- تىزىملاتقان
- 2015-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
77.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ERDEM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-21 21:47
ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ بۇ ماقالىنى يازغىنىڭىزدىن خۇشالمەن. دادىللىق بىلەن ئۆزىنى ئىتراپ قىلىش ۋە مەردانىلىك بىلەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پەزىلەتتۇر. بۇ ماقالىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن بولىۋاتقان ھەرقىسىم گۇمانلارنىڭ پەسىيىشى ۋە سىزگە رەددىيە يىزىۋاتقانلارنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
« تۈركىيەمۇ ئامرىكىمۇ» دىگەن ماقالىڭىزدە پەننىي كەسىپلەردە ئامرىكىدا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئايدىڭ مەسىلە ئىدى. پەندە ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئۇنى ئىتراپ قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭغا بىلگەجاننىڭ تولۇقلىما ماقالىسى تېخىمۇ كۈچ بەرگەن. سىزگە قىززىغانلارمۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا بەرگەن جاۋابىڭىزدىن قىززىغان ئىدى. شۇڭا پەنچىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەسلىكى تەبىئىي دەپ ئويلايمەن. ئەگەر سىز " تۈركىيەمۇ ئامرىكىمۇ؟" دىگەن ماقالىڭىزدە ئامرىكىدا ئەمەس، تۈركىيە ئوقۇش ئەۋزەل دەپ يەكۈنلىگەن بولسىڭىز ئاندىن ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقانلار سۆز قىلمىغان بولسا ئۇلارنى سوغۇققانكەن دىسىڭىز توغرا بولاتتى. ئەمما مىسىردا دىندا ئوقۇغاندىن تۈركىيەدە ئوقۇغان ئەۋزەل دىسىڭىز مۇنازىرە قوزغىشى تەبىئىي، قوزغالمىسا ھەيران قالساق بولىدۇ تېخى. ماڭىمۇ ئەگەر پەننىي كەسىپلەرنى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئوقۇغان ياخشىمۇ ياكى جۇڭگودىمۇ بەلكى شىنجاڭدىمۇ دەپ سورىسا ھىچ ئىككىلەنمەي شىنجاڭدا ئوقۇغان ياخشى دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم. چۈنكى بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.
مەنچە بولسا دىنىي ئىلىم ئوقۇشتا مىسىر ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەۋزەل بولسىمۇ، خەلىققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە ۋەتەندە بولمىسا، تۈركىيە ئەۋزەل دەپ قارايمەن. مىنىڭ سىزگە بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغۇم دىيىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئىدى.
ھەقىقەتەن، تۈركىيەدە ياكى مىسىردا دىگەن ماقالىگە رەددىيە ماقالىلىرى يازغان مەيلى تالىپچاقلاردىن بولسۇن، مەيلى ئۇستاز-دوكتۇرلاردىن بولسۇن ئىلمىيلىكى كۈچلۈك رەددىيە يازغانلار بولمىدى. شۇڭا ھىلىھەم ئۇ قۇرۇق جىدەلنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق.
بۇ ماقالىنى يازغانلىقىڭىزدىن يەنە بىر قىتىم خۇشال بولغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن! ئەزىز تورداشلارنىڭمۇ قالايمىقان پىتىغلىماي، ئىلمىي، سوغۇققان ھالەتتە پىكىر قىلىشىڭلارنى، بولۇپمۇ رەددىيە يازغۇچىلارنىڭ گۈلەن مۇئەللىمدىنمۇ ئۈستۈن ئىلمىي سەۋىيەدە رەددىيە يىزىشىڭلارنى سەمىمىي سورايمەن!
|
|