- تىزىملاتقان
- 2015-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2258
- نادىر
- 0
- يازما
- 159
ئۆسۈش
8.6%
|
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (32)
يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋېلىش
1.كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن دۇنيا ۋە زامانىۋى ئەقىل
«غايە رېئاللىققا مۆكۈنگەن بولىدۇ، ... غايە رېئاللىقنىڭ كۆچۈرمىسى ئەمەس، بەلكى ئەقىل بىلەن كۆرۈلىدىغان، تەسەۋۋۇر بىلەن تەقلىد قىلىنىدىغان مەلۇم نەرسىنىڭ مۇمكىنلىكى.»
ـــ بېلىنىسكى
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بۈگۈنكى سەۋىيىسى ئىنسانىيەت تارىخى ئىككى مىڭ يىل ئىچىدە ئېرىشكەن ھەممە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ جەمئىيىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ (سىۋىلىزاتسىيە) ــ جەمئىيەت ۋە ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىكى ئاڭ ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارى ساھەسىدە يېڭى بۇرۇلۇش دەۋرىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى پەيدا قىلدى. ئىنسانىيەت تەبىئەت ــ زىمىن ۋە ئالەم سەھنىسىدە ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە ئۆز- ئۆزىنى بىلىش، تىزگىنلەش، ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقايسى تۈركۈملىرى ــ دۆلەت، رايون، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئاقىلانە، گارمونىك يېڭى رېلىسىغا كىرگۈزۈش جەھەتتىمۇ ئۆز مۇمكىنلىكلىرىنى رېئاللاشتۇرۇشقا يۈزلەندى. ئىلىم- پەن مۇۋەپپەقيەتلىرىنى مۇھىتنى بۇلغاش دۈشمەنلىكنى كۈچەيتىش، ھەربىي ئەسلەھەلەر مۇسابىقىلىرىنى ئاشۇرۇش، ئۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە ھېرىسمەنلىك قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتىش، قىسقىسى مەدەنىيەت (كۇلتۇر) بىلەن مەرىپەت تېخنىكا بىلەن ئاقىلانە ئاڭ ئارىسىدىكى كەسكىن زىددىيەتلەر ئورنىغا ئۇلار ئارىسىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر ۋە راتسىئونال مەرىپەتنى يىتەكچى قىلغان گارمونىك بىردەكلىكنى دەسسىتىش تارىخنىڭ ماھىيەتلىك جەريانىغا ئايلانماقتا.
شۇنى ئايرىم كۆرسىتىش ھاجەتكى، بۈگۈنكى تارىخ ئادەتتىكى كالېندار تەرتىپى بويىچە 20- ئەسرنىڭ 21- ئەسىرگە ئالمىشىشىدىن ئىبارەت مىقدار قىممىتىنى كۆرسىتىش بىلەن ئەمەس، شۇنىڭدەك، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تىزلىكى ئاساسىدا ئۇچۇر ئىلمى ۋە پەن- تېخنىكىنىڭ يېڭى سىستېمىلىرى ۋە قۇرۇلمىلىرى ساھەسىدىكى كۈنتەرتىپلەر قىممىتىنى كۆرسىتىش بىلەنمۇ ئەمەس، مۇھىمى، پۈتۈن پەن- مەدەنىيەت ۋاستىلىرىنىڭ سوبيېكتىپ مەقسىتى بولغان ئىنسانىيەتنىڭ ئاقىلانە- مەرىپەتتىن ئىبارەت يېڭى سۈپەتتىكى تاكاممۇللىنىش دەرىجىسى بويىچە ئىزاھلىنىشى لازىم، تارىخ ئەمدى پەن- تېخنىكا ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ياتلاشقان ئىنساننى تېخىمۇ ياتلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ بەختسىزلىك سەۋەبلىرى ۋە شارائىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ۋە روھىي پاجىئەلەرنى پەن –تېخنىكا ۋاستىلىرى ۋە ئەسەبىي- تەنتەك ۋەھىمىلەر بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئېرىشكەن ئېلېكترونلۇق ۋە ئىنفورماتسىيىلىك «گۈرزە» ۋە «سېھرىي ئالخىمىيە»لەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل ۋە قەلبىنى تېخىمۇ دەپسەندى قىلىشقا خاتىمە بېرىدىغان مىسلىسىز زور ئەقىل ــ ئاڭ ئويغىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. مانا بۇ ھازىرقى زامان تەرەققىياتنىڭ تارىخىي ماھىيتى، تارىخىي خاراكتېرستىكىسى! بىز كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن دۇنيا دېگەندە دەل مۇشۇ ماھىيەت، دەل مۇشۇ خاراكتېرىستىكىنى نەزەردە تۇتىمىز.
زامانىۋى ئەقىل دېگەندە ئىككى قاتلاملىق مەنىنى ئاڭقىرالايمىز. بىرىنچىدىن، زامانىۋى ئەقىل ــ زامانىۋى ئاڭ بولۇپ، ئاڭنىڭ ھازىرقى زامان شەكلىنى نەزەردە تۇتىمىز. بۇ رېئاللىقنىڭ ھازىرقى زامان ئىنسانىيىتى مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنى، زامانغا لايىق ھەرخىل ئاڭ شەكىللىرى ۋە سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى مەرىپەتكە خاس ئاقىلانە (راتسىئونال) تەپەككۇر باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دېگەنلىك مەلۇم ئەسىردىن ئىبارەت مىقدار خاراكتېرلىك، كالىندار خاراتېرلىك ئاڭ شەكلىدىن پەرقلىق بولغان پۈتكۈل تارىخىي خاراتېرلىك، سۈپەت خاراكتېرلىك، ئىنساننىڭ ئۆز- ئۆزىنى قايتا تېپىۋېلىشى خاراكتېرلىك ئەقىل دېگەنلىكتۇر. بىز تۆۋەندە شۇ مەنىدىكى زامانىۋى ئەقىل توغرىسىدا توختىلىمىز.
