- تىزىملاتقان
- 2015-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2258
- نادىر
- 0
- يازما
- 159
ئۆسۈش
8.6%
|
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (18)
مىللى مائارىپ ۋە نەزىريىۋى تەپەككۇر
«شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى خەنزۇچە 1- سانىغا بېسىلغان، خەنزۇيۇڭ، لې لىن ئىسىملىك ئىككى ئاپتۇر يازغان «تەبىئەت، مەدەنىيەت، ئىنسان» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ، غەربىي دىياردا ياشاپ كەلگەن يەرلىك يەرلىك مىللەتلەرنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە مىللىي مائارىپىمىز توغرىسىدا ئويلۇنىپ قالدىم.
ماقالىدا غەربى دىيارنىڭ «تەبىئەت ئانىسى» مۇھىتىدا غەربى دىياردا تۆرەلگەن ئىنسانلاردا يەككە ھاياتىي ئىقتىدار كۈچلۈك، مىللىي ئويۇشۇشچانلىق ئاجىز؛ سودا ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك، سىياسى ئىقتىدارى ئاجىز؛ ھىسىياتچان ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەقلى بىلىش ئىقتىدارى ئاجىز؛ يېڭىلىققا قىزىقىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆزىنى بىلىش ئەنئەنىسىنى قەدىرلەش ئىقتىدارى ئاجىز ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئائىلىسىنىڭ روھىي مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن سېئىشتۇرۇلغان. ماقالە ئاپتۇرلىرى غەربىي دىيارلىقلارنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنىڭ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش كۈچىدىن كۆپ ئاجىزلىقىنى؛ تارىخقا، ئاتا-ئانىغا، پىشقەدەم نامايەندىلەرگە، ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەت، ۋارىسلىق ۋە قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئۇنتۇلۇش، قەدىرلىمەسلىك، بىپەرۋالىقتىن كۆپ ئاجىزلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن مىللەتلەرنىڭ يادرو ھاسىل قىلالماسلىقى، تۆت ئەتراپىدىكى ئۇيۇشقان، يادرو ھاسىل قىلغان سىياسىي ھاكىمىيەتلەر كونتۇرۇللىقىنى تەقدىر قىلغانلىقى، سەرگەردان مىللەتلىكى، مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ باشقا خەلقلەر تەزكىرىلىرىگە نامى چۈشۈپ قالغانلىرىدىن باشقىلىرى ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن بىللە چەكسىز قۇم دېڭىزىغا غەرق بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق- يورۇق بايان قىلغان.
ماقالىنى ئوقۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قاتار تارىخىي ئەنئەنىۋى ئاجىزلىقلىرىنىڭ نوقۇل «تەبىئەت ئانىسى» قېلىپىدا شۇنداق ئەۋزەللىكە ئىگە بولۇپ يارالغان دېگىلى بولمىسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ۋە روھىي مۇھىتىدا ئېغىر دەرىجىدە ساقلانغان ئۈچ موھىم ئىللەت ۋە ئاجىزلىقنى قايتا ھېس قىلدىم. بۇ نوقتىدىن يۇقىرىقى ئىككى ئاپتۇرنىڭ ئوچۇق –يورۇق ئىلمىي پوزىتسىيىسىگە تەسەننا ئوقۇش كېرەك.
مەن ئىلگىرى يېزىپ ئېلان قىلغان «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش ــ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «مىللەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتىسيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى»، «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» ناملىق ماقالىلەردە خەلقىمىزنىڭ روھىيەت تۈزۈلمىسى، مەدەنىيەت پىسخىكىسى، تۇرمۇش شەكلى جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئىللەتلەرنى يۈزخاتىرە قىلماي كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ (يۇرتۋازلىق، كەسپى ھەسەتخورلۇق، پىتنە ئىغۋاغا ھېرىسمەنلىك، ئۆزىدىن چىققان ياراملىق كىشىلەرنى چۆكۈرۈش، بىر-بىرىگە ئورا كولاش، قەست قىلىش) بىزدىكى ئاساسىي ئىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىدىم.
ھىسىياتقا بېرىلىش، گاھى قەھرىمان، گاھى بېرىبان، گاھى خۇشخۇي، گاھى چۈشكۈن روھىيەتكە ئەسىر بولۇش، ئوقتەك قىزىپ نىكاھلىنىپ، تىزدىن سوۋۇپ ئائىلىنى ۋەيران قىلىش، غەزىپىگە پايلىماي پاجىئە ھاسىل قىلىش، بىكار تەلەپ، سۆلەتۋازلىق قاتارلىقلارنى دائىم يولۇقتۇرۇپ تۇرىمىز. مۇھىمى شۇكى، مىللىتىمىز ئومۇمەن ئەقلى، مەنتىقى، نەزىريىۋى، ئىلمىي تەپەككۇرغا نىسبەتەن ھېسسىيات ۋە كۆز ئالدىدىكى روھىي كەيپىيات بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئېغىر دەرىجىدە مايىل. بىزدە شائىرلىق، يازغۇچىلىق، ئارتىسلىق، سازەندىلىك، ناخشىچىلىق خايىشى ئىلمىي ۋە نەزىريىۋى جەھەتتىكى ئىجادىيەت ئىشلىرىدىن كۆپ كۈچلۈك.
