- تىزىملاتقان
- 2015-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2258
- نادىر
- 0
- يازما
- 159
ئۆسۈش
8.6%
|
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (24)
روھىيەت ۋە مەدەنىيەت
سەن ئۆز قەلبىڭنى يورۇتالايدىغان نۇرلۇق چىراق بول
ـــ ساكيامۇنى
1.سېھىرلىك روھىيەت دۇنياسى
«ئىنسان ــ كائىناتنىڭ مەرگىزى» دېگەن قاراشقا ئەمدىلىكتە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. ئەمما، بۇ قاراش نوپۇزغا ئېرىشكەنچە ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىللىق سېھىرلىك قاراش ۋە ئادەتلەرگە بەنت بولۇشۇپ، قانداقتۇر ئۆزىنى «روھىيەتتىن خالىي»، «ئۆزلۈك روھىيىتى بولمىغان» مەخلۇق ساناپ كېلىشتى. ئۇلار ئىنساندىكى روھىي ھادىسىلەرنى قانداقتۇر ياخشى ياكى يامان ئىلاھلارنىڭ، ئىزگۈ ياكى قاباھەتلىك ئەرۋاھلارنىڭ ئىنساندىكى شولىسى، سېھرىي تەسىرى، بۇغى (ساۋاسى) دەپ قاراپ كېلىشتى. ئىپتىدائىي ئىنسان تۈركۈملىرى قۇدرەتلىك تەبىئەت ھادىسلىرى ھەققىدە دەھشەتلىك تەسەۋۋۇرلىرىغا ئىتىقاد باغلاپ، ئۆزلىرىنى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھچىلىقى قاراشلىرى بىلەن بەزلەپ كېلىشتى. ئانا ئۇرۇقىغا سېغىنىش ئەجداد ئىتىقادچىلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ئارقىدىنلا تەخمىنەن يېڭى تاش قۇرال ــ ئەپسانە دەۋرىدىن باشلاپ ئىنسانىيەت روھىيىتى ئادەم قىياپەتلىك تەڭرىلەر تەسەۋۋۇرىغا ئۆتتى. ئىنسان روھىيىتىنىڭ بۇ ئىككىنچى چوڭ تارىخىي باسقۇچى، ئەپسۇنكارلىق مۆجىزىلىرى بىلەن بېزەندى. «بەدىۋىلىك» نامى بىلەن ئاتالغان مۇشۇ دەۋردە كېيىنكى «سىۋىلزاتسىيە» دەۋرىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت قېلىپلىرى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت تۆرەلمىلىرى تۇرمۇشقا كىرىپ كەلدى.
پرومىتىنىڭ ئاسىي سۈپىتىدە سىكتايلار دىيارىدىكى قىياغا زەنجىرلىنىشى بىلەن ئادەم بىلەن ھەۋۋاىڭ ئېرەم جەننىتىدىن گۇناھكار سۈپىتىدە زىمىنغا ھەيدىلىشى كەرچە ئىنسان تېمىسىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىغا كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تېما يەنىلا ئىپتىدائىي ئىنسانغا خاس «ئۆزلۈك روھىيىتى بولمىغان» مەخلۇق ــ ئىنسان ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشقا نىسبەتەن «ئىسيانكار»، «گۇناھكار» ئىنسان تېمىسى سالاھىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھال يەنىلا «ئىنسان كائىناتنىڭ مەركىزى» دېگەن قاراشنىڭ روياپقا كېلىشىنىڭ تېخىي تولىمۇ يىراق تارىخىي مۇساپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. سوقرات ۋە ئەپىلاتۇن ئاجايىپ- غارايىپلىق بىلەن گادىرچاچ بولۇپ ئۆتكەن روھىيەت ۋە مەدەنىيەتنى مەڭگۈلۈك ئۆلچەم بىلەن ــ سوقرات ئەخلاق بىلەن، ئەپىلاتون ئىدېئال چۈشەنچە بىلەن تەرتىپكە سالماق بولدى. ئارستوتىل بۇ ئىككى ئۇلۇغ پىشىۋاغا قارىغاندا تەبىئەت قانۇنلىرىغا كۆپرەك ئىتىبار بېرىپ، روھىيەتنى «فىزىكا» (تەبىئەت ئىلىملىرى) سېستىمىسىدىن كېيىنكى «مىتافىزىكا» (تەبىئەت ئالىملىرىدىن كېيىنكى ئالىملار) سېستىمىسىغا كىرگۈزدى.
گرېك ھەيكەلتاراشلىرى ئىشلىگەن «دېسكا ئاتقۇچى» (مىلوننىڭ) «ئۈچ تەقدىر ئىلاھى» (فىدىئاسنىڭ)، «نەيزە ئاتقۇچى» (پىلۇكرىتنىڭ)، جۈملىدىن نىدۇستىكى ئافرودېتا»، «مىلوستىكى ئافرودېتا»، «رائوكۇن» قاتارلىق ھەيكەللەر بىلەن ختەن دەندان ئۆيلۈكتىن تېپىلغان شەرق ۋىناسى «لاكشىمى» (ئۆز تەڭرى) رەسىمى قەدىمكى جۇڭگۇدىكى «ئىنسان ـ ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمىي» دېگەن قاراش بىلەن بىللە قەدىمكى دۇنياغا ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا چاقنىغان بىر چېقىن بولۇپ ئۆتتى.
تەخمىنەن ئېيسا سەلب تاختىسىغا مىخلىنىپ، توققۇز ئون ئەسىردىن كېيىن، شەرقتە «مۇتەزز بىلىم» بىلەن «رىسالەت» ناملىق قامۇس مۇئەللىپلىرى، دەسلەپكى سوپىزم نامايەندىلىرى، جۈملىدىن فارابى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئىنساننى ئۇنىڭ ئەقلىي بىلىش ئىقتىدارى نوقتىسىدىن كائىناتنىڭ ئەڭ ئالى مۆجىزىسى، ھەقىقەت قۇلۇبىنىڭ ئاچقۇچى، دەپ قاراشتى. بۇ خىل پىكىر ئېقىمى غەربى ياۋرۇپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىن كېيىن، پەلسەپە ۋە سەنئەت ۋاستىلىرى بىلەن كەڭ راۋاجلاندۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن مىكران جىرۇ، لىئۇناردۇ داۋىنچى، رافائىل، دىدرو، گولباخ، مونتسكى، بېكوندىن تاكى گېگېل، گيوتى، فيىرباخ ھەتتا نىتزى، فرېئود، ئرك فرۇمم، سارترىي، ماسلوۋغىچە بولغان سەنئەت ۋە پەلسەپە مۇتۇپەككۇرلىرى بىلەن روھىيەتشۇناس ئالىملىرى كۆپ تەرەپلىمە ئىلھاملىنىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئېغىزدا بولسىمۇ «ئىنسان ــ كائىناتنىڭ مەركىزى»، «ئىنسان ــ ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمىي» دېگەن قاراش يېقىنقى بىر- ئىككى ئەسىردىن بېرى رەسمىي نەزىريىۋى پەندە يەنە مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالدى. بىر قەدەر نوپۇز تىكلىگەن ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا راتسېئونالىزىملىق گۇمانىزم دەپ ئاتالغان بۇ پەلسەپىۋى، ئەخلاقى سىستېمىغا پىسخولوگلار، ئەڭ ئالدى بىلەن روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتچىسى فرېئود ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ئىنسانشۇناسلار ھەم ئىتىراپ قىلغۇچى، ئەمما كونكىرتلاشتۇرغۇچى كۆزقاراشلىرى بىلەن يانداشتى. ئۇلار قويغان مەسىلىنىڭ تۈگۈنى: ئىنساننى ھەم ئەقىل ـ پاراسەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەم ئەدەپ- مەدەنىيەتتە كىشەنلەپ ئۇنى نوقۇل ئىجتىمائىيلىققا مەھبۇس قىلىپ قويماسلىق؛ ئىنساننى يەنە ھېس- كۆڭۈلدىمۇ ئىېتىراپ قىلىپ، شەخسنىڭ يەككە تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ بىئولوگىك مەۋجۇتلىقىغا چىقىش يولى بېرىشتىن ئىبارەت.
