زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم تەئرىپىدە
زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرىدىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم كۆرىنەرلىك ئورۇن ۋە شۆھرەتكە ئىگە مۇدەررس. زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم 1910-يىلى ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغ ئېرىق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھاشىم قازى قۇززات بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، دىن مىللەتنىڭ پىداكارى، ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرىيەتپەرۋەر ،مۇتىپەككۇر ئابدۇقادىر ئابدۇۋارس ئەزىزنىڭ سىڭلىسى ھەلىمىخان ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى. زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللام سۇلتانەم مەدرىسىدە باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ساۋادىنى ئاچقان تۇنجى ئۇستازلىرى ھابىل ھاجىم بىلەن ئابدۇراخمان خەلپىتىم ئىدى. ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇنى ئۆزى مۇدەررسلىك قىلىۋاتقان قەشقەر توغانخان مەدرىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئەرەپ تىلى گىرامماتكىسى بىلەن ناتىقلىق مەنتىقىسىنى ئۆگەتكەن. كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ، سۇلتانەم مەدرىسىدە يەنە ھابىل ھاجىمدا ئىككى يىل ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە يەنە بېرىپ، تۆركۆل قورغانبويىلىق ئالىم شەمسىددىن دامۇللام ھاجىمدا ئىككى يىل بالاغەت، پاساھەت، مەنتىقە ئىلىملىرىنى ئوقۇپ، 18 يېشىدا ھىندىستانغا ئوقۇشقا كەتكەن. ئۇ دەيبەندىكى مەشھۇر دارىلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن سارامپۇردىكى مازاھىرۇل ئۇلۇم تەييارلىق مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. كېيىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللام بومباي يېنىدىكى دابىل شەھرىدە قۇرۇلغان جامەئىي ئىسلامىيە ئىنىستىتوتىدا بىر يىل يەنە بىلىم ئاشۇرغان. بەدىرۇل ئالەم، شىببىي رەھمەت ئۇسانىي، ئەنۋەر شاھ قاتارلىق مۇدەررسلەر ئۇنىڭغا مەنتىقە، پەلسەپە، پەلەكىيان، «تەسرىخ» (ئالەم سىرلىرى) بويىچە بىلىم بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دەيبەن دارىلئۇلۇمغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، سەككىز يىل بىلىم ئالغان. بۇ، بىر يېرىم مىڭ ئوقۇغۇچىلىق خەلقارا ئىسلام ئالىي مەكتىپى ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغان دەرسلىرى: تەپسىر، پەلسەپە، مەنتىقە، ئاقائىد، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىقلار. ئۇستازلىرى ئەللامە شىببىي رەھمەت ئوسمانىي، ھۆسەيىن ئەھمەد مەدەنىي بولغان. زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللام مەكتەپنى «مەۋلەۋى»لىك ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ، كېيىنكى مۇدەررسلىكتە «فازىل»لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ، «ئەللامە» لىكتىن بىر دەرجە تۆۋەن ئۇنۋان ئىدى. ئۇ 38 يېشىدا دېھلىدىكى جامەئىي ئەئىزەم مەدرىسىدە «ئۈچ-تۆت يىل فىقھ (دىنىي قانۇن) ئىلمى بويىچە مۇدەررس ۋە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان. 1942-، 1943-يىللىرى ھىندىستاندا پاكىستان مۇستەقىللىقى ھەركىتى كۈچەيگەن تىنىچسىز كۈنلەردە دادىسى ھاشىم قازى كالاندىن كەلگەن چاقىرىق خېتى بويىچە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە سۇلتانەم مەدرىسىدە تۆت يىل تالىپلارغا دەرس بەرگەن. سۇ ئاپىتى خانەۋەيران قىلىش ئالدىدىكى سۇلتانەم مازىرى توققۇز مۇنارلىق گۈزەل مەقبەرە بولۇپ، ئۇ يەردە كۆپ ھوجرىلىق مەدرىسە بوغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى يەر ئىسلاھاتىدا دىنىي بىلىم يۇرتلىرى تاقىۋىتىلگىچە قەشقەر دۆڭ مەسچىتتىكى مەدرىستە مۇدەررس ھەم مەسچىت ئىمامى بولغان. بۇ مەكتەپتە 100دىن ئارتۇق تالىپ بولۇپ، يېتىپ ئوقۇغانلار ئىچىدە سەلەي داموللا ھاجىم ئوغلى مۇھەممەد سەلەي ھاجىم، ئۈرۈمچى نەنمىڭ مەسچىت ئىمامى مەھمۇد داموللا، قارا شەھەردىن بارات داموللاھاجى، بۈگۈردىن ئەبەيدۇللا داموللاھاجىملار بار ئىدى. ئۇ، سۆلچىل ئىدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا كۆرەشكە تارتىلغان ۋە ئىككى يىل دىنىي ئوڭچى بولۇپ قامالغان. كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلە دىھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇ، غۇلجا، ئارا تۆپە قاتارلىق جايلاردا تۇغقان ۋە تالىپلىرى ئارىسىدا تەركىي ماكان بولۇپ يۈرگەن. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن ئۇ يېڭى ھايات پەسلىگە قەدەم قويۇپ، قايتىدىن مۇدەررسلىك ھاياتىنى باشلىدى. 1982-يىلى ئۇ لىۋىيىدە ئېچىلغان «مۇئىتەمەر ئالەمى ئىسلامى» (دۇنيا ئىسلام يىغىنى)غا ئىلىمىز ۋەكىللىرى ئىچىدىكى تۆت ۋەكىلنىڭ ئىچىدە بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپ، كازافىنىڭ قوبۇل كۆرىشىگە نائىل بولۇپ، بىللە رەسىمگە چۈشكەن. پاكىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىفىلىگى، يۇگۇسلاۋىيە، شىۋىتسارىيە، غەربى گىرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەردە بولغان. 1984-يىلى ھەج قىلغان. 1989-يىل①، ئاتۇش- باغئېرىق ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئىزاھات①: ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن بۇ ماقالىنى 1989-يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇشقا بارغاندا زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ يازغان. ھەم «قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى جورنىلى»نىڭ 1993-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلدۇرغان. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۇ قېتىمقى سۆھبىتى شۇنداق خاسىيەتلىك بولغانكى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ 30، 40 يىللىق دۇنيا قارىشىغا قايتا نەزەر سالغان. مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» تورغا ئۇزاتقۇچى: ھۇما
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىلىدۇ ! |