بىزدە ئەنئەنىۋى ئاڭ تولىمۇ ئاجىز، ئاتا- ئانىلارنى، پىشقەدەم جامائەت ئەرباپلىرىنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئۇلارغا ۋاپاسىزلىق قىلىش، ئۆز تارىخىنى ئىزچىل ــ مەنتىقى چۈشىنىشنىڭ يىتەرسىزلىكى، قۇرۇق قايىلچىلىق ۋە ئەقىدىۋازلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈكرەك ساقلاپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزمۇ يوق. تارىخىمىزنىڭ خېلى بىر قىسمى گاھىدا ئۇ ئىشان، گاھىدا بۇ خوجىنىڭ ئارقىسىدىن مۇرت بولۇش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن. بۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا دىققىتىمىز بىردىنلا مىللىي مائارىپىمىزغا بۇرالدى. مائارىپ ــ ئىنساننى تەبىئەت دۇنياسىدىن مەدەنىيەت دۇنياسىغا، جاھىللىق ئالىمىدىن ئارىفلىق ئالىمىغا قايتا تۆرەلدۈرىدىغان ئۇلۇغ بىناكارلىق، مىللى مائارىپ نىسپى مەنىدىن ئېيتقاندا شۇ مىللەتنىڭ كونكىرت تارىخىي، ئىجتىمائىي، مىللىي ۋە روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلغان، قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدىن ئىبارەت.
ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا مىللىي مائارىپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي مائارىپ ئۆز ئوبيېكتلىرىنىڭ ھالقىلىق ئاجىزلىقلىرىنى ئېنىق بايقىغان ۋە قاراتمىلىققا ئىگە تەلىم- تەربىيە ۋاستىلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى روشەن گەۋدىلەندۈرگەن بولۇشى لازىم. مېنىڭچە، ھالقىلىق مەسىلە ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ھېسىيات قۇرۇلمىسىنىڭ تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدىن ئۈستۈن بولۇش ھادىسىسىنى تەربىيە ئارقىلىق تەدرىجىي تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تارىخى، ئەنئىنىۋى ئىزچىللىقى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگىلى، تەدرىجى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
مەلۇمكى، «مىللەتنىڭ موھىم بايلىقى ــ خەلقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىدىن ئىبارەت» (چېرنىشۋىسكى). خەلقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكى ئاخىرقى ھېساپتا نەزىريىۋى تەپەككۇرغا باغلىق. نەزىريىۋى تەپەككۇر دەل ماركس تەرىپىدىن «ئۆز زامانىسىنىڭ مەنىۋى تاجى» دەپ ئاتالغان ئىلمىي تەپەككۇر ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇردىن ئىبارەت.
مىللىي مائارىپ ئۆز ئوبيېكتىلىرىنىڭ نەزىريىۋى تەپەككۇر جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىگەن ھالدا تەربىيەلەنگۈچىلەرگە پەلسەپە، تەبىئەت پەنلىرى، قانۇنشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە تارىخ پەنلىرىدىن نوقتۇلۇق تەربىيە بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا، لوگىكا ۋە سىياسى- ئىقتىسادقا ئائىت پەنلەرنى ئىگىلىتىشكە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرىشى كېرەك. فېيختىۋانگىر «مەنتىقىي تەپەككۇر ئىنسانىيەت تەورىسى» دېسە، ئېنگىلىس «دۇنيادا بىرەر مىللەت ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمەن دېسە، نەزىريىۋى تەپەككۇردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدىغان بولىشى لازىم. دېگەنىدى. ئەلۋەتتە، بۇ، ئەدەبىيات- سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك، ئەدەبىيات-سەنئەتتە نەزىريىۋى تەپەككۇر يوق دېگەنلىك ئەمەس. بۇ پەقەت بىزدە ئەدەبىيات-سەنئەتكە نىسبەتەن، ئەدەبىيات- سەنئەت كىتابلىرى، گېزىت-جورناللىرىغا نىسبەتەن، ئەدەبىيات –سەنئەت ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن پەلسەپە، تەبىئەت بەنلىرى، ئىقتىساد، قانۇنشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىققا ئوخشاش غۇللۇق ئىلمىي، نەزىريىۋى تەپەككۇر ۋاستىلىرى، ئىجادىيەت خايىشى ۋە نەتىجىلىرى تولىمۇ كەم دېگەنلىك.
بىز ئائىلىلەردىن جەمئىيەتكىچە كىشىلەرنى قائىدە پىرىنسىپلار بويىچە پىكىر يۈرەۈزىدىغان، سۆزلەيدىغان، ئۆز ھىسىياتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان قىلالىساق، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ نەزىريىۋى تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، تەبىئىي پەن كۇرجۇكلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلاردا نەزىريىۋى تەپەككۇر ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرەلىسەك، بۇ مەقسەتتە بوشاشماي بىرقانچە يىل قېتىرقىنىپ ئىشلىسەك چوقۇم كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنالايمىز.
نەزىريىۋى تەپەككۇرنىڭ ئۈستۈن ۋە ئەۋزەل مۇھىتىنى يارىتىش، مېنىڭچە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئاساسىي يېتەكچى ئېڭى ۋە تارىخىي خىزمىتى بولۇپ ھېساپلىنىشى كېرەك.
1993-يىلى 6-ئاي، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى: ھۇما |
|