- تىزىملاتقان
- 2015-7-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5042
- نادىر
- 0
- يازما
- 625
ئۆسۈش
  0.84%
|
ھۇما يوللىغان ۋاقتى 2015-10-16 19:03 
ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (7)
قاتالام نەزىريىس ...
دۇنيا بىر پۈتۈن ماددى دۇنيادىن ئىبارەت. بىر پۈتۈن ماددى دۇنيانىڭ سىرىتىدا ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا پاراللېل تۇرغۇچى ئىككىنچى دۇنيا، روھى دۇنيا، ئىلاھىي دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس (روھى دۇنيا ۋە ئىلاھى دۇنيامۇ مۇشۇ چەكسىز ماددى دۇنيانىڭ يەنى چەكسىز ئالەمنىڭ سىرتىدا ئەمەس). جەمئىيەت ۋە روھىيەت دۇنياسى (ئىنساننىڭ روھىيەت دۇنياسى) ماددىي دۇنيانىڭ راۋاجلىنىش مەھسۇلىدىن، ئۇنىڭ تاكاممۇللاشقان بىر شەكلى ۋە بىر ھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەڭ ئېلېمېنتار ماددى تۈزۈلمىنى ئىنكار قىلىپ، بۇنداق تاكاممۇللاشقان شەكىل ۋە ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قەدىمكى گرېك مۇتەپەككۇرى ئارىستوتىل ماددا بىلەن شەكىل، مۇناسىۋەت قاتارلىق كاتېگورىيىلەر ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئەسىر مۇتەپەككۇرى ئەلفارابى ئەتتۈركى «جەۋھەر» (سوبىستانسىيە- ئەسلى زات)، «ئەئىراز» (ئاكسىدېنىيە-ھالەت) قاتارلىق كاتېگورىيىلەر ئارقىلىق ئالەمنىڭ ماددىلىقى ۋە ئۇنىڭ رەڭگارەڭلىكى- قاتلاملىقىنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغانىدى. فارابى ئالەمنى مىنېراللار، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە – تۆت قاتلامغا بۆلۈپ ئالدىنقى قاتلامنىڭ يۇقىرى باسقۇچى كىيىنكى قاتلامنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. فارابى مۇشۇ قاراش ئاساسىدا ئىنساننىڭ ھايۋاندىن كىيىن پەيدا بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى ــ يادروفىزىكىسىدىن ئاسترونومىيىگىچە، جانسىز تەبىئەتتىن بىئولوگىيىگىچە، پىسخولوگىيىدىن لوگىكىغىچە، ئانتروپولوگىيىدىن ئېتنولوگىيىگىچە بارلىق ماددى، روھى، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي راۋاجلىنىشنىڭ قاتلامدىن ئايرىلمىغانلىقىنى بارغانسىرى ئىسپاتلىدى. بىز بىلىش تارىخىدىكى موھىم كاتېگورىيىلىك مۇۋەپپەقيەت بولغان «ماددا»، «روھ»، «شەكىل»، «مەزمۇن»، «مىقدار»، «سۈپەت»، «ماھىيەت»، «ھادىسە»، «يەككە»، «كومپلېكس»، «تەبىئىي»، «ئىجتىمائىي»، «جانسىز»، «جانلىق»، «سوبيېكت»، «ئوبيېكت» قاتارلىقلارنىڭ كۆپ ھاللاردا مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بەزىلىرى مەزمۇن ماددا دېسە، بەزىلىرى مەزمۇن روھ دەيدۇ، بەزىلىرى گۈزەللىك ماھىيەت دېسە، گۈزەللىك ھادىسە، ھالەت دەيدۇ. مۇنداق تالاش-تارتىش ھېلىغىچە ساقلانغان.
ئالىم دۇنيانى پەقەت ماددىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان ، بىر كۆرىۋاتقان دۇنيا قانداقتۇر ئالىمىمىز دىگەندەك ماددىنلا ئىبارەت ئەمەس ، دۇنيا شەكىلگە ئىگە ، شەكىل بولۇش ئۈچۈن ماددا ۋە كۈچ بولۇشى كىرەك ، ئالىم بۇ يەردە مەنتىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ، مەنىتىقىنى ئۇنتۇپ قېلىش پەيلاسوپلارغا ياراشمايدىغان ئىش ، |
|