- تىزىملاتقان
- 2015-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2258
- نادىر
- 0
- يازما
- 159
ئۆسۈش
  8.6%
|
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (11)
ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار
بۇ يىل (1989-يىل) 6-ئايدا مەن تەتقىقاتچى ئىشداشلىرىم بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي ئېتىگىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بىر قەدەر سېستىمىلىق قايتا كۆزىتىش ئۈچۈن يولغا چىققانىدىم. تۇرپاندا بىر قاتار خارابىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەبرىگاھى ئالدىدا سۈكۈتتە بولدۇم. بىر قانچە يىل مۇقەددەم بۇ قەبرە بىر دۆۋە تۇپراق ۋە سارغىيىپ قالغان بىر توپ يانتاق ھالىتىدە زاھىر بولۇپ تۇرغاندا، مەن ئۇنىڭغا بېغىشلاپ «يېشىل ئابىدە» دېگەن قىسقىغىنە شېئىر يازغانىدىم. بۇ قېتىم تۆتلىكنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدىم:
يىلسېرى بىلمەكتىمەن قەدرىڭنى خالق ئۇيغۇرى،
يادىكار ئەشئارلىرىڭدىن يورىدى قەلبىم نۇرى.
چاپسىمۇ جاللات سېنى، جاللاتقا يەم قىلغان سېنى،
سەن بىزار بولغان ئاشۇ ھەسەت-خۇسۇمەتنىڭ شورى!
بۇ شېئىرنى خېلىلا ئۈنلۈك ئوقۇساممۇ، لەھەتتىن چىققان سادانى ئاڭلىيالمىغانىدىم. شەھەرگە قايتقىنىمىزدا باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئىسرائىل بىزنى ئۆز خانىسىدا بىر پىيالە چاي ئىچىپ كېتىشكە شۇنچە قاتتىق تۇتتىكى، ھەممىدىن بۇرۇن مەن ئاڭا ماقۇل بولدۇم. ئۆي ئەسقەر ھاجى كارىز يېنىدا بولۇپ، ئالدى كەڭ پىشايۋانلىق سەينا ئىدى. باشقا ھەمرالىرىمىز ئۆرۈكلۈك باغقا كىرىپ كەتتى، مېنى پېشايۋان ئوتتۇرىسىدىكى سېمونت تۈۋرۈك ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى. بۇ بىر مېتىر كەڭلىكتىكى شۇنداق تۈۋرۈك ئىدىكى، ئۇنى «شېئىرى لەۋھە» دېگەن تۈزۈك ئىدى. تۈۋرۈكنىڭ بىر يۈزىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «باردۇر» ناملىق شېئىرى، ئىككىنچى يۈزىگە باشقا شېئىرى مىسرالىرى ھۆسنىخەت بىلەن چېكىلگىنىدى. مېنى بىر ئىلاھىي كۈچ ئىلكىگە ئېلىۋالغاندەك بولدى. ئۈن-تىنسىز ياتقان لەھەت بۇ «شېئىرىي لەۋھە»دە ئاۋازغا كەلگەندەك تۇيغۇ بېغىشلىدى. «شېئىرىي لەۋھە»دىن كۆزۈمگە مۇنداق مىسرالار چاقناشقا باشلىدى:
جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
تەئاۋۇنۇ-تاناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.
ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنى يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىدىن ئاچقانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستاسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقى شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە يوق قوتۇر ئېشەك، ياياق قالغانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.
***
پەنگە قارشى كاپشىماق، خۇددى ئىتتەك ھاۋشىماق،
خارۇ-زەبۇن ياشىماق، تەرسا-تەتۈر ناداننىڭكى.
***
ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تېرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسال يالاڭ ئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
كۆزۈمنى بىدىن «شېئىرىي لەۋھە»نىڭ بېشىغا يۆتكىسەم، شېئىر ماۋزۇلىرى ماڭا خۇددى «ئۇيغۇرۇم» بۇ ئىللەتلەر ھېلىمۇ بىزدە «باردۇر!» دېگەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى... مەن بۇ «شېئىرىي لەۋھە» يېنىدا تۇرۇپ رەسىمگە چۈشتۈم.
2
ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشمىدى! قۇمۇل، بارىكۆل، جىمىسار سەپىرىدە خىيالىمنى يېقىنقى يىللاردىكى پاجىئەلىك بىر قاتار ھادىسىلەر چۇلغۇۋالدى. ئاجايىپ- غارايىپ، باش-ئايىغى يوق چەكسىز پىتنە-بۆھتانلارنى ئويدۇرۇپ ئىلىم ۋە ئىجادىيەت بېغىمىزنىڭ ۋايىغا يېتىۋاتقان سەرخىل مىۋىلىرىگە شىۋېرغان ھەيۋىسىنى پىلانلاۋاتقان زادى قايسى قاباھەتلىك قارا سايە؟ بۇ زادى كىم ؟؟؟
چەكسىز دەشت-باياۋاندا، بەھەيۋەت تاغۇ-تاشلار ئارىسىدا خۇددى ۋابا ئالۋاستىلىرىغا قارشى ئاتلانغان قەھرىمان چىستانى ئىلىكبەگنىڭ ئاۋازىدەك «بۇ زادى كىم ؟؟؟» دېگەن نەرە، گۈلدۈرمامىغا ئايلىنىپ تەكرارلانغاندەك بولدى. كۆزۈمگە ھەرخىل ئوبرازلار كۆرۈندى! ئەمما بۇ ئوبرازلارنىڭمۇ ئۆز ئۆمۈرلىرىدە يەنىلا باشقا بىر پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە گىرىپتار بولغانلىقلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ نادانلىق ۋە ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت «ماخاۋ» كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. تولىمۇ دەبدەبە بىلەن ۋە توختىماي ۋايساش بىلەن باشلانغان بۇ كېسەللىك قانچە مىڭلىغان ھەسەتخورلارنى ۋە ئۇنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىنى ئوخشاشمىغان ئاچچىق ئارمان بىلەن يورۇق دۇنيادىن قاراڭغۇ لەھەت دىيارىغا سۆرەپ كەتكەندۇ؟!
مۇشۇ ھەسرەتلىك خىياللار بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قانىتىنى بىر ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ غەربى قانىتىنى بويلاپ قەدىمكى قاراخانىيلار خارابىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىزىلسۇ ۋە قەشقەر تەرەپكە يولغا چىقتىم. خىيالىم بىردىن قەدىمكى دۇنياغا يۆتكەلدى. ھەتتا ماڭا: «تەكلىماكان، ئۇ ئەسلى تەھتى ماكان» دېگەن شېئىرىمۇ، «قىزىل يۇلغۇن ئەجدادىمىز قانلىرى»دېگەندەك شېئىرلارمۇ ھەسرەتلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئاتۇش قۇمساڭىردىكى قارىخانىيلاردىن ئىلگىرى خانلار قەبرىگاھى جايلاشقان سالافلار يارلىقىدا قاتار ئېچىلىپ قالغان مىڭ يىلدىن ئىلگىرىكى جەسەت سۆڭەكلىرىمۇ نوقۇل ئارخېئولوگىيىلىك ئوبيېكت بولماستىن، يەنە مەنىۋى شەجەرىلىك ئوبيېكت بولۇپ كۆرۈندى. كارتون قەغەزدەك نېپىزلەپ كەتكەن بۇنچە نۇرغۇن كاللا سۆڭەكلىرىنىڭ قايسىلىرى ھەسەتخورلۇقنىڭ زەھەر كوزىسى، ئاتەشدانى ۋە قايسىلىرى ھەسەت ھەم پىتنە ئۇۋالى بىلەن ھەسرەتلەنگەن ئەقىل كاسىسى بولغان بولغىيتتى! قېنى «غالىپ»نىڭ ئەسىرلىك شۆھرەت لەۋھەسى؟ زادى قېنى؟!
مانا بىز بۈگۈن تېپىۋالغان ئاقچا بۇللار، سىلىق ئىشلەنگەن قىمار تۆت ھوشۇقى، زىبۇزىننەت پارچىلىرى... قانچە، قانچە رەشكى-ھەسەت، پىتنە-ئىغۋا پەيدا قىلغان ۋە «غالىپ» قولىدىمۇ تۇرمىغان!
بىز خالتا كوچىدەك بۇ ئۈستىخانلىق يارلىقتىن تولىمۇ تەسلىكتە چىقىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، ئىككى مېتىر تۇپراق تېگىدە قاتار كەتكەن بوتكىلاردەك بېشىنى چىقىرىپ ياتقان ئاپئاق ئادەم سۆڭەكلىرى ھەسرەتلىك خور ئوقۇغاندەك قىلدى. ئۇلار ئاۋاز چىقارماي ياتاتتى، مېنىڭ قەلبىمدە بولسا مۇشۇ كۆرۈنۈشلەردىن خۇددى ئەكس سادادەك شەيخ سەئىدىنىڭ مۇنۇ شېئىرى جاراڭلاشقا باشلىدى:
ھەسەتخورغا ھاجەتسىز تىلىمەك بالا،
چۈنكى بۇ شۇم تەلەي ئۇنىڭ ئىلكىدە!
شەرت ئەمەس ئاداۋەت تۇتماقلىق ئاڭا،
ھەسەت ئۆز رەقىبى يۈرگەن كەينىدە!