ئىنسان ــ ئۆزى توغرىسىدا تولىمۇ نادان. ئىنسان توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىلىم ۋە مەرىپەتلەرنىڭ ئىنساننىڭ سېھىرلىك روھىي دۇنياسىغا يۈزلىنىشى ياكى يۈزلىنەلىشى شۈبھىلىك. ئۇلارنىڭ يەكۈنلىرى زىۋىسنىڭ پرومىتى، يەھۋانىڭ (يەھۋا- خىرىستىيان دىنىدىكى ئاللانىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى) ئادەم ـ ھەۋۋا ئۈستىدىكى ئەپسانىۋى ھۆكۈملىرىدىن پەرقسىز. پاجىئە مانا مۇشۇ يەردە!
قىزىقارلىق، ئامما تراگېدىيىلىك، شۇنىڭدەك پۈتۈن سىۋىلىزاتسىيىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئىنسانىيەت تارىخىدا داۋاملىق ۋىزوۋى يانار تېغىدەك پات- پات لاۋا چاچرىتىپ تۇرىدىغان غايەت زور ــ ئەمەلىي تېما كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.
2.ئېتىكىچى بىلەن پىسخولوگنىڭ دېئالوگى
پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى ھازىر بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنى پىسخىك پائالىيەتنىڭ نېگىزى دېگۈچى بىئو- پىسخىكلار بىلەن ئىجتىمائىي ئاڭنى پىسخىك پائالىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى دېگۈچى سوتسىئولوگىيىلىك پىسخىكلاردىن يىراقلاشمايدۇ. ئەمەلىي پىسخولوگىيە روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتى ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئاساسلىق ھاياتى مەۋجۇتلۇق قاتلىمى يەنىلا تۇغما ئىقتىدارنى ئۇل قىلغان بىئو ـ پىسخولوگىيىلىك جەريانغا تاينىدىغانلىقىنى، بۇ ھاياتىي مەۋجۇتلۇق قاتلىمىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ روھى پائالىيەتنىڭ ئىجتىمائىي شەكلى بولغان نۇتۇقلۇق (مەنتىقىلىق) ئاڭ قاتلىمى توغرىسىدىكى سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. نەتىجىدە، ئىنسان تۇرمۇشىنى بىلىش ئۈچۈن ئىنسان تەبىئىتىنى بىلىش لازىملىقى، باشقىچە ئېيتقاندا روھىي پائالىيەتنىڭ ئەقلىي گىنوسئولوگىيىلىك (بىلىش نەزىريىسى) قاتلىمىنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن، روھى پائالىيەتنىڭ بىئولوگىيىلىك- ئونولوگىيىلىك (ئەسلىزاتلىق) قاتلىمىنى ئۆگىنىش لازىملىقى گەۋدىلىنىپ چىقتى.بۇ ھېلىمۇ جىددىي نوپۇزلۇق ئەنئەنىۋى قاراشقا تاقىلىدىغان ئۆتكۈر مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ تۇرماقتا.
ئېتىكىچى (ئەخلاقشۇناس) بىلەن پىسخولوگنىڭ دىئالوگىنى بىز «A»، «B» بەلگىسى بويىچە بىر قۇر كۆرۈپ چىقايلى:
A: ئەخلاق ـ مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى ۋە گۈلى، ئىنسانىيەتنى ياۋايىلىق ۋە بەدىۋىلىكتىن قۇتقۇزغان پىشاڭ. ئۇنىڭ نوپۇزى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز.
B: ئەخلاق ـ ئىنساننى پەقەت روھىيەتنىڭ ئاڭ شەكلى بولغان ئەقىلگە بوي سۇندۇرۇپ، ئۇنى ئىتائەتمەن قىلىدىغان شامان ۋە كاھىن. ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىنى ۋە بىرقانچە مىڭ يىللىق ئەجىرـ ئەمگەك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەدەنىيەت قارىشىنى قايتىدىن تەنقىدىي ئوپراتسىيە قىلىش لازىم.
A: ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي يۈكسىلىشى مەدەنىيەتنى، مەدەنىيەتنىڭ تارىخىي ئۇتۇقى ئەقىل تەرەققىياتىنى تەقەززا قىلىدۇ.
B: ھازىرغىچە بولغان مەدەنىيەت ۋە ئەقىل راۋاجى ئىنساننىڭ پېرسوناللىقىنى (خاراكتېر خاسلىقىنى) چەكلەشنى، ئىنساننى ئەقلى تەپەككۇر بويىچە، ھېسسىي روھىيەت بويىچە ئۆز- ئۆزىگە قاتىل قىلىشنى بەدەل قىلمىدۇمۇ؟
A: مەدەنىيەت ۋە ئەقىل ئارقىلىقلا بەختكە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىپ بولامدۇ؟
B: مەدەنىيەت ۋە ئەقىل ئىنسانغا بەخت ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، ئاپەتمۇ ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ مەدەنىيەتلىك دۇنيانى ياراتتى ۋە ئىنساننى ئۇنىڭدىكى مەھبۇسقا، قۇلغا ئايلاندۇردى. ئۇ، ئىنساننى ياتلاشتۇرۇشتىن ئىنساننىڭ ئاتالمىش غەيرىي ياۋايى كۆنۈكىشىنى شەكىللەندۈردى.
A: ئىنسان تەبىئىتى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا بېسىم قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلمىغاندا، ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئىلگىرلەش بولمايدۇ. بېسىم ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىش بىلەن بىللە يەنە ئەقىلگە مۇۋاپىق خىزمەتتۇر.
B: مەدەنىيەت تارىخى مۇھەببەت خاھىيىشىنى مەرگەز قىلغان ئىنسان روھىيىتىنى بېسىشۋە ئۇنى ئىنساندىن ياتلاشتۇرۇش تارىخى بولۇپ كەلدى، ئۇ خۇددى بۇددىزمدەك مۇھەببەت خاھىيىشىنى مەدەنىيەتكە (جۈملدىن ئەدەپ ۋە ئەقىلگە) زىت قويۇپ، خۇددى خرستىياندەك بۇ خاھىيشنى «تۇنجى گۈناھ» دەپ قاراپ كەلدى! نەتىجىدە ھەممىلا مەدەنىيەت فورماتسىيىلىرى ئىنسان ماھىيەتلىرى بىلەن كۆپ قىرلىق توقۇنۇش ھاسىل قىلدى.
دىئالوگ تېمىلىرى بۇنىڭ بىلەنلا ئاياغلاشمىسىمۇ، مەسىلە ناھايىتى روشەن، ئۆتكۈر، ئىزچىل ۋە قەدىمىيلىكلىكى بىلەن خاراتتېرلىنىدۇ.