ھازىرقى زامان ئەقلى مەدەنىيەت بىلەن مەرىپەتنىڭ، مەقسەت بىلەن ۋاستىنىڭ ، جۈزئىي ئىنسان گۇرۇھى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىشقا يۈزلەنگەن ئاڭدىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تاكاممۇللىنىش يولىدىكى غايەت زور قەدەم.
ھازىرقى زامان ئەقلى تەرەققىي قىلغان مەملىكەتلەر بولسۇن، تەرەققى قىلىۋاتقان مەملىكەتلەر بولسۇن، ھازىرقى زامان سەۋىيىسىدىن تولىمۇ يىراقتا قالغان مىللەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ رېئال تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسىگە ئىنتىلىشلىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن مىللىي ئويغىنىش، مەدەنىيەت ئويغىنىشى، مەرىپەتچىلىك دەۋرى، پەن- تېخنىكا ئىنقىلاپلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ھازىرقى ئىدېئولوگىيىلىك ئىنقىلابىي ئويغىنىش ئۇچۇر دەۋرىگە خاس ئالەمشۇمۇل، پۈتكۈل ئىنسانىيەت خاراكتېرى ئالغان. ئۇ ھەم مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھەم مەھەللىۋى چەكلىمىلەر بىلەن چەكلەنمىگەن. ھەرقانداق تەرەققىيپەرۋەر، ھەرقانداق ئىلىم- مەدەنىيەتپەرۋەر، ھەرقانداق ۋەتەنپەرۋەر ۋە ئىنسانپەرۋەر زامانىۋى ئاڭ ئويغىنىشىغا يېتەرلىك پائالىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ تۈپ يۆنىلىش ئۇرغىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، دەۋر ئېقىمىدىن ئارقىدا قالغان بولىدۇ. بۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك تۈپ مەسىلە، تارىختا ھەر قېتىملىق ئاڭ ئىنقىلابى ۋە مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت ئويغۇنۇشلىرىغا قارشى مەيداندا تۇرغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرىستىكىسىغا مۇتەئەسسىپلىك ئالامەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇۋالغان مەشھۇر نوپۇز ئىگىلىرى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنىڭ ئەينى زامان سەۋىيىسىدىن كەملىكى تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى ئەقىل- پاراسەت ۋە ئالدىن كۆرۈش، تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كەملىكى، قاتماللىقى سەۋەبىدىن شۇنداق بولغان. قەدىمكى كۈسەن بۇددا مۇتەپەككۇرى كومىراجىۋا بۇددىزمدا ھىنايا مەزھىپىدىن ماھايا مەزھىپىگە بۇرالغاندا، ئۇنىڭ كۈسەندىكى ئۇستازى بوتۇشما ناملىق مەشھۇر ئالىم قارشى چىققان، كومىراجىۋانىڭ كەشمىردىكى ھىنايا بويىچە تەلىم بەرگەن ئۇستازى پانتۇدادۇكۈسەنگە كېلىپ ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەسىرىدە ماھايانا قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇددا ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ زور شۆھرەت قازانغان. بۇ ئۇنىڭ ئاقىلانىلىقىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى «بىلىملىك بولغانلىق ئەقىللىق بولغانلىق ئەمەس» (گراكلىت). «كىشىلەر ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەرسىگە مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم» (گېگېل).
2.يىپەك يولى ۋە ئۇنىڭ قايتا جانلىشى
بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزنى ھەمراھلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىپ تاشلايدىغان ئەخلاق ساختا ۋە مەنىسىز ئەخلاقتۇر»
ـــ گولباخ
«يىپەك يولى» ئىبارىسى بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ يۇقۇرى ۋە ئەڭ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان، بىر-بىرى بىلەن قوشۇلغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىزدەش تارىخىدا ئالاھىدە بىر قاتلام بىلىش ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ئەڭ زور قۇرۇقلۇق بەلۋىغى مەنىسىدە مۇجەسسەم ئىبارە بولۇپ قوللىنىلماقتا. ئۇ ئىلگىرىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» يولى، «ياۋرۇ –ئاسىيا مىللەتلەر كۆچۈش يولى»، «قەدىمكى كارۋان يولى»، «ئۇيغۇر ـ سوغدى يولى» دېگەن مەنىدىكى قىممەت كاتېگورىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى، يىپەل يولى ھەقىقەتەن شەرق بىلەن غەرپنى تۇتاشتۇردى، يىپەك يولىغا خاس سېنكىرتىك مەدەنىيەت ئالامەتلىرىنى شەكىللەندۈردى، يىپەك يولى مەركىزىي قىسمى رايۇنلىرىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇنىڭغا ئالاقىدار مۇڭغۇل- قىپچاق دالالىرىنى دۇنياۋى ئالاقىگە ئېلىپ كىردى. يىپەك يولى ئوتتۇرا- مەركىزىي ئاسىيا كۆچمە چارۋىچى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى بىر قەدەر ئالدىغا كەتكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى، بوستان، شەھەر- قەلئە ھاياتىغا كىرىشى، خەلقئارا سودىغا قەدەم قويۇشى ۋە ئارىئان تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا يازما مەدەنىيەت، كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە كلاسسىك مۇقامچىلىقتا، جۈملىدىن خەلقئارا تەرجىمە –شەرھىچىلىكتە ئالدىغا كېتىشتە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار تەسىرىدە ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى باشقا خەلقلەر مىڭلىغان يىللار مابەينىدە تەدرىجىي يۇسۇندا ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت باشقۇچلىرىغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى. بۇ ئاددىي ساۋات بولۇپ قالغان تارىخىي پاكىتتىن ئىبارەت.