بەزى سۆڭەكلەردىن: «ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكتىن خالىي بولغانلىقىم ئۈچۈن، نەۋرەمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ياشىدىم!» دېگەن سۆزلەر ئاڭلانغاندەك بولدى.
3
قولۇمدىن ئۆستەڭگە دومىلاپ چۈشۈپ كەتكەن، ئوخشىمىغان ئىككى دەۋردە ئۈستىگە تامغا سوقۇپ ياسالغان ئىكى دانە مىس پۇلنى قۇملار ئارىسىدىن سۈزىۋېلىپ، قول ياغلىقىمدا ئېرتىۋېتىپ، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولىشىدا رەشكى-ھەسەت، پىتنە-ئىغۋا ۋە ساتقۇنلۇقنىڭ ئوينىغان جىنايى رولى ھەققىدە ئويلاندىم. تۇرقى- سىياقى قىياسەن بولسىمۇ رەزىللىكى مۇئەييەن بولغان شەخسلەر كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى...
ئىركىن، بوسات، تۈمەن قاغانلاردىن باشلانغان، تەڭرى قاغان، مۇيۇنچۇر قاغان زامانىدا روناق تاپقان ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (745- 840) ۋەزىر قاراقۇۋۇ بىلەن سانغۇن كۇلۇگ باغا ئوتتۇرىسىدىكى ھەسەتچىلىك تۈپەيلى، قاراقۇۋۇنىڭ قاغانلىققا كۆتۈرىلىشىگە چىدالمىغان سەركەردە كۇلۇگ باغانىڭ تەپتارتماستىن، تۈركەش قىزىدىن تۇغۇلغان ۋە تۈبۈت مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن سايان ئالتاي قىرغىز خانى ئاجۇسنىڭ يۈزمىڭ ئاتلىق قوشۇنىنى ئوردىغا باشلاپ كېلىشى بىلەن بىتجىت بولغانىدى!
ھېلىمۇ شۇ تارىخنى ئوقۇغان چېغىمدا خۇددى بىر پاجىئەلىك كۆپ قىسىملىق فىلىم كۆرگەندەك ھەسرەتلىنىمەن. ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرى باشلىغان قارشىلىق ۋە ئىسيان قاتتىق باستۇرۇلدى. ئاجۇسۇ قارابالغاسۇن ئالدىغا كېلىپ شەھەرنى تۇتقۇن قىلىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئالدىدا مۇنداق غۇرۇرلاندى: «سېنىڭ تەقدىرىڭ پۈتتى! سېنىڭ ئالتۇن ئورداڭنى تېز ئىگىلەيمەن، ئۇنىڭ قاپقىسى ئالدىغا ئېتىمنى باغلايمەن، ئۈستىگە تۇغۇمنى سانچىيمەن! ئەگەر مەن بىلەن جەڭ قىلىشقا چىدىساڭ تىز كەل، چىدىمىساڭ تىز قاچ!» («قىرغىز س س ر تارىخى» 1973-يىلى فرونزى نەشرى، 132-بېتىگە، ياكى ل. گونىلىۋ يازغان «قەدىمكى تۈركلەر» ناملىق كىتاپنىڭ 1967-يىل، موسكىۋا نەشرى. 429-بەتكە قارالسۇن) غالىپ ئۆزىگە سېتىلغان سەركەردىنىڭ بېشىنى ئامان قويمىدى. قار-بوران، ۋابا ئاپىتى، ئاچارچىلىق بىلەن سەرسانلىق- سەرگەردانلىق دالاسىغا تاشلانغان بىر پۈتۈن ئەل- جامائەت ھەر تەرەپكە پىتراشتى. ئۆكەتېگىن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇمۇس، چىسسىن، ناسىچور، ئېنان قاتارلىقلار باشلىغان قەبىلىلەر مۇڭغۇل يايلىقى، ئوردۇس ۋادىسى، مانجۇرىيە دىيارىدا ھېچقانداق مەرھەمەت ۋە پاناھقا ئېرىشەلمەي جەڭ ۋە ئاپەت ئىچىدە يەتتە يىل تەمتىرەپ ھالاك بولۇشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخچىسى گونىلېۋ «قەدىمكى تۈركلەر» ناملىق كىتابىدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇش جەريانلىرىنى يازغاندا «تولىمۇ پاجىئەلىك، تولىمۇ ئېچىنىشلىق» بۇ تارىخىي ھادىسە «نوقۇل ھەربى- سىياسى سەۋەپلەردىن بولغان ئەمەس» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ قارا بالغاسۇن پاجىئەسىنىڭ ئۆكەتېكىن قەبىلىلىرى بېسىپ ئۆتكەن يەتتە يىللىق خار-زارلىقتىكى نادامىتىنى قايتا ئەسلەتتى. مۇشۇ خىلدىكى ھەسەت ۋە نادانلىق توغرۇلۇق ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىغا ھەسرەتلىك خىتابەتلەر چېكىلگنىدى.
كۆل بىلگە قېدىرخان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن باشلانغان ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئۇيغۇر قاراخانىلار خانلىقى (840- 1123) رەسكى-ھەسەت ۋە ئىچكى نىزا بىلەن خېلىلا ئاجىزلىدى. ھەسەت بەزىدە خانلىق تەۋەسىدىكى قەبىلىلەرنى پارچىلىنىشقا قىزىقتۇرسا، بەزىدە ئۆز ئورنىنى كۆتۈرۈش يولىدا ۋەتەن سېتىپ، چەتنىڭ قوشۇنىنى سەلتەنەتكە باشلاپ كىرىشكە ۋەسۋەسە سالدى. مەھمۇدخان سالجۇق سۇلتانىدن ياردەم سورىسا، قارلۇقلار ياغمىلارغا قارشى قارىقىتان شاھى گۆرخان قوشۇنلىرىنى خاندانلىققا باشلاپ كەلدى.
مۇشۇ خىلدىكى ھەسەت ۋە نادانلىق ھەققىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتاتغۇبىلىك»نىڭ 6601-، 5878-، 3416-، 3418-، 3422-بېيتلىرىدە ھەم ھەسرەتلىك، ھەم شىجائەتلىك پىكىر يۈرگۈزىدۇ:
چاياندەك چاقۇرلەر، چىۋىندەك شورارلەر،
ئىتتەك قاۋارلەر، قايسىسىنى ئۇراي مەن.
***
بۇ يالغانچى بىلەن بۇزۇلۇر ئاجۇن،
دۇرۇش چىن كىشى تۇت، ئى قولى ئۇزۇن.
***
كىم ئېسىل بولۇركەن پەزىل- نەسەپتە،
دۈشمىنى كۆپ بولۇر تەرەپ-تەرەپتە.
***
قايۇ ئەركە دۈشمەن يىغىلسا تولۇپ،
بىلىڭكىم، ئۇ ئەرنىڭ پەزىلىتى كۆپ.
***
كۆر، ئىتتىن قاچقان ئۇ بۆرى بولۇرمۇ،
ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۈنى.
بۇنداق رەشكى-ھەسەت يەكەن سەئىدىيە خانلىقى بىلەن ئەرشى سۇلتانلىقىنى پاجىئە دەرياسىغا غەرق قىلىۋەتتى.
سۇلتان سەئىدخاندىن باشلانغان ۋە ئابدۇرەشتخان ۋە ئابدۇكېرىمخان زامانىدا گۈللىنىش مەنسىزىرىسىگە قەدەم قويغان يەكەن سەئىدىيە خانلىقى (1510- 1687) نەمەنگانلىق ئىشان مەخدۇم ئەزەم ئەۋلاتلىرى باشلىغان غايەت زور مىللىي ئىجتىمائىي تەپرىقىچىلىق- «ئاقتاغلىق»، «قاراتاغلىق» ماجرالىرى ئىچىدە «ئاقتاغلىق» ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپاق خوجا ساتقۇنلىقى بىلەن مۇنقەرز بولدى! غەلىتىلىكى شۇ ئىدىكى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىلىرىنى تەسەررۇپ قىلىدىغان تەييارتاپ «ئاقتاغلىق» شەيخلەر قەشقەردىكى ھىدايىتۇللا ئاپاق خوجا مازىرىنى تاۋاپ قىلاتتى. يەكەن يېڭىسار ئەتراپىدىكى «قاراتاغلىق» شەيخ ۋە مۇرتلار سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئەۋلاتلىرىدىن مەۋلانە سەئىد قەشقەرى قىزى بىبىچەدىن تۇغۇلغان ئىسھاق ۋەلى بۇ مەزھەپ باشلىقى بولغانلىقى تۈپەيلى، ئاتۇشتىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىنى تاۋاپ قىلاتتى.
ئاپاق خوجا ۋە خېنىم پاشا قاتارلىقلارنىڭ ئىشانچىلىق تۈسىگە كىرگەن ھەسەتچىلىك ئوتلىرى مىڭلىغان –ئون مىڭلىغان خەلق بېشىغا چىققان ھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىىنمە ھالەتتىكى نادانلىق، ئىتتىپاقسىزلىق جاھالىتىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى پەلەكە يەتكۈزگەن. «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر پاجىئەسى» دەپ ئاتالغان بۇ بالا- قازادا ئۇيغۇر ھەسەتچىلىكى مىسلىسىز بەدبەشىرە «جاھالەت دېۋە- پىرلىرى» يارىتالايدىغان شورى قۇرىغان يېڭى مۇمكىنلىكلىرى بىلەن ئىلغار ئىنسانىيەتتىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قالدى! يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى نادانلىق ۋە تەپرىقىچىلىققا تېخىمۇ ئەشەددى ۋە ئەسەبىي «كامالەت» شەرتى ھازىرلاپ بەردى.