بۇ زىددىيەت دىن ۋە ئەخلاق، سەنئەت ۋە ھوقۇقنىڭ نۇرغۇن چەكلەنگەن راتونلىرىغىچە كېڭەيتىلگەن.
دىن: ئىنسان ئۆز خايىشىلىرىگە يول قويۇپ تۇنجى گۇناھ سادىر قىلغان، دىنىي ئەخلاق تۇنجى گۇناھنىڭ تەكرارلانماسلىقىنى، ئىستىغفار ۋە ئىتىقاد ئارقىلىق ئۇنىڭدىن پاكلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ، - دېسە؛ بۇ قاراشنىڭ مۇخالىپلىرى: زىۋىس ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئائىلىسى ئىپتىدائىي جىنىس ئېتىقادچىلىقى، شامان ۋە كاھىنلارنىڭ تۇنجى كېچىلىك ھوقۇقى، ئىپتىدائىي خىرستىيان چېركاۋلىرىدىكى يات جىنىسلار ئۇچرىشىشلىرى، بۇددىزم رەسساملىقىدىكى يالىڭاچ ئادەم تەسۋىرى، ئىسلام ئىتىقادىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق قاتارلىق دىنىي ئېتىقادتىكى جىنسىي خايىش ھادىسلىرىنى قانداق ئىزاھلاش مۇمكىن؟ ـ دەيدۇ؟
ئەخلاق: ئىنساننىڭ كامالىتى ئۆزىنى تەبىئىي ۋە ھايۋانىي ـ بەدىۋى خاھىشتىن پاكلاشتۇرۇپ، ئىدېئال ـ غايە – خۇدالىق كامالىتىگە يېتىشتۇر، - دېسە؛ بۇ خىل قاراشنىڭ مۇخالىپلىرى: ئەخلاقىي قۇرۇلمىلار ئىنساننى مەقسەت قىلىشى، جەمئىيەتنى ئىنسانغا لايىقلاشتۇرىشى، ئەكس ھالدا ئىنساننى ئەخلاق قېلىپلىرىدا قۇيۇلغان قورچاق بۇتقا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى لازىم، - دەيدۇ.
سەنئەتتە ئەھۋال مۇرەككەپ. ئۇنىڭ بىر قىسمى: سەنئەت ئالدىنقى ئاڭنىڭ قارشىلىقى، چۇقان ۋە فونتان ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئازادلىق ئىنتىلىشى، - دېسە؛ ئۇنىڭ يەنە بىر قىسمى: سەنئەت سىياسىي، قانۇن، ئەخلاق ۋە دىنغا ماسلىشىشى، كىشىلىك تورىنى تەشكىل قىلغان يىپلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تۈگۈن بولۇشى لازىم، -دەيدۇ.
ھوقۇق- ئومۇمەن ئىگدارچىلىق تۈزۈلمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىرىگە لايىق روھىيەت تۈزۈلمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىقارالىقىنى ياقىلايدۇ.
مۇنبەردىكى تەپەككۇر ۋە نوتۇق بىلەن سۆزلەنگەن بۇ ئىبارىلەر بەرىبىر جانلىق ئىنسان ئاغزىدىن چىققان. قىزىقارلىقى شۇكى، كاھىن كېچىلىك ھوقۇقىدىن زوقلىنىشتىن ئۆزىنى چەكلىيەلمەيدۇ. ئەخلاقشۇناس كۆڭلى چۈشۈپ قالغان چۇۋاننىڭ قىياپىتىنى، ئاۋازىنى سېغىنىپ بىئاراملىقتا ئازاپ چېكىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشلىرىگە ئاپلاتۇننىڭ ئېتىكىلىق رېجىملىرى تولىمۇ قېلىپىدىن چىققان روھىي دىكتاتۇرا سىماسىدا سايە تاشلايدۇ. ئەمما، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەسپىي فورمىلىرىنى كىيىشىپ مۇنبەرگە چىققاندا يەنىلا قېلىپلاشقان ئۆز ئەھكاملىرى ئۈستىدە مەرۇزە سۈزلىشىدۇ.
3.ئىنسان روھىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش قانۇنى
ئىنسان ھايۋانات دۇنياسىدىن ئىجتىمائىي ئىنسانغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھىيىتى ئاسماندىن چۈشكىنى يوق، بەلكى ئىلگىرىكى بىئولوگىيىلىك روھىي ئېنىستىنكىت (تۇغما ئىقتىدار) ئاساسىدا، ئۇنى ئۇل قىلغان يېڭى روھىي قاتلامغا مۇيەسسەر بولدى. ئىنسان روھىيىتى ئىككى كېنەزلىككە – ئېنىستىنكىت كېنەزلىكى بىلەن ئەقلىي بىلىش (پاراسەت) كېنەزلىكىگە ئايرىلدى. تارىخ، بۇ ئىككى كېنەزلىكنىڭ بىرى جاھانكۇشاي سۈپىتىدە، ئىككىنچىسىنى ئىستىلا قىلىش، نەتىجىدە بىر پۈتۈن روھىي مەدەنىيەت ئىمپېرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى مىليۇن ھېكايىلىرى، مىليارد پاجىئەلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچۇر قىلماقتا.
ئىنسان روھىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش قانۇنى بىرقانچە قاتلاملىق روھىيەت ھادىسلىرىدە ئىپادىلىنىپ، ئاجايىپ- غارايىپ رەڭگارەڭلىك ھاسىل قىلغان. مەسىلەن، ھايات خايىشى بىلەن مامات خايىشى؛ ئۈمىد تەلپۈنىشى بىلەن ئۈمىدسىزلىك روھىيىتى؛ ئەقىل ئىقتىدارىدىن ھەم بەخت، ھەم ئازاپ ھېس قىلىش؛ ئارزۇ بىلەن مۇمكىنلىك ئارىسىدا بىئارام بولۇش؛ ئاڭ بىلەن كۆڭۈل (پوتېنسىئال ئاڭ) ئارىسىدا تىڭىرقاش؛ جىنسىي ئېنىستىنكىتلىق ئارقىلىق روھىي ئازاپ ئىزدەش ۋە ئۆزىنى قايتىدىن روھىي مەھبۇسلىققا سېلىشقا ئالدىراش؛ مۇھەببەت قويۇپ مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەسلىك؛ ۋاپا ۋە ئەقىدىلىرى ئۈچۈن ۋاپاسىزلىق ۋە خىيانەتكارلىققا ئۇچراش ئازابىنى چېكىش؛ نىكاھ ۋە مۇھەببەتنىڭ بىر-بىرىدىن ياتلىشىپ كېتىشى؛ ئېغىر ئەخلاقىي بېسىم مۇھىتى ئىچىدە تۇرۇپ ئىختىيارسىز ئىشق ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش؛ كۆڭۈل ۋە جىنسىي خاھىشىنىڭ داۋاملىق قايتا تەشكىللىنىپ تۈرۈشى؛ ئۈزىنى ئالداش، غىدىغلاش ۋە زەھەرلەش ئارقىلىق ساختا روھىي شادلىق قوغلىشىش؛ ئېنىستىنكىتلىق خاھىش بىلەن يەنە ئۆزىنى ئەيىپدار بىلىشتەك زىددىيەتچان روھىيىتىگە تەڭ گىرىپتار بولۇش؛ مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان رەشىك... بۇلار ئۇنىڭ بىر قىسىم تىپىك مىسالى، خالاس.
ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش قانۇنىنى ھەر خىل روھىي قاتلاملار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتىلا ئەمەس، يەنە بىرخىل روھىي قاتلامنىڭ، مەسىلەن: ئەقىلنىڭ جىنسىي خاھىشنىڭ، مۇھەببەت خايىشىنىڭ ئوبيېكت ۋە سوبيېكت ھەركەت كۈچلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ.
ئېيتىش كېرەككى، ئېنىستىنكىتنىڭ خۇشاللىقنى ئالىي ماقام قىلغان پائالىيەتچان ئىقتىدارى بولغان كۆڭۈل (فرىئودنىڭ ئەسلى ئىبارىسىدىكى «Unconscious» - يوشۇرۇن ئاڭ) بىلەن ئەقىلنىڭ رېئاللىقنى ئالىي پىرىنسىپ قىلغان پائالىيەتچان ئىقتىدارى بولغان ئاڭ (فرىئودنىڭ ئەسلى ئىبارىسىدىكى «Consiusness») ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش ئىنسان روھىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش قانۇنىيىتىنىڭ ئوقى ۋە تىپىك شەكلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخىدا بەدەن بىلەن روھنىڭ ئايرىلىشى؛ بەدەندىكى تۇپراق ۋە سۇدىن ئىبارەت ئېغىر زات (تادۇ)لار بىلەن ھاۋا ۋە ئوتتىن ئىبارەت يەڭگىل زات (تادۇ)لارنىڭ ئايرىلىشى؛ ئىنساندىكى تۇغما ۋە ھايۋانىي ئىتىدارلار بىلەن ئەخلاقىي ۋە ئېرىشكەن ئىقتىدارلارنىڭ ئايرىلىشى؛ ئىنساندىكى بەش «ئوغرى قاچتى» (بۇددىزم ئىبارىسى) سەزگۈلەر بىلەن قەلب كۆزى ۋە پەزىلەتلىك خاسىيەتلەرنىڭ ئايرىلىشى؛ ئىنساندىكى ئېنىستىنكىتلىق بىلەن مەدەنىيەتلىك ئاڭنىڭ ئايرىلىشى ھەققىدىكى بايانلار ماركس، دارۋېن، فرېئود قاتارلىق كىشىلەر تىلغا ئالغان بىر چوڭ ھەقىقەتكە مەرگەزلەشكەن. بۇ بولسىمۇ، ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىئولوگىيىلىك قاتلىمى بىلەن ئىجتىمائىي قاتلىمىنىڭ نىسبى بىر پۈتۈنلىكى ۋە زىددىيىتىدىن ئىبارەت.
ئىنسان خۇددى فارابى ئېيتقاندەك ھايۋاندا بولىدىغان ئوزۇقلىنىش، نەسىل قالدۇرۇش، سېزىش ئىتىدارى ئۈستىگە نۇتۇق- تەپەككۇر ئىتىدارى قوشۇلغان مەۋجۇدات.
ئىنسان خۇددى ئىجتىمائىي ھايۋان. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقى ئۇنىڭ مىېراللىقى، ئۆسۈملۈكلىكى ياكى پاك- پاكىز ئىجتىمائىيلىقى ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھايۋانلىقى ئۈستىگە قوشۇلغان. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقى ئۇنىڭ بىئولوگىيىلىك ھازىرلىقلارنى ئىنكار قىلىش، ئۇنىڭ ھايۋانلىق تۈزۈلمە ۋە ئىقتىدارىنى يوققا چىقىرىش بەدىلىگە ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي بىئولوگىيىلىك جىسمانىي تۈزۈلمە ۋە ھاياتى قۇۋۋەتلىرىگە يەنى ئېنىستىنكىتلىق- ئاڭدىن خاسلىق روھىي ئىقتىدار بىلەن نۇتۇقلۇق- ئاڭ تەپەككۇرلۇق روھىي ئىقتىدارىدىن ئىبارەت ئىككى قەۋەتلىك بىنا شەكلىدىكى پىسخىك خاسلىقنى بەرپا قىلىشنى بەدەل قىلغان.
«جەننەتتىن ئايرىلغان ئىنسان» ۋە «ئىنساندىن ئايرىلغان جەننەت»نىڭ ھەرئىككىسى ئىنسانغا نامۇناسىپ بولۇپ قالدى! ئاڭ –ئىنساننى نوقۇل، يۈگەنسىز پوتېنسىئال ئاڭدىن، تۇغما ئىختىدارىدىن ياتلاشتۇردى. ئىنسان ئۈچۈنمۇ، ئاڭ ۋە تەپەككۇر تىزگىنىدىن ئايرىلغان ئېنىستىنكىت، بولۇپمۇ تۇغما جىنسىي خاھىش چەكلىنىشى، تىزگىنلىنىشى لازىم بولدى.
ئىنسان روھىيىتى خۇددى ئوتتۇرىسى ئۈزۈلگەن تاقا شەكىلدىكى ماگىنىتتەك، كۆڭۈلگە لايىق نەرسە بىلەن ئەقىلگە مۇۋاپىق نەرسە، مۇھەببەت خاھىشى بىلەن ئەخلاق نىزامى ئارىسىدا توختىماي پىرقىراشتىن مەڭگۈ خالاس بولالماسلىق سېفىراسىغا جايلاشتى. مانا بۇ، تەقۋىدار كاھىنلار، سۇخەنساز ئەخلاقشۇناسلار، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇرلار يوشۇرۇپ كەلگەن چىنلىق- ئىنساننىڭ روھىيىتىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش قانۇنى، قىزىقارلىق تەققاس: كىشىلەر روجدېستوۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئاقىلىق ئېيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشىدۇ، ۋەھالەنكى، ئاشۇ نۇرانە پەرزەنتنىڭ تۆت كوچا ئاغزىدا كرېست ياغىچىغا مىخلىنىپ تۇرغان تەقدىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈشمەيدۇ...
4.ئىنسان روھىنىڭ بىرپۈتۈنلىكى ۋە كۆپ قاتلاملىقى
ئىنسان گەرچە جانلىق تەبىئەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك سەمەرىسى بولسىمۇ، ئۇ ئاڭسىز تەبىئەت مۆجىسى بولماستىن، يەنىلا ئىجتىمائىي ئاڭغا ئىگە بولغان مەدەنىيەت مۆجىزىسىدىن ئىبارەت. ئىنسان ئۈچۈن خاس بولغان بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك تۇغما ئىقتىدار ھادىسىلىرى يەنىلا ئىنسان ئۈچۈنمۇ خاس بولغان پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن شەكىللىنىدۇ، ھەركەتلىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ئىنساندا ئەقلىي بىلىش ئەقلى ئاڭ ئارقىلىق مەيدانغا كەلمەيدىغان ياكى بۇنداق بىلىش ۋە ئاڭ ئارقىلىق بىردىن تەرك ئېتىپ بولمايدىغان بىر قاتار ئېنىستىنكىتلىق پوتېنسىئال ئاڭ خاراكتىرلىك روھىي ھادىسىلەر، ئەڭ ئالدى بىلەن ھېسسىي، كۆڭۈل تۈسىنى ئالغان ھادىسىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىنسانغا خاس بولۇپ، پۈتۈنلەي ھايۋانى ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ نوقتا بولمىغان بولسا، ئىككىگە بۆلۈنۈش توغرىسىدا ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى.