يىپەك يولى توۋار ئېگىلىكى بويىچە شەرق بىلەن غەرپ ئارىسىدىكى ئەڭ زور كانال سۈپىتىدە ئەڭ كەم دېگەندىمۇ ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى، جاڭ چەننىڭ غەربىي دىيارغا كېلىشىدىن تاكى ماركاپولونىڭ جۇڭگۇغا قىلغان سەپىرىگىچە 17 ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلدى. دېڭىز- ئوكيان قاتنىشىنىڭ راۋاجلىنىشى، جۇغراپىيىلىك كەشپىياتلار، ياۋرۇپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى بىلەن تەدرىجىي يۇسۇندا جوڭ قۇرۇقلۇق قاتنىشى مەھەللىۋى تۈسكە، بىكىنمىلىك ھالەتكە كىرىپ قالدى. نەتىجىدە يىپەك يولى خارابىلىققا، تارىخىي ئۆتمۈشنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.
يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىش تارىخى بىزگە بىرقاتار قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ موھىمى يىپەك يولى ئالاقىلىرى ئېچىۋېتىشنىڭ بېكىنمىلىككە زىت ھالدا شىنجاڭ جەمئىيىتى تەقدىرىگە بىۋاستە، بىرقانچە تىل- يېزىق، بىرقانچە دىنىي مەدەنىيەت، بىرقانچە مەدەنيەت تىپلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، سېنتىزلىنىشى، ئاجايىپ مۇددىزم كېمىر سەنئىتى، چالغۇ- مۇزىكىلار مۆجىزىلىرى، يىپەك يولى تېماتىكىسى ۋە دىتاللىرى بىلەن تۇيۇندۇرۇلغان كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە تەرجىمەشۇناسلىق مۇۋەپپەقيەتلىرى، ئىلىم- پەن، شىپاگەرلىك، بىناكارلىق، نەققاشلىق ئۇتۇقلىرى يىپەك يولى راۋان ئېقىمى بىلەن مەھەللىۋى مۇنبەت تۇپراق ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ئالەمگە مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر (جۈملىدىن ئۇيغۇرلاشقان سوغدى، توققۇز چاۋۇپ) سۆدىگەرلىرى يىپەك يولىنى ئېچىش، يىپەك يولى گۈل –چېچەكلىرىنى سۇغىرىش، يىپەك يولى شەھەر- راباتلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشتا دائىمىي باغۋەنلىك خىزمىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارسىز پادىشاھ- سەركەردىلەر، راھىب- ساياھەتچىلەرنىڭ ناگان- ناگاندىكى سەپەرلىرى مۇنداق زېمىن ئۈستىدىكى «سامانيولى»نى دائىمىي راۋان ھالەتكە كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى. تاۋار مەنپەئەتلىرى مەدەنىيەت ئېقىمىنى ئۆركەشكە كەلتۈرۈپ تۇرىدىغان يالقۇنلۇق قۇدرەت سۈپىتىدە يىپەك يولىغا ھايات بېغىشلىغانلىقى سىر ئەمەس.
شىنجاڭلىقلار، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېكىنمىچىلىك ئاسارىتىدە ھەتتا يىپەك يولىنىڭ مىڭلىغان يىللارنى ئاتلاپ گۈللەنگەن ئاۋات مەنزىرىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەدەنىيەت ئىختىرا قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ياراتقان شانلىق تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، نامراتلىق، مەنىۋى نادانلىق، خۇراپاتلىق، روھى كېسەللىكلەر ئىچىگە تىرەن چۆكۈپ قالغان. بۇ ھالەت گويا ئەلمىساقتىن شۇنداق دېگەندەك ئۆزىنى بىلمەسلىك دەرىجىسىگە يەتكەن. يىپەك يولى گۈللەنگەن دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار ياتلىشىپ كەتكەن. قەدىمكى كرېك- رىم ۋە قەندىھار مەدەنىيەتلىرى بىلەن ھۆسۈن تالاشقان شىنجاڭ مەدەنىيىتى خارابىلىرى ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئىپادىلىرىدىن بىرى.
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ بۈگۈنكى تەرەقىياتى، پەن- تېخنىكا، تاۋار- قاتناش، مەدەنىيەت- مەرىپەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى «يىپەك يولىنى قايتا ئېچىش» شۇئارىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئامېرىكا- ياپۇنىيە مالىيە گوروھلىرى يىپەك يولى بويلاپ دۇنياۋى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول پىلانلىدى. ئەمدى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆز دىققەت نەزىرىنى يېڭى ئېچىلغان ئامېرىكا ۋە ئاۋىستىرالىيە قىتئەلىرىگە مەرگەزلەشتۈرۈش، دېڭىز –ئوكيان قاتنىشىنى قۇرۇقلۇق قاتنىشىدىن قۇلاي كۆرۈش دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى. ئىنسانىيەت زېمىننى، ئۇنىڭ ئاتمۇسفېرا بوشلۇقى، دېڭىز –ئوكيانلىرى، تاغ –داۋانلىرىنى ئومۇمىيۇزلۇك بويسۇندۇرۇش دەۋرىگە كىرىپ كەلدى.
