قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: enjumen

ئا.ئايۇپ: شانلىق يول ۋە خارلىق يولى

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

4

دوست

889

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33534
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 281
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 22:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ERDEM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 21:52  

بۇ تېمىدىن مەن چىكىندىم. شۇڭا بۇ ئىنكاسنىمۇ ئۆچۈرۋەتتىم.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2344

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 714
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 22:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدىن نەقىل،7-ئابزاس: ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆلىمالارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى، رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى ۋە چاقىرىق كۈچىنى بېسىپ چۈشكىدەك باشقا بىر قاتلامنىڭ بارلىقىغا بۇرۇنمۇ ئىشەنمەيتتىم، ھازىرمۇ ئىشەنمەيمەن.

ئەگەر بۇ قۇرلاردىكى «ئۆلىمالار»دېيىلگىنى دىننىي ئۆلىمالار كۆزدە تۇتۇلغان بولسا ،ئۇنداقتا ھازىرقى ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يىتەكچىلىك ئورنى،رەھبەرلىك سالاھىتى ۋە چاقىرىق كۈچى ئەمەلىي ھەرىكەتلەردە ئىپادىلىنىشتىن بەكرەك پەقەت كىشىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە بىر نەپەسلىك دولقۇن ھاسىل قىلىشقا يارايدۇ.ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا سۈپەتلەنگەن تەسىرىي كۈچىنى بېسپ چۈشكىدەك قاتلامدىن نەچچىسى بارلىقى بۇ يۇرتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايان،ئەگەر نائېنىقلىق ھىس قىلغانلار بولسا ئىسپاتىنى كوچا-كويلاردىكى ياشلىرىمىزنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرىنى بۇندىن بەش يىل مۇقەددەم ۋاقىتتىكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بىلىۋالسابولىدۇ.

ئەسلىي يازمىدىن نەقىل،8-ئابزاس: دىننى ھەر قانداق ياشتا، ھەر قانداق يەردە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ماتېتماتىكا، خېمىيە، ئنجىنىرلىق، مېدىتسىنا دېگەندەك ئىلىملەرنى كىچىلىدىن مۇكەممەل ئۆگىنىپ ماڭمىسا ھەر قاچان ۋە ھەر زامان تولۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ.
بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆگىنىشنى ھەر ۋاقىت بوشاشتۇرماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇش چىقىش نۇقتىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىگە گەپ يوق.لىكىن ،دىننى ھەرقانداق ياشتا،ھەرقانداق يەردە ئۆگىنىشنى ئويلىۋالغىلى بولىدۇ،لىكىن ئەتراپىمىزدىكى رىئالغا نەزەر سالساق ئۇنى ھەرقانداق يەردە ھەرقانداق ياشتا ئۆگىنىۋالىدىغان شارائىتنىڭ ناھايتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئوبدانلا ھىس قىلىمىز.ئىسپات تەلەپ قىلىدىغانلار ھازىر يۇرتىمىزدا يۈرگۈزىلىۋاتقان تۈزۈملەرنى بىر قاتار كۆزدىن ئۆتكۈزسۇن.

يازمىدىن نەقىل،باش تېما:شانلىق يول ۋە خارلىق يولى
يول كۆرسەتكۈچىلەر ھەرخىل،يوللارمۇ ھەرخىل،شۇ يوللاردا ماڭغۇچىلارمۇ ھەرخىل؛تاللاش يۈزسىدىن زىمىندىن يوقالغان ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋاناتلارنىڭ ھالىتىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدىغان ئىش بەلكىم.

1

تېما

4

دوست

1770

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30196
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 22:42:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Sesiqpaypaq يوللىغان ۋاقتى  2016-2-21 16:04
‏دىندا مىڭ دوكتۇر چىقسىمۇ تەتقىق قىلىدىغىنى دىن دائىر ...

قوللايمەن.