دەرھەقىقەت، ئىنسان بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمە ۋە ئىجتىمائىي (مەدەنىيەت) تۈزۈلمىسىگە ئىگە مۆجىزە. شۇنىڭدەك ئىنسان بىئولوگىيىلىك ئىھتىياج ۋە خايىش، ئىجتىمائىي ئېھتىياج خاھىشقا ئىگە مەۋجۇدات. ئىنساندىكى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي خايىش ئىنساننىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى، ئىھتىياجى ئاساسىدا بىرخىل لىبىدۇ (Libidu- جىنسىي ئىستەك)، ئىنتىلىش ۋە بېغىشلاش شەكلىدە تەجەللى بولىدۇ، ئۇرغۇپ چىقىدۇ. بۇ، ئومۇمەن سەۋەبىياتلىق، قانۇنىيەتلىك بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئىلمىي تەپەككۇرغا – ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر.
ئىنساننىڭ بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسى نوقۇل جىنسىي تۈزۈلمە بولماستىن، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىي ئىقتىدارى، ھاياتىي خاھىشى، ھاياتلىق كامالىتى بولغان ساغلاملىققا بولغان ئىنتىلىشىنى تەمىلەيدىغان ھاياتلىق تۈزۈلمىسىدىن ئىبارەت. پەندە «ئائۇرا» دەپ ئاتىلىدىغان، ئادەمنىڭ بەدەن ھالىتى سىرتىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بىر قاتلام ھاياتىي نۇر چەمبىرىكى ۋە بۇ ئائۇرا قاتلىمىنىڭ سۈپەت ھالىتى دەل مۇشۇ ھاياتلىق تۈزۈلمە ئىختىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇددا، مانىزم ۋە خرستىيا رىۋايەتلىرى ئاساسىدا باش قىسمىنى قاپلاپ تۇرغان نۇرچەمبىرى بىلەن مۇقەددەس ئوبرازلارنى سىزىش ئادىتى، ھازىرقى كۈندە پۈتۈن بەدەننىڭ تاشقى نۇر چەمبىرى بولغان ئائۇرانىڭ ئىلاھىلاشتۇرۇلغان بىر قىسمى دەپ قارالماقتا. «ئائۇرا»- ھاياتىي كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ «لىبىدۇ»- ئېنىستىنكىتلىق ئىقتىدار (قۇۋۋەت)دىن كاتتىلىقىدا مەسىلە بولمىسا كېرەك. ماماتلىققا زىت بولغان بۇ تۈپكى ھاياتىي تۈزۈلمە، ئىقتىدار، خايىش ۋە ئىنتىلىشنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئۇ ئىنساندىكى باشقا بارلىق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىدار، خايىش ۋە ئىنتىلىشلەرنىڭ ئۇلى؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ باشقا بارلىق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىدار، خايىش ۋە ئىنتىلىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دىققەت قىلىڭ: ئىنسان ئۈچۈن ھاياتلىق قىممىتى نوقۇل جانلىق تەبىئەت قىممىتى- بىئولوگىيىلىك قىممەت بولماستىن، يەنى ئىجتىمائىي قىممەت ۋە مەدەنىيەت قىممىتى! ئىنساننىڭ بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسىدىكى تۇغما ئىقتىدار ھەققىدە ئالدىمىزدا ئىككى مەشھۇر مۇھاكىمە تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرى، فرېئودنىڭ «جىنسىي خاھىش ئېنىستىنكىتنىڭ مەركىزى» دېگەن قارىشى. بۇ قاراش «ئىنساننىڭ ھايۋانلىقى- ئەسلىدىكى مەنلىكتۇر» دېگەن تېزىسقا ئاساسلانغان. ئۇنىڭ يەنە بىرى فرېئوددىن ئازكەم مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ «رىسالە ئىشق» ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئالغان «كامالەتكە ئىنتىلىش- مۇھەببەتتۇر»، «كامالەتكە ئىنتىلىش كائىناتنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى»، «ئۆزىدە بولمىغان قۇتۇپقا ئىنتىلىش، تولۇق- مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش، ئەۋزەللىككە ئىنتىلىش- كامالەتكە ئىنتىلىشتۇر»، «ئىككى جىنس ئارىسىدىكى سۆيگۈ- كائىنات ئىشقىنىڭ ئىنساندىكى ئىپادىسىدۇر» دېگەن قاراشلاردىن ئىبارەت. فاېئود بىلەن ئىبىن سىنا بىر نەرسىنى- ئالەمنىڭ مەنپى- مۇسبەت قانۇنى، زىددىيەت تەرەپلىرىنىڭ جەزبىدارلىقىنى، بۇ ئومۇم ھادىسنىڭ ئىنساندىكى ئپادىسىنى تىلغا ئالغان.
فرېئود روھىي كېسەللىكلەر ئۈستىدىكى ئەمەلىي تەجىربىلەردىن خۇددى ئىسلام سوپىزمى تىلغا ئالغان ئەقىلدىن ئايرىم، مەنتىقىي تەپەككۇردىن خالىي، ئاڭدىن تىرەن بولغان «كۆڭۈل» ئىبارىسىگە ئوخشايدىغان پوتېنسىئال ئاڭ ئاتالمىسىنى يەكۈنلىدى. ئىبىن سىنا ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى بىلەن دىئالىېكتىك روھقا ئىگە راتسېئونالىزملىق سوپىزملىق قاراشلار ئۇلىدا ئۆزىنىڭ «رىسالە ئىشق» (مۇھەببەت رىسالىسى) ناملىق ئەسىرىنى يازغان.
