ،دوختۇرلوق ،ئىنجىنىرلىق ھەتتا پۈتۈن ئىلىملەرنىڭ كانى ئىدى …دوختۇرخلوق ئۈچۈن تىبابەت ئىلمىي ،ئىنجىنىرلىق ئۈچۈن تەبىي پەن بىلىملىرى كىتابلىرىنى كۆرۈش دىگەندەك ئۇقۇمنى ئۇلارنىڭ بۇ ئۆمرىدە چۈشىنىشى مومكىن ئەمەستەك ئىدى، كىيىن يەنە شۇنى بايقىدىمكى دىنى ئىتقادى كۈچلۈك ياكى مۇستەھكەم دەپ قارالغان ھەر قانداق بىر قىرىندىشىمىزنىڭ ،دىنى ئۆلىمالارنىڭ ،قارى داموللىلارنىڭ كاللىسىدا ئۇيغۇرلوق ئاڭ ،ئۇقۇم ،چۈشەنچە مەسئۇلىيەت دەيدىغان ئۇقۇم ئاساسەن يوقكەن ياكى زىيادە تۆۋەن بولىدىكەن ،ئەرەبنىڭ مايماق ئىشى بىلەن ئۆزىنىڭ پەرىشتە ئانىسىنى چۆلدە كىتىپ بىرىپ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە مەن ئۇلارنىڭ چوقوم ئىككىلىنىپ خىلى تەستە بىر قارارغا كىلىىدىغانلىقىغا مەن ئىشىنىمەن ،چۈنكى ئاۋۇ ئەرەپنىڭ ئىشىكى ئەمەسمۇ …
ئەمدى بۇ مىسىر ياكى تۈركىيەدە ئوقوغانلاردىن قايسىسىدە ئۇيغۇرلۇق ئاڭ ،ئۇيغۇرلوق ھىسىيات ئۇيغۇرلوق مەسئۇلىيەت بارلىقى ياكى نىسبەتەن كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكى بۇ بىزلەرگە ئايدىڭ …
مىنىڭ سىزگە دىمەكچى بولغىنىم قاراڭ ،ئۇيغۇرلۇق ھىسىياتى بولمىغان ھەر قانداق بىرىڭلارنىڭ ھەر قانچە بەك ئوقوپ كەتكەن بولساڭلارمۇ بىزگە ،بولوپمۇ ماڭا كىرىكىڭلار يوق ،ئىمكانىيەت بولسا شۇ يەردە ئەرەپلەرگە ئايلىنىپ ياشاۋىرىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ،بۇنداق بولغاندا ئارىمىزدا تارتىشماق بولوشنىڭ ،بۆلۈنىشنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئالدىنى ئىلىشقا پايدىسى بار ،ھىچكىشى چىلىمايدۇ ،ئەرەپنىڭ ئىشىكىمۇ تىزەكتىن باشقىنى چىقارمايدۇ دەپ كىتىۋىرىمەن .ئەمما سىلەردە ئۇيغۇرلۇق ئۇقۇم،ئۇيغۇرلوق ھىسىيات ،ئۇيغۇرلوق مەسئۇلىيتىمۇ تەڭ يىتىلگەن بولسا ،ئابدۇقادىر داموللاملاردەك ھەقىقەتەن يىتىلگەن ئەزىمەتلىرىمىز بولساڭلار بىز سىلەرگە ئىنتىزار ،ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە سازاۋەر ۋە ھەقلىق ،بىز ئۈچۈن قەدىردانلارسىز …
|
|