دانىيال خوجا (؟- 1730) دىن باشلاپ خوجا ياقۇپ ئەرشى (1685- 1755) زامانىدىن «ھۆسەيىن بايقارا دەۋرىدەك گۈللەنگەن» (مۇھەممەد سادىق قەشقەرى سۆزى) ئالتە شەھەر سۇلتانلىقى (1700- 1755)نى ئاپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى بۇرھانىدىن خوجا باشلىغان جۇڭغار قوشۇنلىرى «ئاداۋەت مىراسى» تۈپەيلى قانغا غەرق قىلدى! ئەرشىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەم ھەمراھلىرىنى ساتقۇن قۇبات مىرزا قولى بىلەن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈردى! ئۇيغۇر خەلقى تارىختىكى يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان ئاخىرقى بىر ئاسايىشلىق خانلىقنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلدى!
بۇنداق رەشكى- ھەسەت ئۇچقۇنىدىن تارالغان پاجىئەلىك يانغىن ھەققىدە توختالغاندا، موللا مۇسا سايرامى «ئىككى تىللىق قەلەم ۋە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىدۇ» دېسە، مۇھەمەد سادىق قەشقەرى چەكسىز غەزەپ بىلەن:
تائەتى ئانىڭ ئوغرىلىق ھەم قاراقچىلىق ھۈنەر،
ھەم ھارامخورلۇق پەزىلەت مۇخلىسى سۇلتانىغا.
ئاشىناسى دۈشمىنىدۇر، مېھرىبانى قاتىلى،
ھەممىنى تاراج ئېتىپ، زەخمەت بېرۇر سۇلتانىغا،
ھېچ قەۋمى، سادىقا، ئۇشبۇ سىفەتلىك بارمىدۇر،
دېۋە، ھايۋان ئار ئېتەر، بۇ شۇمنىكى ھەر كارىغا.
دەپ يازدى. بۇ پاجىئە بىلەن ھەسرەتتە جان ئۆزگەن لىرىك شائىر، دىيانەتلىك سۇلتان ئەرشى مۇنداق نىدا قىلغان؛
يەر يۈزىنى لالەزار ئەتكەي تۆكۈلگەن قانىمىز،
بارچە يارى مۇئتەقىدلەر كۈيلىگەي ئارمانىمىز!
زىيائىنىڭ «مەھزۇنىل ۋائىزىن» (قايغۇلۇق نۇتۇقلار)، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ «نەسىھەتى ئاممە»، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئوقۇدى، ئاشتى»، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ «ئويغان»، «باردۇر» قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇ تۆكۈلگەن قان، مۇشۇ كۈيلىنىدىغان ئارماننى ئاقىللارچە دىت بىلەن تونۇپ يېتىش ئاساسىدا يېزىلغان!
ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ھالاكەت دېڭىزىغا غەرق قىلغان ئاشۇ «ئەزىمەت»لەر ئۆز ئىشىنى «مىللەت» تۇغى ۋە «مېنىڭ بەرھەق» يېپىنچىسى بىلەن ئېلىپ بېرىشمىغانمىدى؟ لۇشۇن ئەپەندى «جۇڭگۇ تارىخىنى ئاختۇرۇپ ئىككى بەھەيۋەت خەتنى تاپتىم. ئۇ بولسىمۇ: ئادەم يېيىش!» دېگەنىدى. ئاڭلىق ھەم ئىجتىھاتلىق، جانلىق ھەم ھەسرەتلىك تەپەككۇر تۆرىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر تارىخىغا نەزەر تاشلىنىمىزغا، بىزقايسى بەھەيۋەت خەتنى تېپىپ چىقىشىمىز مۇمكىن؟؟
4
قولۇمدىكى مىس ئاقچىلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىنىڭ يادنامىسى. ئۇ خانلىقلار كەلمەسكە كەتكەن! ھازىر قالغىنى پەقەت پۇقرا- ئۇيغۇر خەلقى، بارى يوقى پەقەت مۇشۇ مىللىي ئىجتىمائىي گەۋدە. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مۇتۇپەككۇرلىرىنىڭ بىۋاستە ئەمەلىي تەپەككۇرىدا جاھالەت ۋە ھەسەت شۇنداق ئەندىشىلىك ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەنكى، «ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق بۇ مىللەت ھەم يوقالغايمۇ؟» دېگەن ئادا- جۇدالىق دەرىجىسىگە يەتكەن! بۇ ھازىرلىق- مىللەتنى ئەقلىي مىللەتكە، زامانىۋى ئاڭدىكى بىلىملىك مىللەتكە، جۈملىدىن مىلەتنى ھەسەتكە نەپرەت ۋە لەنەت ياغدۇرىدىغان مىللەتكە، ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى قىلچە زەخىملەندۈرىدىغان ھەرقانداق سۆز- ھەركەتكە شەرتسىز ھەم رەھىمسىز قارشى تۇرۇپ، ھەسەت ئالۋاستىلىرىنى مىللەت ئەمجۈمەنىدىن لەنەت جەزىرىسىگە ئىرغىتىپ تاشلايدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇش ھازىرلىقىدىن ئىبارەت! چۈنكى، ئەمدىلىكتە مىللەتنى سۆيۈش قانداقتۇ ئۆتكەن خانلىقلار ھەققىدە خامۇش لاپ ئۇرۇش بىلەن ئەمەس ياكى قانداقتۇ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەيدىغان پىتنە- پاسات ۋە يالا- تۆھمەت بىلەن ئەمەس، قانداقتۇ مۈشۈكياپىلاقتەك جىمغۇر بولىۋېلىپ، سوغوق قول سېلىپ قىرقىپ تاشلاش بىلەن ئەمەس، دەل بۇلارنىڭ ئەكسىچە، بىلىم ۋە ئىناقلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ھاياتىي كۈچ ئۈستىدە ۋىجدانىي باش قاتۇرۇش ۋە ئىشلەش بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولدى! مۇشۇ نوقتىدىن ئەشەددىي ھەسەتخورلارنى مىللەتنى ھالاكەتكە ئىتتەرگۈچىلەر دەپ ئەيىپلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلارنى تارىخىمىزنىڭ سەلتەنەت دۇردانىلىرىنى ھالاكەت دېڭىزىغا غەرق قىلىدىغان ئاشۇ ئەسەبىي جىنايەتكار ئەرۋاھنىڭ بۈگۈنكى ۋارسلىرى، دەپ ئاتاشقا ھەقلىق ئەمەسمىزمۇ؟
بەزىلەر: «ھەسەت شەخسكە قارىتىلغان، مىللەتكە، دۆلەتكە قارىتىلغان ھەسەت بولمايدۇ» دېيىشى مۇمكىن. بۇ دەل شەخسكە قاراتقان ھەسەتنىڭ «مىللەت» تۇغىنى كۆتۈرىۋېلىشىدىكى بىر باھانىسى، خالاس! ھەسەت شەخسكە قارىتىلغان شەكىلدە باشلىنىپ، مىللەتنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنى پارچىلاپ، مىللەتنى، دۆلەتنى خانىۋەيران قىلىدىغانلىقىنى مەن «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى» ناملىق ماقالەمنىڭ تۇنجى تېمىسى- «ھەسەتخورلۇق مىللەتنى خاراپلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك روھى ئىللەت» تە بەش قاتلاملىق نوقتا بىلەن شەرھىلەپ ئۆتكەنىدىن. بۇ تارىخ تەكرار ئىسپاتلىغان ھەقىقەت! ئۇنى قايتا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشتەك قىيامەت خورلىقىدىن خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
خوجا مەھمۇد پوچى بايانداي جەڭلىرىدە ياغاچتىن «پو» ياساپ ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى قاتارىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانىدى. ئۇ كېيىن مەزەمزات سۇلتاننىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ، ئىلى سۇلتانلىقىدىكى باش سەركەردە ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش پاجىئەسىنى پەيدا قىلدى. بۇ «شەخسكە قارىتىلغان ھەسەت» ئىدىغۇ؟
ئەلشىر ناۋائىنىڭ سۇلتان ھۈھەيىن بايقارا بىلەن بولغان بۇرادەرلىكى تۈپەيلى رەشك- ھەسەتكە چۆككەن مەجىددىن مۇھەممەد ئەينى زاماندا ۋەزىر نىزامۇل مۈلۈككە سۈيقەست ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەزىر بولغانىدى. مەجىدىددىن مۇھەممەد ۋەزىرلىككە چىقىپ، گەرچە «دۆلەت خەزىنىسى مەنپەئەتى ئۈچۈن» نىزامۇل مۈلۈك ۋاقتىدىكى ئىككى تۈمەن پۇللۇق كىرىمنى بىردىنلا ئىككى مىڭ تۈمەن پۇللۇق غايەت زور كىرىمگە كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ ساددا مەنپەئەت تېشى بىلەن ئەقىل ۋە ئەخلاق دۇردانىلىرىنى سۇندۇرۇشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ ئەلشىر ناۋائىنى پايتەختتىن چەتلەشتۈرىشى بەلخ ھاكىمى دەرۋىش ئەلى باشلىغان ئىسياننى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، مەجىدىددىن مۇھەممەد ئۆز ئورنىنى يەنە نىزامۇل مۈلۈككە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋە پايتەختتە تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىنغان ئەلشىر ناۋائىنىڭ نەپرىتىگە دۇچار بولۇشقا مەجبۇ بولدى. بۇنداق ھەسەتخورلۇققا ئىبىنسىنا (رەقىبى تاجۇلمۈلۈك)، ئۇلۇغبېك (رەقىبى خۇجا ئەبەيدۇللا ئەھرار) ھەم دۇچ كەلگەن.