1

تېما

5

دوست

5763

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1772
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 00:03:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا ياپوندا ئوقۇغانلارنىڭ كۆپى دوكتۇرلۇق ئىنۋانىنى ئېلىپ كېلىدىكەن. مىسىردا ئوقۇغانلار پەقەت مىسىردا ئوقۇدى دىگەننىلا ئېلىپ كېلىدىكەن. باشقا جايدا دىندا ئوقۇپ، دوكتور بولۇپ كەلسە، ئۇنىڭ ھۆرمىتى مىسىردا توپىغا ئىككى ئېغىناپ كەلگەنلەرنىڭكىگە يەتمەيدىكەن. ....
دىندا ئوقۇغانلارغا دىنى ئەخلاقتىن باشقا ئادىمىگەرچىلىك، پىتنىخورلۇق قىلماسلىق، باشقىلارغىمۇ يول قويۇش،ئاجىز توپقا خەيرىخاھلىق قىلىش،ئىنسانى ئەخلاق ،بەك دىندار بولمىسىمۇ، ياشتا ئۆزىدىن چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىمۇ دەرس سۆزلەمدىغاندۇ؟
uyghuray

0

تېما

4

دوست

889

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33534
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 281
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 00:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-21 22:12
توۋا ، مەن مۇشۇ دىندا ئوقۇغانلاردىن مىللەت مەسىلىسىدە  ...

پەننىي ئوقۇشتا ئامرىكىنىڭ تۈركىيەدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇملۇق ئىش. بۇنىڭ تالاشقۇدەك نېمىسى بار ئىدى؟ ئامرىكىدا ئوقۇشتىن تۈركىيەدە ئوقۇغان ياخشى دىگەن بولسىدى، ئاندىن تالىشامدۇ تالاشمامدۇ كۆرگەن بولاتتۇق.

ئەمما دىنىي ئوقۇشنى  تۈركىيەدىن ئوقۇشتىن مىسىردا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ئومۇملاشقان بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز كىرەك. خالىسىڭىز Wikipedia ياكى Yahoo  دىن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقسىڭىز جاۋابى چىقىدۇ. ۋىكىپىدىيادا List of Muslim educational institutions بويىچە ئىزدىڭىسىڭىز ئىسمى ئاتالغان ئىسلام ئۇنۋىرسىتلىرىنىڭ ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ ئۇنۋىرسىتلىرى ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ئىسمىنىمۇ تاپالمايسىز.

ئەمما ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتى توغرىسىدا "Sunni Islam's most prestigious university".  «سۈننى مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق ئۇنىۋىرسىتى» دەپ بار. بۇلارنى مەن ياكى مىسىردىكىلەر يىزىۋالمىدى، بەلكى خەلقئارا يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە ۋىكىپىدىيا قامۇسىدا بىرىلگەن باھالار.

ئەمما گۈلەن ئەپەندى مىسىر ۋە ئەزھەرنى خەلقئارا تېخى نامىمۇ ئاتالمىغان ئۇنىۋىرسىتلاردىن تۆۋەن تۇتىۋاتسا رەددىيە يازماي بولامدۇ؟

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1332
تۆھپە : 2787
توردىكى ۋاقتى: 3266
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 00:25:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 09:24  
阿q يوللىغان ۋاقتى  2016-2-21 18:11
20يىلغىچە ئۆزلىرى ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتمىسە، دېگە ...