فرېئود گەرچە جىنسىي خاھىش بىلەن مۇھەببەت خاھىشىنى بىر-بىرىگە تۇتاشقان، ئەمما بىر-بىرى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك بولمىغان خاھىش دەپ ئىزاھلىسىمۇ، جىسنىي خايىشنىڭ تىزگىنسىز يامراپ كەتمەسلىكىنى تىلغا ئالسىمۇ، ئۇ ئاڭدىن خالىي بولغان جىنسىي خاھىشنى تۇغما ئىقتىدارنىڭ يادروسى، خۇشاللىق ئىنتىلىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھۆكۈمران شەكلى، دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكا پىسخولوگى ماسلوۋ ئىنساندىكى ئىھتىياجلار توغرىسىدا توختالغاندا، تۇغما ئىقتىدار (ئېنىستىنكىت) نەرىزيىسىنى بىر پۈتۈن ئىنساندىكى تەبىئي (بىئولوگىيىلىك) ۋە ئىجتىمائىي (مەدەنىيەت) ئىھتىياجى ئاساسىدا، يۇقۇرى- تۆۋەن دەرىجىگە ئايرىپ ئىزاھلاشنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ ئىنساندىكى ئىھتىياجنى (تەقەززا، Needs ) (بىئولوگىيىلىك ئىھتىياج)، «بىختەرلىك ئىھتىياجى»، «مۇھەببەت ئىھتىياجى»، «قەدىرلىنىش ئىھتىياجى»، «ئۆز ئىختىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىھتىياجى»دىن ئىبارەت بەشكە ئاجراتتى. ئۇنىڭچە، ئالدىنقى ئىھتىياج ھەل قىلىنمىغىنىدا، كېيىنكى ئىھتىياج شەكىللەنمەيدۇ. ماسلوۋمۇ تەبىئىي ئىھتىياجنى يىمەك- ئىچمەك، بىخەتەرلىك بىلەن باشلاپ، ئىنساننىڭ ئۆز ئىقتىدارى بويىچە تارىخىي تۆھپە يارىتىشتىن ئىبارەت يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي ئىھتىياجى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. ماسلوۋ تىلغا ئالغان ئېھتىياج قاتلاملىرى، ئىنساندىكى خاھىش ۋە پائالىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرى ھېساپلانغان. مېنىڭچە، ماسلوۋ تىلغا ئالغان ئېھتىياجلارنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش، شۇنىڭدەك ئۈچ قاتلاملىق ئىھتىياجغا ئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن. بۇ فىزىئولوگىيىلىك ئىھتىياج ۋە خاھىش، مۇھەببەت ئىھتىياجى ۋە خاھىشى، مەنىۋى مەدەنىيەت (بولۇپمۇ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش) ئىھتىياجى ۋە خاھىشىدىن ئىبارەت. مەلۇم مەنىدە ئۆزى ئاچ- يالىڭاچ ھالەتتە ئۆتكۈر گەۋدىلىنىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجدىن خالىي بولسىمۇ، كۆزى ئاچلىق تۈپەيلى مال –دۇنيا ھېرىسلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنى تۆۋەن قاتلامدىكى ئىھتىياج، خاھىشىغا يانداشتۇرۇش مۇمكىن. ئىنساندىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلىپ، كىشىلىك مەدەنىيەت تارىخىغا تۆھپە قوشۇپ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ نوقۇل فىزىئولوگىيىلىك ئوبيېكت ۋە ئائىلىۋى سوبيېكتلىق سالاھىيەت بىلەن چەكلەنمەيدىغان ئىجتىمائىي قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت يۇقۇرى دەرىجىلىك ئېھتىياج ۋە خاھىشى بىلەن فىزىئولوگىيىلىك ۋە تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەقەللى ئىجتىمائىي خاھىش ئارىسىدا مۇھەببەت ئېھتىياجى ۋە خايىشى جايلاشقان.
ئىنسان روھىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى بىلەن ئۇنىڭ بىرپۈتۈنلىكىدە گەۋدىلىك رول ئوينايدىغان مۇھەببەت ئېھتىياجى ۋە خاھىشى ھەققىدە ئايرىم توختۇلۇش جائىز.
5.مۇھەببەت خاھىشىنىڭ ئىنسان روھىيىتىدىكى ئورنى
مۇھەببەت ــ نوقۇل جىنسىي خاھىش بولماستىن، «ئالەمنىڭ تۈپ قانۇنى ــ كامالەتكە ئىنتىلىش» ۋە ئۇنىڭ «ئىككى جىنس ئارىسىدىكى ئىپادىسى» (ئىبىن سىنا)، «ھاياتلىق ئىستىگى» (گوركىي)، «بارچە ھىسىياتلارنىڭ ئەۋجى ۋە غالىپى» (ھېنرىخ ھېينى)، «بىزنى قايتا ياراتقۇچى قۇدرەت» (دوستويىۋىسكى)، «مەھبۇب ھاياتىغا قوشۇلۇپ ياشاش» (تولۇستوي)، «بەخت خەزىنىسى» (موللېر)... مۇھەببەت ــ ئىنساننىڭ تۇغما ئىقتىدارىدىكى جىنسىي خاھىشىدا، ئىنساننىڭ ئاڭ ۋە ئىختىيارىدىكى ئىجتىمائىي تەلپۈنۈشىدە، قىسقىسى ئىنساننىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى، تەقەززاسى ۋە خاھىشىدا ئىپادىلەنگەن ماددى ۋە مەنىۋى پائالىيەتچانلىقىنى قارماپ تۇرغان ئۇلۇغ ئالەم قانۇنىيىتىدىن تاشقىرى نەرسە ئەمەس. ئۇ ئىنساندىكى ئىككى كېنەزلىك قاتلىمىنىڭ بىرلىك ھالقىسى، ئىنسان ھاياتىغا ماھىيەت، ئىقتىدار ۋە قىممەت بېغىشلىغۇچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ماماتلىق خاھىشىغا زىت ھاياتلىق خاھىشى ماھىيەتتە يەنىلا مۇھەببەت ـ كامالەتكە ئىنتىلىش خاھىشىدۇر.
شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، مۇھەببەت ئىھتىياجى ۋە خاھىشى قارىماققا خۇددى ماسلوۋ كۆرسەتكەندەك تەبىئىي ئېھتىياج بىلەن ئىجتىمائىي ئېھتىياج ئارىسىغا جايلاشقاندەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ ئىھتىياج ۋە خاھىش ئاجىز ياكى كۈچلۈك ھالەتتە ئىنسان تەقەززاسى ۋە خاھىشلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدىن تېپىلىدۇ. ئۇ ئاڭ، تەپەككۇر، ئەخلاق ۋە مەجبۇرىيەت بىلەن يېڭى ھاياتى كۈچ، مەدەنىيەت خاراكتېرى ئالغان ئەڭ تۈپكى ۋە ئەڭ دائىمىي ھاياتىي تەقەززا، پائالىيەتچان خاھىش. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن «كۆڭۈلگە ياقىدىغان نەرسە» بىلەن ئەقىلگە مۇۋاپىق نەرسە»نىڭ مۇجەسسەم گەۋدىلىنىشى. مۇھەببەت نوقۇل ئاڭدىن خالىي تۈزۈلمىنى غىدىغلاش ۋە روھلاندۇرۇشنى ئەمەس، يەنە ئاڭ ۋە ئاڭلىق پائالىيەتنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۆزىگە قانائەت ۋە ئىپتىخار نۇقتىسى قىلغان. ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ كۈچى يالغۇز جىنسىي خاھىشنى قوزغاشۋە تىزگىنلەشتىلا ئەمەس، يەنە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشتە، ئۆزى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشتا، قېرىش ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، مۆجىزىلەر يارىتىدىغان مەنىۋى قىزغىنلىق ۋە جاسارەتتە جىلۋىلىنىدۇ. روشەنكى مەۋجۇتلۇق قىممىتى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇق قىممىتىگە بولغان ئاڭلىق بىلىشى ــ مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ ھەقىقىي بۇلىقىدۇر.
بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئىككى مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئىبىن سىنانىڭ «رىسالە ئىشق» ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان. ئىبىن سىنا نوقۇل جىنسىي خاھىشقا بېرىلىشنى مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرمەستىن، پەقەت ئۇنىڭ سىرتىنى كۆرگەنلىك، دەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۈچ نەرسىگە ئېرىشىش ــ سۆيۈشمەك، قۇچاقلاشماق ۋە جىنسىي ئالاقىگە ئېرىشىش، پەقەت مۇھەببەتنىڭ سۆرىتىگە ئېرىشىش بولۇپ، ئۇلار خۇددى «ئايدىڭنى قېتىق دەپ بىلگەندەك»، مۇھەببەت ئارقىلىق ئېرىشىش لازىم بولغان ماھىيەتتىن قۇرۇق قالغان بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ماھىيەت ــ ئەۋزەللىك، مۇكەممەللىك، كامالەتتىن ئىبارەت. ھەقىقىي جىنسىي تۇرمۇش ئۆز مەھبۇبىدىن ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى مەنىۋى يېتىلىش ۋە مەنىۋى ئەۋزەللىك ئالامەتلىرىنى تېپىش، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن قوشۇلغان ئىپتىخار تۇغدۇرىدۇ. دېمەك، مۇھەببەت خاھىشى ــ مەنىۋى ئەۋزەللىككە ئىنتىلىش خاھىشى بولۇشى لازىم.
ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ماسلوۋنىڭ «ئىنسان نىيىتى ھەققىدىكى نەزەرىيە» ناملىق ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇ؛ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج بىلەن بىخەتەرلىك ئېھتىياج قانائەتلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇھەببەت ۋە تەۋەلىك ئېھتىياجى يېڭى مەرگەز بولۇپ قالىدۇ. كىشى دوست، مەھبۇب، خوتۇن، ئەر، پەرزەنت خاھىشىنىڭ كۈچلۈك تۈرۈتكىسىدە بىر قاتار روھىي زىددىيەتلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، دەيدۇ. مۇھەببەت خاھىشى ئۇچىغا چىققاندا، ئىنسان ئۆز روھىيىتىدىكى خاھىش چەكلەش تۇيغۇسىنىڭ تورمۇزىنى بۇزۇپ، خەتەرگە قارىماي، ئىلگىرىكى تۇغما ئىقتىدار خاھىشىنىڭ قانائەتلىنىش ئەسلىمىسىنى قايتىدىن رېئاللاشتۇرۇشقا ياكى يېڭىدىن مۇنداق قانائەتلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ھەتتا قانائەتلىنىشتىن قانائەتلەنمەسلىككە ئۆتۈپ، يېڭى قانائەت ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىشى مۇمكىن. مەجنۇنلۇق ئەنە شۇنداق تەلۋىلىكنىڭ ئەسەبىي شەكلى، خالاس.
ماسلوۋ ھەرقايسى خاھىشنىڭ ئورۇندىلىشىنى شۇ خاھىشنى تۇغدۇرغان ئېھتىياجدىن باشقا، تاشقى رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوبيېكت بىلەن ئىچكى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تەسىرىدىن ئاجرىتىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىزاھلايدۇ. مۇھەببەت خاھىشىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمۇ خۇددى شۇنداق. مەسىلە شۇ يەردىكى، نۇرغۇن كىشىلەر فىزىئولوگىيىلىك ۋە ئەقەللىي ئىجتىمائىي خاھىشنى ھەل قىلغاندىن كېيىن كېيىن، مەنىۋى مەدەنىيەت يارتىش، ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئەقىل ۋە ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇپ ئىنسانىيەتكە تۆھپە قالدۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۆتمەي مۇھەببەت خاھىشىدا لەيلەپ ياكى چۆگۈپ قالىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇددى ئىبىن سىنا ئېيتقاندەك مۇھەببەت سۈرىتىگە ئېرىشىپ، مۇھەببەت ماھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىشتۇر. روھىيەت ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۇلارنى ئۆزىنى، ئۆز موھىتىنى بىلىش ئارقىلىق كامالەتكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت.
مۇھەببەت ئۈچۈن «لىبىدۇ» (جىنسى ئاڭ) ئاددىيلا جىنسىي ئىقتىدار ئەمەس، ئۇ ئەۋزەللىكىنى قوبۇل قىلىش بىلەن كامالەت (تۆھپە، قىممەت) بېغىشلاشتىن ئىبارەت. مۇشۇ مەنىدە، ئادەم ئۆلۈپ، ئۇنى ئوراپ تۇرغان مۇجەسسەم بىئوفىزىك نۇر چەمبىرى «ئائۇرا» ئۆچكەندىن كېيىنمۇ بۇ كامىل مەنىدىكى «لىبىدۇ» ئۇزاق ساقلىنىشى مۇمكىن.
6.يېڭىچە روھىي مەدەنىيەت: كۆڭۈل بىلەن ئاڭنىڭ ھەمجەھەتلىكى
ماقالىمىزنى «ئىنسان ــ كائىناتنىڭ مەركىزى» دېگەن ھۆكۈم بىلەن باشلىغاندۇق. پۈتكۈل ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تارىخى بىلەن جىمىكى «فىزىكا» ۋە «مېتافىزىكا» پەنلىرى ئېرىشكەن مۇۋەپپەقيەتلەر ئىنساندىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۆجىزىنىڭ ئۆز- ئۆزى ھەققىدە تېخى ئىپتىدائىي ئىزدىنىش بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت، ئىلاھىيەت ھەققىدە ياراتقان «نەزەريىۋى دۇنيا»، «لەقىدىلەر دۇنياسى»، «تەسەۋۋۇر دۇنياسى»، «باقىي ئالەم» قاراشلىرى ھەمدە بولۇپ ئۆتكەن ۋە كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇۋاتقان رېئال دۇنيا ھادىسلىرى بىلەن نەقەدەر كەسكىن سېلىشتۇرما- ھە؟!
ئىنسان ئۆزى ھەققىدە ئىزدەنگىنىگە بىرقانچە مىڭ يىل بولدى. بۇنداق ئىزدىنىش ئىنساننىڭ بىرقانچە مىڭ يىللىق ياتلىشىش تارىخى بىلەن بىللە ياتلىشىپ تۇردى. مورگان تەرىپىدىن شەرتلىك مەنىدە ئىشلىتىلگەن ئاتالمىش «سىۋىلزاتسىيە دەۋرى» ئىنساننىڭ ياتلىشىش تارىخى بىلەن قوشگېزەك بولۇپ تۆرەلدى، ئىنسان ئۆزى ياراتقان ماددىي مەدەنىيەت مېۋىلىرى ئۇنىڭ تەييارتاپ ھاكىملىرى ئۈچۈن، قىرغۇچى ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن، ئاز بىر قىسمى كۈندىلىك تىرىكچىلىك زۆرۈرىيەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىندى. ئىنسانىيەت ياراتقان مەنىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىلىم ۋە سەنئەتتىن باشقىلىرى ئىنساننى داۋاملىق ياتلاشتۇرۇش ۋە ئاجايىپ –غارايىپ ئەقىدە – نىزاملار بىلەن چۈشەپ قويۇش ۋاستىلىرى بولۇپ قالدى. تارىخى دەستۇرلار ساراي ھادىسلىرى ۋە جەڭنامىلەرنى مەرگەز قىلغان سەھىپىلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەنقا قۇشى جەننەتكە كىرىپ كەتكەندەك، بەخت- سائادەت ئارزۇلىرى باقى ئالەمگە قالدۇرۇلدى. ئىنسان ھەققىدىكى، بولۇپمۇ ئىنسان روھىيىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش تىراگېدىك سەنئەت بىلەن روھىي كېسەللەر تەقىقاتىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ھەيدەلدى. ئانچە- مۇنچە باش كۆتۈرگەن ئىنسانشۇناسلىق ئاب- ھاۋاسى بەزىدە سوپىزم، بەزىدە بىدئەتلىك، بەزىدە بۇرجۇئا ئىنسان تەبىئىتى نەزىريىسى نامىدا ھاقارەتلەندى. «ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمىي بولغان ئىنسان» ئۆز- ئۆزىگە ئۆلچەم بولالمىدى. ئۇ خۇددى تۇغما ئەمادەك تېخى ئۆز سىياقىدىن بىخەۋەر پېتى قېلىۋەردى. ئىنسان ئۆز مۇھىتىنى سۇنئىي ۋە تەبىئىي بايلىقلار بىلەن بېزەش بىلەن بىللە، ئۆز روھىيىتىنى يېتەرلىك بۇلغىۋالدى. ئۇلار جىنايى مەيدانلاردا بۇلغىنىش بىلەن دىنىي ئىھراملاردا ئىستىغفار ئوقۇشنى ئارقاق- ئۆرۈش قىلغان ئۆمۈر پەلسەپىسىنى يېپىنىۋېلىپمۇ روھىي ئازاتلىققا، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشەلمىدى. بىرزامانلاردا ئىنسان تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلگەن ئاقچا بارغانسېرى ئىنساننىڭ ھەممە ئىھتىياج ۋە خاھىشلىرىنى ئىگىلەپ، ئىپتىدائىي ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىكى تەڭرىنىڭ ئورنىدىن ھەسسىلەپ ئارتۇق بولغان يېگانە روھىيەت ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالدى. ئىنسان روھىيىتى ئۆز- ئۆزى ئۈستىدە تېخى ھېچنىمىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئاقچا توغرىسىدىكى تەخىرسىز، پۈتمەس- تۈگىمەس روھىيەت ئەسەبىيلىكىگە غەرق بولدى. بىز دەل مانا مۇشۇنداق رېئاللىق ئاستىدا، دەل مانا مۇشۇنداق ئېتىبارسىز تاشلانغان تېما ـ ئىنساننىڭ روھىي ماھىيىتى توغرىسىدا نېمە دىيىشىمىز مۇمكىن؟