ئۇلۇغبېك ئۆزىنىڭ ئەقىلپەرۋەرلىكى، ئىلىم-پەن، شېئىرىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى تۈپەيلى خوجا ئەھرارنى روھى تىرەك قىلغان مۇتىئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن ھەسەت دېڭىزىغا تاشلاندى. مۇشۇ مۇتەئەسسىپ كۈچلەر «دىنىي ئەنئەنىنى قوغداش» نىقابىدا ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلەتىپنى ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. مۇتەئەسسىپ روھىيەت نوپۇزلۇقلىرى تەرىپىدىن ئالدانغان ئابدۇلەتىپ 1449-يىلى 27-ئەكتەبىر كۈنى دادىسى ئۇلۇغبەكنى قەتىل قىلىۋەتتى!
ھەممىگە مەلۇم، شائىرە ئاماننىسا خېنىمنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە سەنئەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئوردا ئىچى ۋە سىرىتىدىكى رەشكچىلەرنىڭ پىتنە- بۆھتانلىرىدىن خالىي بولالمىغان، نەتىجىدە، ئاتالمىش «شەخسكە قارىتىلغان ھەسەت» ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھالاكىتى قانۇنىيەتلىرى بويىچە مىللەتكە زەبۇنلۇق لاتقىلىرى تاشلىغان!
ئەلشىر ناۋائى نامەرد ھەسەتخورلۇققا مەردانە تاقابىللىق توغرىسىدا مۇنداق يازغان:
مەرد كىشىدۇر خىزمەتىدىن قايتۇرمىغان باش،
گەر ئاسماندىن باشىگە ياغسە ھەم تاش.
گەر ئول تاشلار بىلەن باشىڭ يارىلغاي،
سەئادەت بەلگۈسى ئول ئورنى قالغاي.
مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ھەسەتخورلۇقنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋىتى ئۈستىدە مۇنداق يازغان:
ئەگرىلىكتىن جەمەن ئىچرە تىكەن،
خار تۇرۇر گەر گۈل ئىچرە ۋەتەن.
***
بۇ پىشە سەر ھەدىدە ھەر تەرەف يۈز شىرۇ ئەجدەرھا،
خەلايىقنىڭ كۆزىدە پەردە غەفلەت، نۇر ئەيان بولماس.
مۇھەممەد ئابدۇللا خاراباتى پىتنە- ھەسەتنى مىللىي ئاپەتنىڭ ئۇرۇقى سۈپىتىدە مۇنداق ئەيىپلەبلەيدۇ:
فىتنى قىلماق خۇنى ناھەقتىن يامان،
فىتنىچى قالماس جەھەننەمدىن ئەمان.
***
خۇنى ناھەق فىتنەدىن پەيدا بولۇر،
فىتنەدىن ئالەمدە كۆپ غەۋغا بولۇر.
***
ئۇشبۇ ئالەم فىتنەدىن بولغاي خەراب،
فىتنەدىن كۆپرەك كىشى كۆرگەي ئەزاب.
مۇتۇپەككۇر ئەجداتلىرىمىز پىتنە-ھەسەتنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋىتىنى قانداق روشەن كۆزەتكەن- ھە!
5
بالاساغۇن كونا خارابىسى ۋە يوقالغان قارا ئارچا ــ «ئارتۇچ» قالدۇقلىرىنى ئىزدەش جەريانىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ جىيەنى، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سىڭلىسى ھەلىمىخاننىڭ ئوغلى مەشھۇر ئۆلىما زەينۇل ئابىددىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم بىلەن ئۇچراشتىم، بىز بىلەن مەھەللىداش بۇ كىشى ماڭا خوجا- ئىشان ئەۋلاتلىرىدىن ئاتۇشتىكى بىردىنبىر خانىقا ئىگىسى بولمىش () بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبىتىنى سۆزلەپ بەردى.
ئىشان: «ئىبلىسنىڭ بەدبەشىرە سەيتانغا ئايلىنىشىدىكى سەۋەپ نېمىدىن؟» دەپ سۇئال قويغان.
داموللام: ئاللاھ ياراتقان ۋە ھەممىنى بىلەرلىكى بىلەن مالائىكىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئادەمگە كېبىر- ھەسەت تۇتقانلىقى، شۇنىڭدەك مالائىكىلەر ئارىسىدا تەپرىق پەيدا قىلىدىغان بۆھتان بىلەن شۇغۇللانغىنى ۋەجىدىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئىشان: «شۇ شەيتاننىڭ بىشارىتى نىمە بولغاي؟» دەپ سۇئال قويغان.
داموللام: «نادانلىقتا ياتقان خەلقتىن چىققان نادان ئىشاننىڭ نادانلىقىنى تەرغىپ قىلىشىدىن ئىبارەت» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئىشان دۇدۇقلىغىنىچە بۇ سورۇندىن چىقىپ كەتكەن.
ئابدۇقادىر داموللام بىننى ئابدۇۋارىس 20- ئەسىر مۇقەددىمىسىدىكى مەشۇر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئالىم، جەدىتىزىمچى مۇتەپەككۇر ۋە تالانتلىق شائىر ئىدى. ئۇنى رەشىكچى بايلار بىلەن ھەسەتخور ئۆلىما- زىيالىلار شېۋىت مىسسىئونېرلىرى ۋە نادان ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىركتۈرۈپ 1924-يىلى ھېلىم (تاز) مەزىننىڭ قولىدا قولىدا قەتىل قىلىۋېتىشتى. بۇ سۈيقەستكە ئەينى زامان ۋە ئىلگىرىكى زاماننىڭ بەدنىيەت جاسۇسلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇھ ــ «مىللەتپەرۋەر ئۆلىما» قىياپىتىگە كىرىۋالغان كەسپىي تۆھمەتخورلارمۇ پائال قاتناشتى. بۇ رەشىك- ھەسەت پاجىئەسىدىن زارلانغان خەلق:
داموللام شېھىت بولدى،
ياتار جايى بېھىش بولدى.
داموللامغا قەشقەرلىق،
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.
دەپ قوشاق قاتتى. مانا بۇ ئەل قەلبىدىكى بېھىش ئىدى! ھۈسەيىنخان تەجەللى، مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر شائىرلار مەرىسىيە يېزىپ، ئۇنى ھىدايەت كانى، ئالى ھىممەتلىك ئۇستاز، كەرەملىك دېڭىز، خەلق غەمگۇزارى، ئالىي تەپەككۇر ئىگىسى، ھەقىقى ئىسلاھاتچى ئالىم دەپ تەرپلەپ، ئۇنىڭ كۆز يۇمغانلىقىغا نادامەت قىلىشتى
ئۇنىڭ سۆزلىرى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بىلەن نادانلىق ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ ئوت بىلەن سۇدەك زىددىيىتىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ ئەقايىد زەرۈرىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغانىدى:
ــ ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمەدۇر؟
ــ ئىككى نەرسىدۇر: بىرى جاھىللىق ۋە نادانلىق، ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.
ــ ئىززەت- ھۆرمەت، كۈچ- قۇۋۋەت نىمە بىلەن ھاسىل بولۇر؟
ــ ئىلىم- مەرىپەت ھەم ئىتتىپاقلىق بىلەن ھاسىل بولۇر.
ئابدۇقادىر داموللام «قۇتادغۇبىلىك»، «ھىببەتۇل ھەقايىق» داستانلىرىدا تەكىتلەنگەن «بىلىگ» ــ ئىلىم-پەن قاراشلىرىغا يەنە مىللەتنىڭ ئويۇشقاق كۈچى ــ بىرلىك، ھەمدەملىكتېماتىكىسىنى قوشتى! ئۇ شۇنداق قىلىپ پولاتتەك مۇستەھكەم ئەقىدىگە ئىگە مەدەنىيەتلىك مىلەت غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنىيەتلىك زۆرۈرىيەتلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ قاتىلى تېگى –تەكتىدىن ئالغاندا، نادانلىق ۋە ھەسەتتىن ئىبارەت رېئال ئەللەتنىڭ پاجىئەلىك راۋاجلانغانلىقى بولدى!