يىپەك يولى قايتا جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ ھال بىزگە يىپەك يولى ھەققىدە ئەقىلى ــ تارىخىي قاراشنى تىكلەپ، مىللىتىمىز يۈزلىنىۋاتقان يېڭى گۈللىنىش ئىستىقبالىنى ئالدىن كۆرۈپ، رىقابەتكە تولغان، تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە تەپەككۇر تىپلىرى ئۆزئارا سۈركىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە مۇنەۋۋەر ئەنئەنە ۋە ھاياتىي ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلىپ، يېڭى قىياپەت بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
3.نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە تارىخنى قايتا ئويلىنىش
«مىللەت پەننىڭ يۇقىرى چوققىسىدا تۇرۇشنى خالىسا، نەزىريىۋى تەپەككۇردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ.»
ـــ ف. ئېنگېلس
يىپەك يولى گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر خەلقى ئاجايىپ ئېسىل مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقانىدى. سىرتقا ئىشىك تاقىۋالماسلىق، دېھقانچىلىق- قول ھۈنىرى ۋە رايون ئاتلاپ ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا سودىغا قاتنىشىش، مېھماندوستلۇق، ھەممە سەنئەت ۋە مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن شەكىللىرىنى بىردەك ھۆرمەت قىلىش، قوبۇل قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، شەرق- غەرب سودا ۋە مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن ئىدى. بۇ خىل ئېسىل مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاڭلىق نەزىريىۋى بىلىش، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئېگىزلىكىگە كۆتۈرۈپ مىڭ يىللاپ ئىزچىللاشقانىدى.
ئەگەر بىز يىپەك يولى گۈللەنگەن دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن كلاسسك مەدەنىيەت دۇردانىلىرىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇنىڭ ھەرقايسى پەن ۋە سەنئەت ساھەلىرى بويىچە ئەينىى زاماننىڭ يۈكسەك نەزەرىيىۋى تەپەككۇرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. ھەيكەلتاراشلىق، نەققاشلىق، تام رەسىملىرى، بىناكارلىق، مۇزىكا، مۇقام، داستانچىلىق، خەمىسەچىلىك، تېبابەتچىلىك قاتارلىق گېئومېترىيە، ماتېماتىكا، ئېستېتىكا، گېئودىزىيە، دىنامىكا، پەلسەپە، دىداكتىكا، غايىۋى قەمئىيەت قاراشلىرى، ئالەم قاراشلىرى، بىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئاڭلىق مەشغۇلات ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ نوقتىنى تارىخىي مىراسلارغا نوقۇل تارىخشۇناسلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنۋېرسال ۋە يۈكسەك تارىخ پەلسەپىسى سالاھىيتى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش نوقتىسىدىن مۇئامىلە قىلغاندىلا روشەن پەرق ئېتەلەيمىز.
يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى ئارقىسىدا نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئەنئەنىسىدىن بىر پۈتۈن ئەنئەنە سۈپىتىدە ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزنى ھەممە بىلىشى ۋە ئېنىق شۇنداق قاراش تىكلىشى زۆرۈر. دەر ھەقىقەت، ئەڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز دەل مۇشۇ نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئەنئەنىسى ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە قايتىۋاشتىن يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش، يىپەك يولىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ يەنىلا نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا مۇھتاجمىز. مۇنداق نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ــ تارىخنى قايتا ئويلاشتىن ئىبارەت.
«قايتا ئويلاش» ئىبارىسى ئەسلى گېگېلنىڭ پەلسەپە تارىخىغا قوللانغان ئىبارىسى ئىدى. ئۇ قايتىدىن راتسىئونال ــ پەلسەپىۋى مۇھاكىمە قىلىشنى، قايتا تەلقىن قىلىشنى، قايتا قاراپ چىقىشنى، شۇ ئارقىلىق ماھىيەتلەرنى، ھەقىقەتلەرنى تېپىۋېلىشنى نەزەردە تۇتاتتى. بىز مۇشۇ «قايتا ئويلاش» ئىبارىسىنى قەدىمكى گرېكلارنىڭ ھەقىقەتنى تېپىش يولىدىكى «دىئالوگ» (كېيىچە «دىئالېكتىكا») ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاشلا ھەقىقىي ماھىيەتلەرنى تېپىش ئۇسۇلى دەپ قارايمىز. بۇ ئۇسۇلنى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى بىلىشكە تەدبىق قىلىدىكەنمىز، ئۇ ھالدا «تارىخنى قايتا ئويلاش» ئۇسۇلى كېلىپ چىقىدۇ. بارلىق مەرىپەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر مەرىپەت بىلەن ۋەتەنگە ئىممۇناتسىئونال ھېسىيات بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئەقلىي تەپەككۇر كۆزى بىلەن قاراپ، مۇنداق «تارىخنى قايتا ئويلاش»نىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ھەممىدىنمۇ زۆرۈرلىكىنى بىلىش لازىم. بۇ نوقتىنى ئويلاپ يەتمەي، يەنە مەرىپەت بىلەن ۋەتەن ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس!
«تارىخنى قايتا ئويلاش» مىللىي ئويغۇنۇشنىڭ مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇقەددىمىسى. ئۇ مىللەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى قايتا تېپىۋېلىشىدىكى ئىجابىي قانات ۋە ئۇڭا توسقۇن سەلبىي كۈشەندىلىرىنى پەرقلەندۈرىشى ئۈچۈن زۆرۈر تەپەككۇر. ئېنگېلىس «دىيۇرىڭغا قارشى» ناملىق ئەسىرىدە: «بىرەر مەقسەتكە ئېرىشىشنى خالىغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىش چارىلىرىنىمۇ خالىشى كېرەك»، «ھەرقانداق پەنگە ئوخشاش پىكىر قىلىش توغرىسىدىكى پەن تارىخىي پەندۇر، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پەندۇر» دېگەنىدى.