بۇنىڭغا شەرت قوشۇش ھاجەتسىز. بۇ مۇنازىرىدىكى 3 تەرەپنىڭ يەنى گۈلەن، تالىپلار، ۋە تاماشىبىنلار ھەرقايسىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يىتەرسىزلىكلەر بار. بىز مانا مۇشۇ يىتەرسىزلىكنى تۈگۈتۈپ، مۇنازىرىنى جاڭجالغا ئايلاندۇرماي، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىدىغانغا ئوتتۇرىدىن بىر چىقىش يولى تېپىش كېرەك. ئەشۇ چىقىش يولىنىڭ ئۆزىلا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يىتەرلىك بولىدۇ. ئەكسىچە تىللاش، ھاقارەتلەش، مازاق قىلىش، تەنبىھ بىرىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەشۇ 4000 ئەتراپىدىكى قېرىنداىشلىرىمىز نىمىلا دىگەن بىلەن تالىپ بولسىمۇ، چەتئەلدە ئوقۇپ ئۆزىگە چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان، تىرىشىۋاتقان، بىلىم يولىدا يۈرىگى كاۋاپ بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ «سەۋەنلىگى» بولسا:- پەقەت سىز-بىز توغرا دىگەننى تاللىماي، ئۆزلىرى توغرا دىگەننى تاللىغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلارنى ھاقارەتلەشكە، مەسخىرە قىلىشقا ھەددىمىز ئەمەس! پەقەت ئۇلارغا چىقىش يولى توغرۇلۇق ياردىمىمىز بولسا شۇ ياردەمنى ئايىماي قىلساق بولىدۇ. ئەگەر قولىمىزدىن كەلسە ئۇلارغا تىگىشلىك كۆڭلىمىزنى بىلدۈرەيلى، رىغبەتلەندۈرەيلى، غەيرەتلەندۈرەيلى، سەل قارىغان، بىلەلمىگەن تەرەپلىرى بولسا، بىلدۈرەيلى.
گۈلەننى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز، مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئەمما گۈلەننىڭ يېقىندىن بىرىدىكى يازمىلىرىغا نىسپەتەن پىكىرنىڭ چىقىشى دەل گۈلەننىڭ بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ.  دىمەك گۈلەن ئۇستازمۇ يازما يېزىشقا نىسپەتەن ئۆزىگە تەلەپنى يەنىمۇ يۇقىرىراق قويىشى كېرەكتەك تۇرىدۇ. بەلكىم تالىپلار گۈلەننىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇمىغان، ئىش پائالىيەتلىرىدىن خەۋەر تاپمىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇلار گۈلەننى مەيلى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن بۇ موھىم ئەمەس، موھىمى بىلىپ، بىلمەي ئۆتكۈزۈپ سالغان سەۋەنلىكلەرگە بىزنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەمىز. بىز تالىپلارغا قېرىنداشلارچە پۇزۇتسىيە تۇتساق ئۇلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىزغا ئايلىنىدۇ. ناۋادا تىللاش، ھاقارەتلەش، مەسخىرە قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتساق نەتىجە باشقىچە بولىدۇ. شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردىكى تەكىتلىمەكچى بولغىنىم مەيلى گۈلەن بولمىسۇن، مەيلى تالىپلار بولمىسۇن، مەيلى بىز بولمايلى ھەممىمىز ئۆز سەۋەنلىكلىرىمىز ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ باقساق.

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1332
تۆھپە : 2787
توردىكى ۋاقتى: 3266
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 00:47:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 09:47  
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-21 21:46
ئۇلارنىڭ ھالى ئاشۇنداق تۇرسا ، ئۇزۇن ئوقۇيمىز دەپ . ئۇ ...

ئاللا خالىسا ئۇنتۇپ كەتمەيدۇ. بىز ئىككىلەنمەستىن شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز زۆرۈركى، ئۇلارمۇ ئۆز ئېلىنىڭ، ئانىسىنىڭ، تىلىنىڭ، ھەم پەرزەنتلىرىنىڭ غېمىدە. ھىچ بولمىغاندا 4000 ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى شۇنداق!

0

تېما

3

دوست

1000

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30840
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 09:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق بىر لەتىپە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

بىر كۈنى ئەپەندىم دوزاخ بىلەن جەننەتنى زىيارەت قىلىپتۇ . قارىسا بىر ئورەكتە لىق ئوت كۆيۈۋاتقان ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر باركەن ئەمما بۇ ئورەكنىڭ ئەترەپىدا نۇرغۇنلىغان مۇھاپىزەتچىلەر باركەن .

قارىسا يەنە بىر ئورەكتىمۇ لىق ئوت كۆيۈۋاتقان ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر باركەن ئەمما بۇ ئورەكنىڭ ئەتراپىدا ھېچقانداق مۇھاپىزەتچىلەر يوقكەن ،

شۇنىڭ بىلەن ئەپەندىم زىيارەتكە بىللە كەلگەن پەرىشتىلەردىن سوراپتۇ نېمىشقا بىر ئورەكنىڭ ئەتراپىدا مۇھاپىزەتچىلەر بار يەنە بىر ئورەكنىڭ ئەتراپىدا ھېچقانداق مۇھاپىزەتچىلەر يوق دەپ سوراپتۇ.

پەرىشتىلەر چۈشەندۈرۈپ ماۋۇ ئەتراپىدا مۇھاپىزەتچىلەر بار ئورەكتىكىلەر ئىنتايىن ئۆم مىللەتلەر بولۇپ ئۇلارنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلمىغاندا بىر-بىرىنى يۆلەپ ئورەكتىن چىقىرىۋىتىدۇ .

ئەمما ئاۋو ئەتراپىدا مۇھاپىزەتچىلەر يوق ئورەكتىكىلەر بولسا ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەت بولۇپ ئۇلارغا ھېچقانداق مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قارىماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇلاردىن بىرسى ئورەكتىن چىقاي دېسە يەنە بىرسى تارتىپ چۈشۈرىۋالىدۇ . دەپ جاۋاب بېرىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )