- تىزىملاتقان
- 2012-9-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2108
- نادىر
- 0
- يازما
- 135
ئۆسۈش
  3.6%
|
ھەركىمنىڭ قانداق جايدا ئوقۇشىنى بىز باشقۇرالمايمىز، پەقەت ئۇلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويالايمىز. چۈنكى بىر قېرىندىشىمىز بولسىمۇ جاپانى ئازراق تارتسۇن، ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلىك سەرپ قىلسۇن قارىغۇلارچە ئىش قىلىپ زىيان تارتىپ قالمىسۇن دەيمىز. ئەلۋەتتە مىسىر نىمە قالايمىقانچىلىقلار بولىۋاتقىنىنى شۇ يەردىكىلەردىنمۇ ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىنمۇ ئاز تولا بىلىپ تۇرىۋاتىمىز. گۈلەن ئۇستازمۇ ھەرقايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق كۈزىتىپ دىن ئۈگەنمەكچى بولغانلارغا سەمىمىي تەكلىپىنى بېرىۋاتسا تام تۈۋىدىن ھوشۇ قوپقاندەك پەيدا بولغان تالىپلىرىمىزنىڭ قوپال، دوق گەپلەر ئارلاشقان رەددىيە نامىدىكى ھۇجۇم تۈسىنى ئالغان خەتلىرىدىنى كۆرۈپ نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئەزھەرىيلەرنىڭ ئوبرازى بەكلا چۈشۈپ كەتتى. قىسقىسى مەنمۇ دىن ئوقۇشتا تۈركىيەنى خوپ كۆردۈم. ئەزھەردە دىن ئوقۇۋاتقان تالىپلىرىمىزنىڭ دىننى ئۈگىنىشتىن بۇرۇن مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئەخلاقلارنى ئۈگىنىۋېلىشىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ باشقىلارغا تۇتقان مۇئامىلە ئەخلاقلىرىدىنى كۆپرەك ئۈلگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا يىراق ئەلدە مۇساپىر بولۇپ جاپادا ئوقۇۋاتقان تالىپلىرىمىزنىڭ تېنىغا سالامەتلىك، ئۈگىنىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. |
|