تارىخنى قايتا ئويلاش ــ ھازىرقى دۇنياغا نەزەر سالغان، تارىخىي تەجىربىلەرنى يەكۈنلىگەن، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆيۈنگەن ھالدا مىللەتنىڭ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ۋە مىللىي ئېتنىك روھىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ھازىرقى زامان ئېڭى ۋە ئەقلىي تەپەككۇرى ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ، قايتا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا قارىتىلغان پەلسەپىلىك زور بىلىش قۇرۇلىشى. بۇ مىللەت ئۈچۈنمۇ، دۆلەت ئۈچۈنمۇ گۈللىنىش ئەگگۈشتىرى! بۇ مىللەر ۋە دۆلەتتىكى مەرىپەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ھەقىقى ياكى ساختىلىقىنى، ئاڭلىق يكى ئاڭسىزلىقىنى ئايرىيدىغان رېئال مىزان! «تارىخنى قايتا ئويلاش»، «نەزەرىيىۋى تەپەككۇر»، «ئارىلاشما مەدەنىيەتتىن ئوزۇقلىنىش»، «مىللىي روھنى ساغلاملاشتۇرۇش»، «مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش» قاتارلىق تارىخىي تېماتىكىلارنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇپ نوقۇل ھالدىلا ئادەتتىكىچە ئىلىم، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئاڭسىزلىق ۋە چاكىنا ئىشقىۋازلىق بولۇپ قالمامدۇ؟
شەخسىي گۈللىنىمەن دېسە ئۆزىنىڭ پوتېنسىئال ئىمكانىيەتلىرى ۋە ئىقتىدارىنى قايتا ئويلىنىشى كېرەك. مىللەت گۈللىنىمەن دېسىمۇ ئۆزىگە نىسبەتەن تارىخىي قايتا ئويلاش ئېلىپ بېرىشى لازىم. بۇ ئاددىي ئەمما ئومۇمىي ھەقىقەت.
4. مىللەتنى سۆيۈش ۋە مىللىي روھىيەتنى ساغلاملاشتۇرۇش
«بىرقانچە يۈز يىلدىن كېيىن مەيلى دوزاخ ياكى جەننەتتە بولايلى، بەرىبىر روھقا ئايلىنىپ كېتىمىز. ئەمما ئەۋلادلىرىمىز قالىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئاز- تۇلا ھەدىيە قالدۇرىشىمىز لازىم»
ـــ لۇشۈن
سۆيۈش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ھېسسىي (ئىممۇناتسىيىلىك) سۆيۈش، يەنە بىرى ئەقلىي (راتسىيىلىك) سۆيۈش. مىللەتنى سۆيۈشتىمۇ مۇشۇنداق ئىككى تۈركۈمدىكى ياكى ئىككى دەرىجىدىكى كىشىلەر مەۋجۇت. بەزى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل سۆيۈش بىرلەشكەن، بەزى كىشلەر ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل سۆيۈش ئۆزئارا زىددىيەتلىك كۆرۈنۈش ئالغان. مىللەتنى سۆيىدىغان، ئەمما «تارىخنى قايتا ئويلاشقا» ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۈرگەن كىشىلەر پەقەت ھېسسىي سۆيگۈ بىلەن تۇيۇنۇپ قالغان ۋە بېكىنمىچىلىكنى مىللەتنى قۇتۇلدۇرىدىغان «نىجادىيەت» دەپ تونۇغۇچى كىشىلەر، مەيلى ساۋاتسىز ياكى بىلىملىك، مەيلى ئادەتتىكى ياكى نوپۇز ئىگىسى بولۇشقا قارىماي مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئاقىلانە قاتلىمىغا كۆتۈرۈلمىگەن، ئۇنىڭغا قارشى روھىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر بەرىبىر مىللەتنىڭ نىجادىيەتچىلىرى بولالمايدۇ. بۇ تولىمۇ نازۇك ئىدېئولوگىيىلىك ئىندىۋدۇئال خاراتېرىستىكا ئۆتكىلى! تارىخ ھەر قېتىملىق مەرىپەت دولقۇنلىرىدا ئۇنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبى قەھرىمانلىرىنى ئۆز سەھىپىلىرىگە خاتىرىلەپ كەلگەن. ھەرقايسى مىللەتلەر تارىخىدا مۇنداق نۇر ۋە سايىلەر ئاز ئەمەس!
ئائۇرېلىئوس: «مېنىڭ شەھىرىم، مەملىكىتىم رىم. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا كېرەكلىكى مېنىڭ كېرەكلىكىم» دېگىنىدە قانداق ئاقىلانە پىكىر قىلغان- ھە! ھوسېئا: «خەلقىم بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن ھالاك بولدى!» دېگىنىدە قانداق ھەسرەتلەنگەن ـ ھە! ساكيامۇنى توغرا ئېيتقان: «ئۆز قەلبىگە ئۆزى چىراغ يېقىش كېرەك!» دېمەك، مىللەتنى سۆيۈشمۇ ئوخشاشمايدۇ.
«تارىخنى قايتا ئويلاش» تارىخنى تەتقىق قىلىشقا زىت بولماستىن، بەلكى تارىخنى چۇڭقۇر، ئەتراپلىق، داۋاملىق، قېزىش، تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە راتسېئونال سەۋىيىدە ئىزچىللىشىشىدىن ئىبارەت.