ئىنسان قايتىدىن ھەقىقىي ئىلمىي ئاساستا، بارلىق دىنى ۋە بىرتەرەپلىمىلىك ئىدىيىۋى قاراشلار بېسىمى ھەم چەمبەرلەردىن خالىي ھالدا تەتقىق قىلىنىشى لازىم؛
سىۋىلزاتسىيە تارىخى ئىنساننى مەرگەز ۋە مىزان قىلغان ھالدا قايتىدىن ئاپېراتسىيە قىلىنىشى، بىرقانچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ھادىسلىرى ئىنساننى ياتلاشتۇرۇش ۋە ئىنسان ماھىيەتلىرىنى ئېچىش، ئىنساننى تەرەققىياتنىڭ ۋاستىسى ياكى مەقسىدى قىلىش بويىچە تەلقىن قىلىنىشى لازىم؟
ئىنساننىڭ ماددىي تۈزۈلمىسى ئۆزىنىڭ ئېلېمېنتار ئاساسلىرى بويىچە ئالەم تۈزۈلمىسىگە ئوخشاش فىزىكىلىق ـ خېمىيىلىك تەبىئەتتىن تۈزۈلگەنلىكى، ئۇنىڭدا تەبىئەت ئېلېمېنتلىرى ۋە ئېنېرگىيىلىرىنىڭ مۇجەسسەم ھەركەتتە تۇرغانلىقى، ئىنساننىڭ بىئولوگىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك، پىسخولوگىيىلىك تۈزۈلمە ۋە پائالىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ئىنساننىڭ تەبىئىي ئالامەتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي ئالامەتلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق بىرگەۋدىلىكى ۋە ئۆزئارا ئۆتۈشچانلىقى، ئىنسان پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە ئاساسىي قاتلام ۋە جەريانلاردىن تۈزۈلگەن ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ئەڭ ئالىي مۆجىزە ئىكەنلىكى تەتقىق قىلىنىشى لازىم؛
ئىنساننىڭ تەبىئىي، فىزىئولوگىيىلىك ۋە ئخقتىمائىي كومپلېكس (مۇجەسسەم) شەيئىلىكىگە مۇناسىپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىېتىياج، ئىتىدار ۋە خاھىشلىرى مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلىنىشى، ياخشىلىق ياكى يامانلىق كاتېگورىيىلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە تىزگىنلەش (تەدبىق قىلىنىش) دائىرىسى تولىمۇ چەكسىزلىنىپ، ئىنساننى ياتلاشتۇرۇش ۋاستىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم؛
ئىنسان روھىيىتىدە گەۋدىلەنگەن ئىقتىدار، تەقەززا ۋە خاھىشلارنىڭ زىددىيەت ۋە بۆھرانلىرى ئىنساننىڭ كامالىتى، مەدەنىيتى، ئەقىل- تەپەككۇرىنى يېتەكچى ۋە تىزگىنلىگۈچى كۈچ قىلغان ھالدا، ئەڭ جىددىي تۆۋەن دەرىجىلىك ئىقتىدار، تەقەززا ۋە خاھىشنى بەھرىمەن قىلىشنىڭ پازىل ۋە ئەۋزەل ئۇسۇللىرى بىلەن ھەل قىلىنىشى، نوقۇل ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق باستۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى لازىم؛
ئىنساننىڭ يېمەك- ئىچمەك، كىيىم –كېچەكم ئىجتىمائىي خاتىرجەملىك ۋە جىنسى تۇرمۇشتىن ئىبارەت تار دائىرىدىكى خاھىش ۋە بەھرىمەنلىك ئىچىگە چۆكۈپ قېلىشى ئۇنىڭ ئەڭ زور ئىسراپچىلىقى ئىكەنلىكىدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئېلېمېنتار تۇرمۇشتىن ھالقىغان ئۇلۇغ تۆھپىكار (ھىممەتكار)لىققا دەۋەت قىلىش لازىم. ھىممەت- ئىنسان روھىيىتىنىڭ كامىل مۇقامىدىن ئىبارەت.
ئەخلاق ــ ئىنساننى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ماھىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئىنساننى تۈرلۈك بېسىملار ئارقىلىق ئۆز ماھىيەتلىرىدىن ياتلاشتۇرىدىغان ئاتالمىس «سىۋىلىزاتسىيە»دىن پەرقلىق يېڭىچە ھەقىقىي سىۋىلىزاتسىيە ۋاستىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىشى؛ ئۇ، ئۆز پائالىيىتىنى ئىنساننىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇش قاتلاملىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىنسانىيەت، جەمئىيەت ۋە تەرەققىيات بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىنىڭ ياخشى ياكى يامانلىق خاراكتېرىگە قارىتىشى لازىم.
تەبىئەت ئۇلۇغ مۆجىزە ــ ئىنسانىيەتنى ياراتتى.
ئىنسانىيەت ــ گۈدەكلىك ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرقى ماددىي مۇھىتى بىلەن روھىي دۇنياسىنى شەكىللەندۈردى. ئىنسانىيەت تېخى ياش. ئۇ ئۆزىنى ئىزدەپ تاپقىنى، ئۆزىنى مەرگەز قىلغىنى، يۇشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىغىنى يوق. ئۇ ئاپەت، ئاچارچىلىق، نادانلىق، جەڭگى –جېدەل، بىرتەرەپلىمە قاراش ۋە ئەقىدىلەر ئىچىدە تەمتىرىمەكتە، ئىڭرىماقتا. ئۇنىڭ روھىيىتى ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن- ھازىرقى مەدەنىيەت موھىتى بىلەن توغرا تاناسىپ. ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى زىددىيەتلەر ئۇنىڭ تارىخىي سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن. ئىنسانىيەتنىڭ تىزگىنسىز بۇلغىنىشى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرى تۈپەيلى يەر يۈزىدە ئىنسانىيەت ئۇرۇقى قۇرۇپ كەتمىسىلا، ئىنسانىيەت روھىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ پازىل پەللىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
1993-يىل 4- ئاينىڭ 21-كۈنى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى: ھۇما
|
|