ئابدۇقادىر داموللام «مۇخەممەس» ناملىق 120 كوپلېتتىن تەشكىل تاپقان مەشھۇر داستانىدا نادانلىق ۋە ھەسەتنىڭ ئەينى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتلام ۋە ساھەلىرىدىكى ئىپادىلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ قەلەم ۋە تىل بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شائىر، ئەدىپ، تەرجىمان، مىرزىلار ئۈستىدە توختالغاندا ئۇلارنى يارىماس قىلىق ۋە جىنايى پىتنە- بۆھتاندىن يىراق بولۇپ، خەلقنى ئىلىمگە ۋە بىرلىك –ئىتتىپاقلىققا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى نىشان خاراكتىرلىك خزمەتنى ئاڭلىق ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ:
قارانى ئاق ئەيلىمەك، ئاقنى قارا كارى قەلەم،
بۇ سەبەبدىن دائىما ئەكسەرلەگە يەتمىش ئەلەم.
***
ھەممىدىن بەتتەر قەلەمگىر بولسا گەر ئەھلى شەرەر،
ئەل ھەزەر، سۇممەل ھەزەر، سۇممەل ھەزەر، سۇممەل ھەزەر.
دەپ يازدى. ئۇ شائىر، ئەدىبلەرنىڭ ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان مەسخىرىۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئورنىغا دوستانىلىقنى ئۆستۈرىدىغان ۋەسىفى بايان بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە نەپسى شەيتان كەينىگە كىرمەي، ئەقىل بىلەن ئىش تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئابدۇقادىر داموللام «مىۋىلەر مۇنازىرىسى» ناملىق يەنە بىر داستانىدا ئۆلىما- زىيالىلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىش ۋە رەشكى-ھەسەتچىلىكنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ روھىيەت باغچىسىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن تۇتىشى، بىر-بىرىن قوللىشى لازىملىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭچە، بۇ باغ ھەرخىل مىۋىگە مۇختاج. ئابدۇقادىر داموللام بىرمىللەتتە سۇلتان بولمىغاندىمۇ دانا پىر- ئۇستاز بولۇش لازىم، ئۇ قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارايتتى. بۇ خوجىلار دەۋردە ياشىغان ئابدۇللا خاراباتىنىڭ «مەسنەۋى خاراباتى»ناملىق ئەسىرىدە ئوخشاش رەۋىشتە مۇنداق تىلغا ئېلىنغان:
ئەھلى دانا مەشئەلى روھى زەمىن،
كىمدە مەشئەل بولسا تۈن خەۋفتىن ئەمىن.
ئەي بەرادەر، بولما داناسىز بۇ كۈن،
بولماغىل ھەرگىزمۇ مەشئەلسىز بۇ كۈن.
ھەر دىيارىنىڭ چىراغى ئالىمى،
ھەر قارا تۈننىڭكى ماھى ئالىمى.
زەينۇل ئابىددىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن مەن ئۆيگە قايتتىم. نادانلىق ۋە رەشكى ھەسەتنىڭ يېقىنقى ۋە قەدىمكى پاجىئەلىرى ئۈستىدىكى ھەسرەتلىك ئەسلىمىلىرىمنى تەپەككۇر تەلقىنلىرىگە سېلىپ، تۈن نىسبىگىچە ئۇيقۇ ئارامىغا كىرەلمىدىم. كۆزۈمگە ھېلىمۇ تاز مەزىنلىكنى راۋا كۆرگۈچى تائىپە بىلەن ھەسەت پاجىئەسىنى پىلانلىغۇچى ئاتامانلارنىڭ خۇنۇك تەلەتى كۆرۈنگەندەك بولدى. ھەسرەتلىكى شۇكى، بۇ خىل پىرسوناجلار ئەينى زامانلاردا كىشىلەر كۆزىگە ئەسلى قىياپەتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە كۈزەل ۋە نەپىس قىياپەتلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. پەقەت مۇقەددەس ۋاقىتلا ئۇلارنى كىيىنكى ئاۋلاتلار ئالدىغا ئەسلى قىياپىتى بويىچە يالىڭاچلاپ قويۇدۇ. ۋاھالەنكى، بۇنداق يالىڭاچلاپ قويۇش ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر بەدىلىگە ئورۇندىلىدۇ. خالاس!
6
بۇ يىل «خەلق تىياتىرى»دا كەچلىك كونسېرتقا قاتناشتىم. مەن ئويۇن باشلىنىپ قالغاندا زالغا كىرىپ ئورنۇمنى ېپىۋالغانىدىم. سەھنىدە ئاتاقلىق بىر ئايال ئۇسۇلچى ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇسۇلى مېنى خېلىلا مەھلىيا قىلغانىدى. ئارقامدىكى قاتاردا ئولتۇرغان يەنە بىر ئاتاقلىق ئەر ئۇسسۇلچى يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا قاراپ: «ئۇ قېرىنى سەھنىدىن چۈشۈرىۋەتسۇن، بېلى قېتىپ ئىگىلەلمەي قاپتۇ...» دەپ سۆزلەپ كەتتى. بىز تونۇشاتتۇق، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇ مېنى ئارقا تەرىپىمدىن تونالماي قالدى. مەن ھەيران بولدۇم، ئۇلار بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن ئىدى. تەرلەپ كەتتىم، تامچىغان تەرمۇنچاقلىرى بىلەن بۇ ھەسەتنىڭ ھۆرمىتى ئىلگىرىكى ئېگىزلىكتىن پەسكە دۇمىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. يادىمغا يەنىلا سەئىدىنىڭ مۇنۇ بېيىتى كەلدى:
رەھىمسىز ھەي ھەرە سۆزۈمنى ئاڭلا:
ھەسەل بەرمىسەڭمۇ، نەشتەر سانجىما!
كۆز ئالدىمدىن ھەسەتنىڭ ھەرخىل شەكىل نۇسخىلىرى ئۆتۈشكە باشلىدى. سايلام ھەسەتلىرى، مۇكاپات ھەسەتلىرى، ئەسەر نەشىر قىلىش ھەسەتلىرى، ئىلمىي مۇۋەپپەقيەت ھەسەتلىرى، ئۇنۋان باھالاش ھەسەتلىرى، ئەمەل- دەرىجە ئۈستۈرۈش ھەسەتلىرى، توي-تۆكۈن ھەسەتلىرى، ئۈلپەت ۋە مەشرەپ ھەسەتلرى، يۇرتۋازلىق ھەسەتلىرى، قەددى- قامەت ھەسەتلىرى، بەختۇ-ئامەت ھەسەتلىرى... قارىماققا، بۇ خۇنۇك ئىللەتنىڭ رەڭگا رەڭ شەكلىگە خېلىلا قېنىقارلىق دەرىجىدە باي ئىكەنمىز.
ھەيران بولىمەن. ئومۇمەن خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىنى بېيىتىش ۋە جانلاندۇرۇش، ئۇزاق داۋام قىلغان مەدىنىي تارىخىمىزنى ئۈزۈلدۈرمەي راۋاجلاندۇرۇش يولىنى بويلاپ ھالال ئەجرى ئەمگىگى بىلەن نەتىجە قازانغانلارنى قوللاش بىر پۈتۈن مىللەت، مىللىي مەدەنىيەتنى سۆيۈدىغان ھەرقانداق ئاڭلىق كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ئىپتىخار، ئەقەللىي ۋىجدان بولۇشى كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقىمىز، مىللىتىمىزدىن ئۆسۈپ چىققان مۇنداق نۇرانە ئۆلگىلەرنى نابۇت قىلىش يولىدىكى پىكىر ۋە پائالىيەتتە يۈرگۈچىلەرنىڭ قىلمىش ۋە ئەتمىشلىرىدىن ئۇلارنى خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرى دىيىشكە كىمنىڭ رايى باردۇ؟ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مانا مۇشۇ خىل ئىنسان قىياپىتىدىكى ئالۋاستى ۋە يالماۋۇزلار تۈپەيلى خەلقىمىز نۇرغۇنلىغان مەدىنىيەت مەلەكەلىرى ۋە مۇمكىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قالغان ئەمەسمىدى؟!
بەزى ساددا پىكىرلىك كىشىلەر: «قەلەم ئەھلى ئەزەلدىن شۇنداق، بىر-بىرىنىڭ پىيىدا يۈرىشىدۇ» دەيدۇ. مەن مۇنداق قارىمايمەن.
دەرۋەقە، قەلەم ئۇ بىر كۆپ باسقۇچ، كۆپ قاتلاملىق مەلەكە-دەرىجە، ئەگەر تەپەككۇر ئالىمىنىڭ بىر قەدەر يۈكسەك پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن قەلەم ئېگىسى بولىدىكەن، ئۇ مۇنداق بولمىغۇر پىكىر توزانلىرى بىلەن ئۆز قەلبىنى خۇنۇكلەشتۈرمىگەن بولاتتى. چۈنكى ئالەم، قەلبى يورۇق كىشىلەر ئۈچۈن، تەپەككۇر ئەھلى ئۈچۈن تەپەككۇر پاكلىقى ۋە تەپەككۇر بايلىقىدىن قىممەتلىكرەك خەزىنە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئىلىم- سەنئەت تارىخى شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، خۇنۈك ۋە ناپاك پىكىرنىڭ ئەخلەت توزانلىرى ئۇنىڭ ئىگىلىرىنى مەنىۋى مەدىنىيەت كۆكىدە يۇقۇرى ئۆرلەش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان. ئۇ خۇددى ئېغىر تاشتەك ئۇنىڭ پارلاق چوققىسىغا چىقىشىغا ھامان توسقۇنلۇق قىلىدۇ. روشەنكى، پاكلىق ۋە ئۇلۇغۋارلىق روھىيەت پەرۋازىدىكى ھەقىقى قاناتتىن ئىبارەت. ئۇنداق بولمايدىكەن «موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە» بولۇپ قالىدۇ!
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلىرىدىن باشقا بىزدە يەنە غايىۋانە ھەسەتخورلۇق، ۋاكالىتەن (ھاۋالە خاراكتىرلىك) ھەسەتخورلۇق، ئۆزىنى نەس باسقانلىقنىڭ ئۈچىنى چىقىرىۋېلىش خاراكتىرىدىكى ھەسەتخورلۇق، ئۆزىدىن بىر –ئىككى زامان كېيىنكىلەرگە قارىتىلغان ھەسەتخورلۇق قاتارلىق تېخىمۇ غەلىتە، ئاجايىپ، غارايىپ رەشك-ھەسەت تىپلىرى بار. بۇلارنى ئويلىسام «چىستانى ئىلىكبەگ» داستانىدا تەسۋىرلەنگەن قارا ياغاچلار توقايلىقىغا مۆكۈنىۋالغان ھەرخىل «يەك» (ئالۋاستى) ئوبرازلىرىنى قىياس قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەقىقى سۈرىتىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ سىزىپ چىقىشقا ئۇستا رەسساممۇ ئاجىزلىق قىلسا كېرەك!
بەزىدە ئاڭلايمەن: «خەلق ئارىسىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئاجايىپ قەبىلىيەتلىك كىشىلەر بار، ھازىرقىلار نېمە، ئۇ !». بەزىدە ئاڭلايمەن: «كەلگۈسىدە ئاجايىپ تالانتلىقلار پەيدا بولىدۇ. ھازىرقىلار نېمىگە ئەرزىيتتى!»... دەرۋەقە، خەلق ئۇلۇغ، ئۈمىد كەلگۈسىدە، بۇ گۈزەل ئىبارە ۋە گۈزەل ھەقىقەتكە ھەرخىل ئاڭ تۈزۈلمىسىدىكى كىشىلەر ھەرخىل مۇئامىلە قىلىدۇ. قاراڭلار، ھەسەتخور كىشىلەرمۇ بۇ سۆزدىن ئۆز تەپەككۇرى بويىچە ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقان!
ھەسەتخورلۇقنىڭ جىمىغۇر بىر شەكلىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىش شەكلىدىكى ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت. ئۇ ئۆز قېرىندىشىنى، ھاقارەتلىنىۋاتقان، چەتكە قېقىلىۋاتقان بىگۇناھ كىشىنى مەلۇم بىر ئېغىز- بۇرۇن يالىشىش لەززىتى ۋە تاپاۋەتكە دەپسەندە قىلىدىغان، خار قىلىدىغان، ساتىدىغان كىشىلەرنىڭ دەل ئۆز ئەينى ئەمەسمۇ؟
7
ھەسەتخورلۇق ھەققىدىكى ھەسرەتلىك تارىخىي ۋە رېئال ئەسلەشلەردىن يەكۈن چىقىرىشقا قىزىقىپ قالدىم. چۈنكى مۇھاكىمە يەكۈنلىرى ھادىسىلەردىن قانۇنىيەتلىك ماھىيەتلەرنى ئاچىدىغان ئەقلىي بىلىش بولۇپ، ئۇنىڭسىز روشەن، بەرقارار ئاڭلىق نوقتىنەزەرنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ ئۆز يەكۈنلىرىمنى چىقىرىش جەريانىم بى قاتار مۈجىمەل قاراشلارغا، ئېنىقراق ئېيتقاندا ھەسەتخورلۇقنىڭ تۈرلۈك نىقابلىرىغا داۋاملىق تەھلىل يۈرگۈزۈش جەريانىم بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.
ــ رەشك- ھەسەت روھى ئازادىلىك، ئەركىن-دېموگراتىك روھمۇ؟
ــ رەشك-ھەسەت ئىلمىي مۇھاكىمە، ئىقتىدار رىقابىتى، نوپۇزغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشمۇ؟
ــ رەشك-ھەسەت مىللىي قەھرىمانلىق روھىنىڭ جۇشقۇنلۇق پارتىلىشىمۇ؟
ــ نېمە سەۋەپتىن كىشى ئالگەندىن كېيىنلا قەدىر- ئىتىبارىنى تاپىدۇ؟
مۇشۇ سۇئاللار ئۈستىدە ئويلاندىم.
مەلۇمكى، رەشك-ھەسەت روھىي ئازادىلىك، ئەركىن- دېموگراتىك روھنىڭ دەل ئەكسىچە، مىللەت روھىيىتىدىكى،جۈملىدىن ھەسەتخور ۋۇجۇدىدىكى ئەسەبىي ئىللەت. رەشك- ھەسەت ئەپسانىۋى چۆچەك شەلىدىكى دوزاخ بولماستىن، دەل رېئال، ھەقىقى جەھەننەم، ئۇنىڭ ئوتلىرى نەپسانىيەت ۋەسۋەسىسى بىلەن يانغان، ئۇنىڭ ئاپەتلىك يالقۇنلىرى ئۆزىنىڭ ناقابىللىقى ۋە بەختسىزلىكى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىتىدارى ۋە سائادەتمەنلىكىنى دۈم يېتىپ سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ خىل ھەسەت يالقۇنلىرى ئۇنىڭ ئىقتىدارغا ۋە بەختكە ئېرىشىش مۇمكىنلىكلىرىنىڭ باش كوزۇرى بولغان ئەقىل جەۋھىرىنى كۈل قىلىپ، ئۇنى تەپەككۇر، روھىيەت، خۇلۇق-مېجەز ۋە جىسمانى جەھەتتىن خورىتىپ، خارابلىق توپىسىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىرىكلەر ئارىسىدىكى پائالىيەتلىرى ھەسرەتتە ئۆلگەن ھەسەتخور ئەرۋاھنىڭ قىساسكار تەلۋىلىكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەسەتخور باشقىلارنىڭ سۈرىتىنى تامغا ئېسىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە چاڭگال سېلىپ، گۆشىنى تىتىپ يېگەندەك خىيالى كۆرۈنۈشتىن ئۆزىنى ئۆزىنى بەزلەپ، ئەمەلىيەتتە ھەر دەقىقە ئۆزىگە چاڭگال سېلىپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈچىدۇر. ئاتالمىش «روھى ئازادىلىك» دېگەندە، ئۇ دەل تەلۋە- جۇنۇننىڭ ئۆزىنى ئالداش ۋە ھالاك قىلىش «ئەركىن-ئازادىلىكى»ن خالاس!
ھەسەتخورلۇق بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە، ئىقتىدار رىقابىتى ۋە نوپۇزغا قارشى ئىسيان دېگەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئالۋاستىلىق ماھىيەت بىلەن ئادەملىك قىياپەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ.
ئىلمىي مۇھاكىمىدە ئىلمىي مۇنازىرە بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى، ئىتتىپاقلىقنى، مىللەت ۋە دۆلەتنى كۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان، ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىپ، خاتالىقنى تۈزىتىدىغان، يالغان –ياۋداق، پىتنە-بۆھتاندىن خالىي بولغان ئەقلىي ئاپائىيەت. ئىلمىي مۇنازىرىدە تېما مۇخالىپ بولىدۇ، پىرسۇناجلاپ رەقىپ بولمايدۇ!
ئىقتىدار رىقابىتى ئۆز رىقابەتدىشىنىڭ بىلىم ۋە قابىلىيىەت قاتلاملىرىنى ئىتىراپ قىلغان، ھۆرمەتلىگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا يىتىشىۋېلىشى ياكى تەڭداشلىق سەۋىيىدىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاقىلانە، ھالال ۋە مەردانە تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت. ئىقتىدار رىقابىتى مىللەتتە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى مىقدار جەھەتتە كۆپەيتىدىغان، سۈپەت جەھەتتە تاكاممۇلاشتۇرىدىغان، جەمئىيەت راۋاجىغا مەنپەتلىك بەيگە! ئۇ مەنىۋى قاتىللىق، روھى قاراقچىلىق ھېساپلانغان پەسكەش ھەسەت بىلەن چىقىشالمايدۇ.
نوپۇز ئىجتىمائىي ھادىسە، يالغان نوپۇز بولمىسىلا، ئەكسىيەتچى نوپۇز بولمىسىلا، ئارقىغا سۆرەيدىغان نوپۇز بولمىسىلا، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەقلى، ۋىجدانى، شان-شەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىپتىخار مۆجىزىسى ھېساپلىنىدۇ. ھەقىقى، ھالال ۋە ئىلغار تەپەككۇر نوپۇزى مىللەتنىڭ نۇرانە چىراغلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بولغانلىقى بىلەن بولمىغانلىقىنىڭ پەرقى چوڭ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ: سۇلتان بولمىسىمۇ دانا پىر-ئۇستاز بولسۇن، دېگىنى مۇشۇ پەرقنى چۈشەنگەنلىكىنىڭ ياڭراق نىداسى. مۇنداق روھىيەت مەشئەللىرى كۆپ بولۇشى، ئىسمى- جىسمىغا لايىق بولۇشى، ئۇ يول چىرىغى بولۇشى، گەندە قاچىسى بولۇپ قالماسلىقى لازىم، بۇنداق يول چىراغلىرىنى ئاقىللار ئاسرايدۇ. تەلۋىلەر ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ، «جاھالەت پىرلىرى»نى چاقىرىشقا ئالدىرايدۇ.