تارىخ ئىككى جەرياندىن ئىبارەت. ئۆتمۈشكە نىسبەتەن ئۇ بىر «خەزىنە» بولۇپ، ھادىسىلەر بىلەن ماھىيەتلەرگە تولغان؛ ئۇنىڭ ھېكمەتلىك جاۋاھىرلىرى نۇرغۇن. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇ بىر «بىناكارلىق» بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تارىخىنى يارىتىشنى، مىللەتنى ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىدا تاكاممۇللاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەشنى نىشانلىغان. ئەگر بۇ ئىككى نوقتا تۇرغۇزۇلمىغان ۋە بىرلەشتۈرۈلمىگەندە ھەقىقىي تارىخنىڭ بولۇشى، ھەقىقىي تارىخچىنىڭ بولۇشى مۇمىن ئەمەس. ھەرقانداق پەيلاسوپ ـ تارىخچى ئۈچۈن تارىخ شۇ سەۋەبلىك قىممەتلىككى، ئۇنىڭدا كەلگۈسىنىڭ بىخلىرى، تۇپرىقى، ئۆسۈمتىسى ۋە ئالامەتلىرى ساقلانغان بولىدۇ. «خەزىنە»نىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئۆزىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن «بىناكارلىق» ماتىىياللىرى ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىدا. «تۈگۈندە ئىككى نەرسە بار» (ئېمپىدۇكىل)، «تارىخ ئۆز مەقسىتىنى ئىزدەپ يۈرگەن كىشىنىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت» (ماركس).
«ئاۋۋال تارىخنى تولۇق قېزىپ بولۇپ، ئاندىن زامانىۋى ئاڭنى تۇرغۇزۇش، تارىخنى قايتا ئويلاش كېرەك» دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھېچقانداق مىللەت ۋە دۆلەت تارىخنى تولۇق قېزىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇ ھەقتە ئەقلىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى شەرت قىلغان ئەمەس، تارىخ ھەمىشە ئۆزىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلىشلار، ئەقلى قايتا ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق تولۇقلىنىش جەريانىنى ئاخىرلاشتۇرمايدۇ.
«تارىخنى قايتا ئويلاش» مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىلىش ئاساسىي. ماركس روگىغا يازغان خېتىدە: «ئىنسانىيەت باشتىلا بىرەر يېڭى ئىشنى ئېلىپ بارمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ كونا ئىشلىرىنى ئاڭلىق قىلىشقا باشلايدۇ» دېگەنىدى.
«تارىخنى قايتا ئويلاش مىللىي مەدەنىيەتنى يوققا چىقىرىدۇ» دېيىش بىھۇدە ئەندىشە. تارىخنى قايتا ئويلاش دەل مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. مىللى مەدەنىيەتمۇ خۇددى مىللەت تارىخىدەك ئىككى نوقتىدىن ــ ئۆتمۈشتە يارىتىلغان مىللىي مەدەنىيەتتىن، ئەمدى يارىتىلغان يېڭى زامانىۋى مەدەنىيەت ئاسمىنىدىن چۈشمەيدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ئىجابى ئەڭگۈشتەرلىرى ۋە ئىجابى تەرەپلىرىنى جارى قىلىش بىلەن غەيرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان پايدىلىق ۋە ئىجابىي ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا، مىللەت ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ جەريان تارىخنى قايتا ئويلاشنى، مەدەنىيەت تارىخىنى قايتا ئويلاشنى چەتكە قاقمايدۇ، ئەكسىچە تەقەززا قىلىدۇ.
تارىخنى قايتا ئويلاش گەرچە تار مەنىدىكى بېكىنمىچىلىك ۋەزىيىتى پەيدا قىلغان كونىلىقنى ساقلاپ، ياراتمايدىغان ئەنئەنىۋى كۆزقاراشقا زىت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كەڭ مەنىدىكى مىللىي ئەنئەنىگە زادى زىت ئەمەس! كەڭ مەنىدىكى ئەنئەنە شۇ مىللەت، شۇ دۆلەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك بىناسى بولۇپ، شۇ مىللەت، شۇ دۆلەتنىڭ بارلىق ئىجادىي ئىقتىدارى ۋە مەنىۋى دۇنياسى شۇ خىل ئەنئەنە بىناسىغا جەملەنگەن بولىدۇ. بۇناق ئەنئەنە بىناسى مەۋجۇت بولمايدىكەن، بۇنداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ «تارىخنى قايتا ئويلىنىش» ھەققىدە گەپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
مىللىي مەدەنىيەت سېنكىرتىك ئامىللىرىغا مۇخالىپ ئەمەس. مىللىي مەدەنىيەت قەبىلىلەر مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، غەيرى مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرنىڭ تەدرىجى تەسىر قىلىشى ئاساسىدا راۋاجلانغان. نىبى مەنىدە مىللىي مەدەنىيەتنى ساپلاشتۇرۇش غەيرى مىللىي ئامىللارنى چەتكە قېقىش بىلەن ئەمەس، بەلكى غەيرى مىللىي ئامىللارنى تولۇق ئۆزلەشتۇرۇپ ئىلگىرلەش بىلەن، شۇنىڭدەك ئۆزلەشمەيدىغان خام- خۇتتا نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنداق قىلىپ مىللىي مەدەنىيەت شۇنداق بىر سەرۋى دەرىخىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ يىلتىزلىرى ھەرخىل مەنبەلەردىن ئوزۇقلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى ئورنى، خۇسۇسىيىتى ۋە قىممىتى بىر پۈتۈن ئاشۇ سەرۋى دەرىخىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەنبەسىز ئېقىن ۋە ئوزۇقسىز دەرەخ بولماسلىقى ئاددىي ساۋاتقۇ! سېنكرتىك مەدەنىيەت مەنبەسى قارىشىنى چاكىنا چۈشەنمەسلىك لازىم.
مىللەتنى سۆيۈش مىللىي روھنى ساغلاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ساغلام مىللىي روھ ئارقىلىق ئۆزىنى يۇقۇرى قاتلامغا كۆتۈرىدۇ. مىللىي روھى ساغلام بولمىغان كىشى ــ ھەسەتخور، قارانىيەت، سۈيىقەسچى، يۇرتۋاز، پىتنىخور، كاززاپ، زوراۋان، بۇشاڭ، ھۇرۇن، ساتقۇن كىشى مىللەتنى «ئېغىز»دىلا سۆيىشى مۇمكىن.
مىللىي روھنى ساغلاملاشتۇرۇش ھازىر تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقى يوق. بىز ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىن، خەلق ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «مەھبۇبۇلقۇلۇب»، «مەسنەۋى خەراباتى» قاتارلىق كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن، ئابدۇقادىر ئەزىزى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق دېموگراتىك- مەرىپەتچىلەرنىڭ شېئىر ۋە تەشەببۇسلىرىدىن مىللەت گەۋدىسىنى چىرمىۋالغان روھىي ئىللەتلەرگە بىلدۈرۈلگەن كۈچلۈك نەپرەت بىلەن گۈزەل ئەنئەنىۋى پەزىلەتلەرگە قارىتىلغان يالقۇنلۇق مەدھىيىنى كۆرىمىز، بۇ بىزگە مىللىي روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللىتمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەپەككۇرلىرى ئىزچىل تەكىتلىگەن تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى، بۇمۇ مىللىتمىزدىكى يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. مەسىلە شۇكى، بۇ ئۇلۇغ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنى يوق!
مىللەت گەۋدىسى روھىي (پسخىك) كېسەللىكلەر بېكىنمە مۇھىت فېئوداللىق قەمئىيەتنىڭ روھىيىتىمىزدىكى خۇنۇك چۆكمىلىرى بولۇپ ئۇنىڭدا يەنە بىر قىسىم چەتئەلدىن، خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەردىن يۇقتۇرىۋالغان روھىي كېسەللىكلەرمۇ بار. «ئاكىيۇ» روھى مىللىتىمىزدىمۇ ئۇيغۇر «ئاكىيۇ»چىلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دوگماتىزىم، باگۇچىلىق، سولچىلىق، ھاكىممۇتلەقلىق، چېقىمچىلىق ئىللەتلىرىنىمۇ يۇقتۇرىۋالدۇق. بۇ، ساندۇقنىڭ چۇڭقۇر يېرىدە ساقلايدىغان «گۆھە» ئەمەس، ئۇنى ئېچىپ تاشلاپ مىللەت گەۋدىسىدىن تازىلىشىمىز لازىم.
مىللەت گەۋدىسىدىكى روھىي ئىللەتلەرنى تازىلاش «مىللەتنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش»، «ئۆيدىكى خۇنۇكلۇكنى سىرتقا يېيىش» ئەمەس، بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «باردۇر» دېگەن شېئىرىدا تىلغا ئالغان يالقاۋلىق (ھورۇنلۇق)، ھەسەتخورلۇق، پىتنىخورلۇق، كاززاپلىق، سۈيقەستچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەرگە يۇرتۋازلىق ۋە سول- ھاكىممۇتلەقلىق قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئومۇم خەلق نەپرىتىگە ئايلاندۇرساق نېمىسى يامان؟ مىللىتىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈل، مەرھەمەتچان، مېھماندوست، يېڭىلىق تەرەپدارى بولۇش قاتارلىق پەزىلەتلىرىگە كەلگەندە ئۇنى زامانىۋى ئاڭ ئاساسىدا داۋاملىق جارى قىلىمىز.
«ھەسەتخور كىشىلەر ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باشقىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقلىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ» گېگېل)، «ئىغۋاگەرلەر ئىغۋا ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرىدۇ، ئۆزىمۇ ئىغۋا ئىچىدە ئۆلىدۇ» (لۇشۈن)، «باشقىلاردىكى ئۇلۇغ ئارتۇقچىلىقلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىن باشقا چارە يوق» (گيۇتى).
5. خۇلاسە. يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋېلىش
«نادانلىقتىن ئۈچ بىخ ئۆسۈپ چىققان، ئۇلار : قارانىيەت، ساختا شۆھرەت ۋە ھاكاۋۇرلۇقتىن ئىبارەت»
ـــ شۇبىنخائوئېر
«ئەقىلدىن ئۈچ ئەخلاقى خۇسۇسىيەت تۇغۇلىدۇ. ئۇلار، ئېسىل ئىدىيە، ئېسىل سۆز، ئېسىل ھەركەتتىن ئىبارەت.»
ـــ دېموكرت
سوقرات: «ئەقىل يېتەكچىلىك قىلغان قەيسەرلىك سائادەت، نادانلىق باشلىغان قەيسەرلىك ئاپەت كەلتۈرىدۇ» دېگەنىدى. ئەقىل ـ راتسېئونال تەپەكككۇر بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت يۈزلەنگەن يېڭى سىۋىلىزاتسىيىلىك دەۋرنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىغا ئايلانماقتا، ئىنسانىيەت ئەمدىلىكتە ئىنسانىيەتكە زىت ھادىسىلەرگە قارشى كۆرەش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ قالدى.