ئەگەر زالىم، پۈچەك، ھارامخور، تەرسا بىرسى تىكلىۋالغانىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئىللەتلىرى ئۇنى پەسلەشتۈرىدۇ، «سۇپرىسى قۇرۇق»نىڭ «ئېتى ئۇلۇغ»لىقتىن قالىدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق پىتنە-ھەسەت ھاجەتسىز.
رەشك-ھەسەت مىللەتنىڭ نۇمۇسلۇق ئىللىتى، ھەرگىزمۇ «ھەقرىمانلىق روھىنىڭ پارتىلىشى» ئەمەس! تارىخ ئۆزىنىڭ ھەسرەتلىك ئۆتمۈشى بىلەن ھەسەتخورلۇقنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر، ئەڭ باھالىق، ئەڭ قىزغىن، ئەڭ مودىلىق دەۋر تېمىلىرى، پىكىر ئېقىملىرىنى نىقاپ قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. خەلق چۆچەكلەردە ئۆكۈز، يىلان، قارا مۆشۈك، قېرى تېكە، يالماۋۇز كەمپىر قىياپىتى بىلەن سورۇنغا كىرگەن ئالۋاستىلارغا قارىغاندا، پەرىزات سىياقىغا كىرىۋالغان ئالۋاستىلارنىڭ كۆپرەك، تىزرەك، ئۇزۇن مۇددەترەك، ئاۋاتراق بازارغا، خېرىدارلىققا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. مىللەت تارىخىغا داغ تەككۈزگەن پۇرسەتپەرەسلەر، مىللەت يېڭى ئويغۇنىشىغا يۈزلەنگەنسېرى مىللەتنىڭ مىسلىسىز غەمگۇزارلىرى ھەتتا بۇ خىل پىكىر مەيدانىنىڭ سەرتسىز «شەيخۇل رەئىسى» بولۇۋېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار پوكۇلداپ تۇرغان خاۋاتىرلىك روھىيىتىنى ئەمىن قىلىش ئۈچۈن پاك، ھالال ئەقىل چىراغلىرىنى بىر-بىرلەپ چېقىۋېتىش كويىدا سەھنە ئارقىسىدا ھەركەتلىنىدۇ. مانا بۇ، تارىخنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەقىقىتى. بىر قاتار ھەسەت-پىتنە كومبىناتلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلمايدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بىلىش ئۇچۇرى! ئېچىنىشلىقى شۇكى، بىرمۇنچە تتەييارلىقى ئاجىز، ھادىسىلەرگە قايمۇققۇچى تېيىز پىكىر ئىگىلىرى ئۇلارنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن مەزھەپ مۇخلىسى قىلىۋېلىنغان بولىدۇ.
8
ئۆلگەندىن كېيىن قەدىر- ئىتىبارىنى تېپىش دېگەن نېمىنى ئۇقتۇرىدۇ؟
دەر ھەقىقەت، بىرمۇنچە كىشىلەر ئۆزى باقى ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ھەتتا بىرەر دەۋر ئۆتۈپ قەھرىمان بولىدۇ، ئۆز قەدىر قىممىتىگە ئېرىشىپ، تىللاردا داستان قىلىنىدۇ، ئەسەرلىرى تۈجۈپىلەپ بېسىلىپ، ئۇ ھەقتە ئەسلىمىلەر، رۇمانلار يېزىلىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
سىياسى سەۋەپلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ ئەرۋاھنىڭ تەكەببۇرلىقى مەۋجۇدىيەت مۇقەددەسلىكىدىنمۇ؟ ئەجىبا، بۇ ئەرۋاھ لەھەت دەرگاھىدا ھېچقانداق يېڭى ئۇلۇغلۇق مۆجىسى يارىتىش ئىمكانىيىتىدىن مەڭگۈ مەھرۇمغۇ؟
گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ ھەسەت خورلۇقنىڭ تولىمۇ قويۇقلىقى ۋە كۈچ- بېسىمىدىن بولغان. بۇ قويۇقلۇقنى چاڭ تۈتەككە، تەكلىماكاندىكى بوران توزانلىرىغا، بۇ كۈچ- بېسىمنى ئاتمۇسفېرا بېسىمى، دېڭىز- ئوكيانلاردىكى سۇ بېسىمىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئۆلۈم ئۆلگۈچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى توسقۇنلۇقلىرىنى تەدرىجى كېمەيتىدۇ. زامانلار ئۆتۈپ زامانداش ھەسەتخور نۇقسانچىلارمۇ تارىخ سەھنىسىدىن ئىزسىز يوقۇلىدۇ. يېڭى بوغۇن ھەسەتچى ئەرۋاھلار بىلەن «ئۇماچ» تالىشىپ ئولتۇرمايدۇ...
مۇشۇلارنى ئويلاپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئەسلى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئۆتمۈشدارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ھەسەتخورلارنىڭ ھەسەت چەمبىرىكىگە مەھبۇس بولغان قۇربانلار!
ئالىملار، ئىختىراچىلار، ئەدىبلەرنىڭ يېرىمىنى كېسەل ئازابى، كۆپرەكىنى ھەسەتخورلۇق ئوقۇبەتلىرى خەلقىمىزنىڭ مەرىپەت بېغىدىن ۋاقىتسىز يولۇپ كەتكەنىكەندە! كېيىنكى بۇ شۇم كېسەلگە قارشى بىرەر تىببى پەن، بىرەر تىببى ھەكىم، بىرەر شىپاخانا بارمىدۇ؟
مانا قاراڭ، ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «پۈتۈن ئىران تارىخىنى قۇتقۇزىۋالغان» «يىپەك يولىدىكى ئەڭ زور ئەدەبىي ئەسەر» ھېساپلانغان 120 مىڭ مىسرالىق «شاھنامە» داستانىنى يېزىپ بولۇپ، بۇنى پۈتكۈزۈش ئۈچۈن كەتكەن 35 يىل جەريانىدا ئۇچرىغان ھەسەت زەخمەتلىرى ئۈستىدە قىلغان شىكايىتىگە:
ئۇلار روشەن دىلىمنى خەستە قىلىشتى،
ھەسەتنىڭ تىغىدا باغرىم تىلىشتى.
ئاتمىش بەش ياشتىن ھەم ئاشقاندا ئۆمرۈم،
دەرد، رەنجىدىن مۈكچەيگەن ھالىمنى كۆردۈم.
ئەمدى مەن ئۆلمەسمەن، مەڭگۈ ياشارمەن،
ھەر ئېيتقان پىكىرىمدە قايتا ياشنارمەن.
دەر ھەقىقەت، فىردەۋسىگە ھەسەت تىغى ۋە تەنە- تاپا ئىغۋاسى بىلەن يوپۇرۇلغان زامانە ئاكابىرلىرىنىڭ نام –دېرىگى قالمىدى! مانا بۇ تارىخنىڭ نۇرانىلىقنى تاللاش قانۇنىيىتى!!
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، قەلەم ئەھلىنىڭ شان –شەرىپى، مەردلىك ۋە ئەركەكلىكى ھەسەتخورلۇقتىن مۇتلەق خالىي بولۇشتا دېگەن پىكرىگە كەلدىم. بۇنىڭدىكى «مۇتلەق» دېگەن ئىبارىنى مەن غايىۋى ئۈمىدىم بويىچە زورمىزور ئىشلەتتىم. بۇنىڭدا ئىككى نەرسىنى نەزەردە تۇتتۇم.
ئۇنىڭ بىرى، ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ بىر ساھە، بىر كەسىپتىكى ئىلىم- مەدەنىيەت ئەھلى بىرى يەنە بىرى ئۈستىدە ھەرقانداق سورۇندا ھەسەت تۈپەيلى پىتنە- ئىغۋا قىلىش سالاھىيىتىگە مۇتلەق ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۆز –ئۆزىدىن جەزىملەشتۈرىۋېلىشى لازىم. پەۋقۇلاددە جىددىي «قانۇنى» بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز كەسىپدىشى ئۈستىدە ۋايساش ۋايسىغۇچىنىڭ نادان، شۆھرەتسىز خۇنۈك قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، خالاس! بۇ مەسىلىدە جان چىقىش ئالدىدا ئىمان ئېيتىشقا ئالدىرىغاندەك ئۆز- ئۆزىنى پاقلاشقا ھېچقانداق تەمەنناسىز، كىبىرسىز، ئەستايىدىل ئالدىراش لازىم! مانا بۇ ئاقىلانە ۋىجداننىڭ دەۋىتى!
ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ھەسەتخورلۇق ئىللىتى ئېغىر كىشىلەر ۋە بۇ جەھەتتە روشەن سۆز- ھەركىتى ۋە پائالىيەت ئادىتى بار قەلەمكەشلەر يەنە بەھوزۇر ھالەتتە ھېچ نېمىنى ئۇقمىغاندەك قىياپەتكە كىۋېلىپ، ھەسەتخورلۇقنى سۆكىدىغان شېئىر ۋە غەزەل –ھىكايىلەر بىلەن كىشىلەرنى ئالداپ، ئۆز روھىنى بەزلەشكە كۈچەپ ئۇرۇنمىغىنى ياخشىراق. بولمىسا، بۇ خۇددى «ئوغرىنىڭ ساقچى فورمىسىدا كىيىنگەنلىكى»گە ئوخشاپ قالىدۇ. ھەسەتخورلۇقنى ئەمەلىيەتتە سۆكۈش، ئەمەلىيەتتە ئېرىغداش، پەزىلەت مەسىلىسىنى پەزىلەت بىلەن ھەل قىلىش لازىم. جاھالەت قاراڭغۇلىقىدا قارا لىباس، نىجادىيەت كۈندىزىدە ئاق يەكتەك كىيىۋالىدىغان كىشىلەرگە تارىخنىڭ قوينى كەڭ بولۇش بىلەن بىللە مەسخىرە شەمشىرىمۇ يېتەرلىك ئۆتكۈر.
ئەينەككە قاراش ئىككى خىل بولىدۇ: ئۇنىڭ بىرى، يۇيۇپ تارانغاندىن كېيىن، تاشقى قىياپەتنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن قاراش. يەنە بىرى، ئەينەككە تىلىپ قاراپ، ئۆز كۆزىگە سىنچىلاپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى قىياپىتىنى ئۆزى كۆرۈش ئۈچۈن قاراش. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تاشقى قىياپىتىنى ئوبداق بىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ كۆزىنىڭ زادى قانداقلىقىنى راسا دېگەندەك بىلمەيدۇ. ئۆز كۆزىگە «ئەۋرەتتىكىسى كۆڭۈلگە تايىن» دېگەن سەمىمىيلىك بىلەن قاراش ئاسان ئەمەس. ۋاھالەنكى، مۇنداق ئەينەككە قاراشقا جۈرئەت قىلىش ۋە مۇنداق ئەينەككە قاراشتىن تەربىيەت ئېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ بولۇش- بولماسلىقىدا پەرق تولىمۇ كاتتا! ھەسەتخورلۇقتا تەلۋە- تەرسا دەرىجىگە يەتكەن بىمارلارنىڭ ئىككىچى خىل ئەينەككە قارىشى تولىمۇ، مۇشكۈل.
باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىرىگە ساغلام ئىستېتىك زوقلىنىش پىسخىكىسىغا زىت ھالدا ئىللەت خاراكتېرىدىكى ھەسەتخورلۇق روھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان كىشىلەرنىڭ مۇنداق پاكلىنىش جەريانىنى ئۆتكۈزىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. زوقلىنىش- ئۇلۇغۋار ئىنسانىي روھىيەت، ساغلام ھېسسىياتچان ھېسداشلىق قۇۋانچى! مۇشۇنداق مەنىۋى مەلەكە ۋە روھىي سائادەتتىن مەھرۇم بولۇش نېمە دېگەن شورى قۇرىغانلىق- ھە!
تىكەندىن قورۇققان ئەتىرگۈل بولماس، ئىتتىن قورۇققان جاھانكەزدى! ھەسەتكە يولۇقۇش نۇمۇس ئەمەس! ئۇ غەربى ياۋرۇپا خرىستىيان مۇئەللىپلىرى ئېيتقاندەك: تەڭرىنىڭ غايە ۋە ئىجتىھات چېنىقتۇرىدىغان، ھەسەتسىز پاك قەلب يېتىشتۈرىدىغان ئالاھىدە بىر خەيرخاھلىقى! سەئد شىرازى توغرا ئېيتىدۇ:
پارە قىلسا ئەسكى تاش زەر قەدرىنى،
زەر تۆۋەنلەپ، ئۆرلىمەس تاش قىممىتى.
مەسىلە ناھىيىتى روشەن، مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، ھەتتا رىقابەتچان دۇنيادا ساقلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىلىم- پەن ئارقىلىق ناندانلىقنى تازىلاش، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ھەمجەھەتلىك ئارقىلىق ھەسەتخورلۇقنى تازىلاشتىن باشقا يول يوق! بۇ نوقتىدا ھەسەتخورلۇق مىللەتنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار چوڭ مەسىلە.
ئائىلە، مەكتەپ، دوستلار تۈركىمىي (مەشرەپ) ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە بۇ جەھەتتە تەربىيە ئېلىپ بېرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. بۇ جەھەتتە كۆپرەك سۆزلىنىشى، يېزىلىشى، ئويلىنىشى لازىم. نەشىريات ئورۇنلىرى ئاڭلىق ئىتىبارىنى قەدىمكى ۋە ھازىرقى مىللىي ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەلىرىنى يەردە قالدۇرماي ئاۋۋال نەشىر قىلىشقا قارتىشى، مىللىي يېڭى مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى تەخىرسىز تولۇقلاشقا قارىتىشى، چەتنىڭ نەتىجىلىرى تونۇشتۇرىلىدىغان نەشىرياتچىلىق مەلۇم قىسمەنلىك سالمىقىدىن ئارتىپ كەتمەسلىكى لازىم. بۇ جەھەتتە «چەتكە ھەسەت يوق، مەرھەمەت»، «ئۆز ئىچىگە يول توسۇپ تۇرغاي ھەسەت» ياكى قارىغۇ ئۆلچەم، گاچا ئۆلچەم پۇل پەقەت» بولۇپ قالماسلىقى لازىم! نەشىريات خادىملىرى ـ ئاڭلىق ۋە ئومۇمىيلىق قارىشىدىكى نەشىريات خادىملىرى ئۈچۈن ئۆز خەلقى ياراتقان ئىلمىي ۋە بىدىئىي ئەسەرنى ئۇنىڭدا ئېلان قىلىش قىممىتى (ھەتتا كېيىنكى كاتېگورىيىلىك قىممىتى) بولسىلا، ئېلان قىلىشتىنمۇ شەرەپلىك تارىخىي ئىش يوق! قەدىمكى كىشىلەر ئەگەر دائىم، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق، يەردە قويماي بىزگە يەتكۈزمىگەن بولسا، بىز ھېلىغىچە ئىزوپ مەسەللىرى، ئەرەپ جەڭنامىلىرى، ھىندىستان چۆچەكلىرى ۋە ياۋرۇپا لىرىكىلىرىدىن باشقا ئۆزى ھەققىدە خەۋەرسىز مىللەت بولۇپ قالماسمىدۇق؟! بۇ جەھەتتىكى ھەسەت ۋە ھەسەت گوروھۋازلىقى مىللەتنى نابۇت قىلىدۇ! كۆپلەپ ئىلمىي ئەسەر نەشىر قىلالمىغان نەشىريات يوپۇرماق چىقىرىپ مېۋە بەرمىگەن دەرەخكە ئوخشايدۇ.
تەخىرسىزلىك شۇكى، ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئۈستىدىكى قىرغىنچىلىق تارىخىمىزنىڭ بەزى پەسىللىرىدىكى ئاق تېرورلۇقتىنمۇ يامان. ئانىلىرىمىز ئاق تېرورلۇقتا قامالغان، قەتلى قىلىنغان مىقداردىكى بالىلارنى قايتا تۇغۇپ نوپۇسىمىزنى تولۇقلاشقا قادىر بولسىمۇ، قىرقىلغان مەدەنىيەت گۈلزارىمىزنى، ئۇنىڭ كىتاپ كامالىتىگە يەتكەن مىۋىلىرىنى تولۇلاشقا قادىر ئەمەس. ئىككى بۈيۈك ئەسەر ــ «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» قايتا-قايتا كۆچۈرۈلمىگەن بولسا، ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىز چىراغسىز كېچە بولۇپ قالماسمىدى. ۋەھالەنكى، قاسساپلىق قۇشخانىغا مەرگەزلەشكەندەك، مەدەنىيەت ھەسەتچىلىكىمۇ نەشر- ئەپكار گۈلزارىدىن ئورۇن تۇتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ يۈكسەك گۈلزارنىڭ بۇلغىنىشى ئۈمىد شامىنىڭ بۆھرانىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەن ماقالەمنى كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر شېئىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. بۇ شېئىر مىللەت توغرىسىدىكى ئەندىشىلىك تەسەۋۋۇردىن تۇغۇلغانىدى:
بىر كونا گۈمبەزدە قاقىلدار قاغا،
ئېلىنى يوقاتقان شائىرغا قىياس.
ئەرۋاھتەك يېقىمسىز ئۇندىكى سادا،
ئۈستىدە ئۆمۈرلۈك ھازىردار لىباس.
ئانا ئەل ئامانسەن، ئىلكىڭدە غۇرۇر،
ھازىدار كۈنلەردىن ساقلىسۇن خۇدا.
نىزالار كۆزۈڭدىن گەر ئۆچۈرسە نۇر،
شائىرلىق-بۇ نەسەپ قاغىدۇر گويا.
ۋەيرانە ئۈستىدە قاغا مۇڭلىنار،
سەبىلەر ئاتسىمۇ ئاڭا تىنماي تاش.
ھېكمەت شۇ: ياشاشنى خالىساڭ ئەگەر،
ئىناقلىق ئىچىدىن ئىزدىگىن قاياش.
1989-يىلى، 10 ئاۋغۇست
مەنبە: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»
تورغا ئۇزاتقۇچى: ھۇما
|
|