پۈتۈن دۇنيا بويىچە كۆتۈرۈلگەن يېڭى مەرىپەت (سىۋىلىزاتسىيە) دولقۇنى ئېلىمىزدە، ھەرقايسى مەملىكەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تېپىۋېلىش يولىدىكى يېڭى ئىلگىرىلىشىنى ناشانلىدى، ئىقتىساد، پەن- تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي ئەسلىھەلەر ئەقىل ۋە ھەمكارلىق بىلەن بىرلەشمىسە بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئىنسان پرىنسىپى ـ ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپى كىشىلىك قارىشى، ئىجتىمائىي ئىشلار، مىللەتلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاقىلانە، شۆھرەتلىك يېتەكچى پرىنسىپىغا ئايلىنىشقا يۈزلەندى. تارىخ قانچە- ئەگرى- توقايلىقلارغا دۇچ كەلمىسۇن بۇ يۆنىلىشنى تۈپتىن بىكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئىنسان سوبيېكتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىختىرا قىلىشى، ئۆزىدىكى پوتېنسىئال ئىقتىدارىنى جارى قىلىشى ھازىرقى زامان ئېڭى قۇرۇلمىسىنىڭ يادروسىدىن ئىبارەت. بۇ مىللەت كاتېگورىيىسى نوقتىسىدىن ئالغاندا مىللەت سوبيېكتىنىڭ ، مىللىي روھنىڭ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ، مىللەت ئىقتىدارىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى قايتا تېپىۋېلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ مىللەت ئۈچۈن يېڭى مىللىي مەدەنىيەت ئويغىنىشى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەممە دىنىي يېڭىلاشلار بىلەن مەدەنىيەت كۈللىنىش ھادىسلىرى «يىپەك يولى» بويلاپ يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل تارىخى خاراكتىرلىك مەدەنىيەت ئۆزكەشلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا يۈزبەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. يىپەك يولى ــ شەرق- غەرپ مەدەنىيەت كانىلى سۈپىتىدە گرېك- رىم مەدەنىيىتى، كۈسەن بۇددا مەدەنىيىتى، سۇي- تاڭ مەدەنىيىتى، ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى ئاققۇزۇپ، ئالماشتۇردى. يىپەك يولىنىڭ قايتا جانلىنىشى، ھازىرقى زامان تاۋار مۇئامىلىسى ۋە پەن- مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشى ئۇيغۇر ئېتنىك تۇرمۇشى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدە يېڭى تارىخىي دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى، بۇ كونا يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قايتا ئويلاش ۋە يېڭى يىپەك يولى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ماھىيەتتە، يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋېلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. رومىن روللان: بىر كىشىنى چۈشەنگەنلىك بىركىشىنى ئىجاد قىلغانلىققا باراۋەر، دېگەنىدى. بۇ سۆزگە: ئۆز- ئۆزىنى چۈشەنگەنلىكمۇ ئوخشاشلا ئۆز- ئۆزىنى قايتا ئىختىرا قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇ.
ھەرقانداق مەدەنىيەت مىللىي بولغىنىدەك ھەرقانداق زامانىۋى ئاڭ ۋە مەدەنىيەتمۇ مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ئەھۋاىغا ئۇيغۇنلىشىشى لازىم. يېڭى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىگە خاس يېڭىچە مىللىي مەدەنىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئۇ پەقەت ھازىرقى زامان ئېڭىغا ئىگە، ئوچۇق ۋە پائالىيەتچان ئىقتىدارغا ئىگە، ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكا، ئەدەبىيات- سەنئەت سەۋىيىسىگە ئىگە يېڭى تەرەققىيات قاتلىمىغا كۆتۈرىلىدۇ. «خۇاڭخې» ۋە «تارىم» دەرياسىمۇ- مىللىي خاسلىقمۇ، «يىپەك يولى»مۇ ــ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشمۇ زۆرۈر. بۇ ئىككى روھنىڭ بىرىنى ئىنكار قىلىپ، جۇڭگۇچە مىللىيەتلىككە ئىگە بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋى مىللىي مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مىللىي مەدەنىيەتتىكى خاسلىق ۋە زامانىۋىلىقنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە بولىشى مىللىي مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئۇلىدىن ئىبارەت. مەدەنىيەت جەھەتتىكى قوبۇل قىلىشتىن مەقسەتمۇ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋى رىقابەت دۇنياسىدىكى ھاياتىي كۈچىنى يېتىشتۈرۈشتىن، كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئۆتمۈشتە ئېلىمىز ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قىممەتلىك تۆھپىلەر قوشقان. بۇ بىزنىڭ شەرەپلىك ئۆتمىشىمىز. ئۇ بىزگە ھەمىشە «ئەمدى قانداق تۆھپىلەر يارىتىسەن؟» دېگەن سۇئال بىلەن ئىلھام بېرىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇنى شانلىق ئۆتمۈش بىزگە تەلمۈرمەكتە، كەلگۈسى ئىستىقبالمۇ بىزگە تەلمۇرمەكتە، دىيىش مۇمكىن.
دېموكرت «مۇئەييەن گۈزەللىكنى ئۆزلۈكسىز ئىجاد قىلىپ تۇرۇش مۇقەددەس مەنىۋى كۈچنىڭ ئالامىتى» دېگەنىدى. ئۇنداق ئىكەن بىز دۇنياغا، كەلگۈسىگە، سىۋىلىزاتسىيىگە يۈزلەنمەي قانداق تۇرالايمىز؟! تەرەققىپەرۋەر ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر زىيالىلىرى ھازىرقى رىقابەتكە، ئىقتىدار قىممىتى سېلىشتۇرمىسىغا تولغان يېڭى تارىخىي مۇھىتتا چوقۇم مىسلىسىز مىللىي ئويغۇنۇش ۋە مىللىي گۈللىنىش جاسارىتى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەرىپەتلىك، زامانىۋى، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تاشقان ئىلغار مىللەتلەردىن بولۇپ چىققۇسى.
1988-يىل 6-ئاي، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى: ھۇما
|
|