ئىلكتىروننىڭ«ۋالىس»تىرايىكتۇرىيىسى ۋە 29-تىئورىما
قاسىم سىدىق
،فىزىكىچىلار تەشكىلاتى تورى 8-ئاينىڭ 13-كۆنى خەۋەر قىلىشىچە يېقىندا،IBMتەتقىقات كوللىكتىۋى ۋە شىۋىتسارىيە فىدىراتسىيە سانائەت پەنلىرى ئىنىستېتوتى(ETH)دىن تەشكىللەنگەن بىر بىرلەشمە گۇرۇپپا،تۇنجى قېتىم ئىلىكتىروننىڭ ئايلانما ھەركەت قىلىش جەريانىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىغىنىڭ سۆرىتىنى سىزىپ چىققان،ئالاقىدار ئىلمى ماقالە «تەبىئەت.فىزىكا»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ خەۋەردىكى ئىككى نۇقتا مىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى،ئۇلار: 1.يىرىم ئۆتكۆزگۇچلەردە،ئىلىكتىرون خۇددى ۋالىس ئۇسۇلىغا ئوخشاش،بىر تەرەپتىن سىپىنلىق ئايلىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن سىپىن يۆنۆلىشى تەرەپكە ماس قەدەملىك يۆتىكىلىپ ھەركەت قىلىدۇ. 2.ئايلىنىش تىزلىگى مۇقىملاشتۇرۇلسا ،نەتىجىسى خۇددى مۇكەممەل لايىھىلەنگەن ۋالىس ھەركىتىدەك بولىدۇ.
ئەگەر خاتا چۈشىنىۋالمىغان ۋە خاتا تەرجىمە قىلىۋالمىغان بولسام،يۇقۇرقى ئىككى نۇقتا شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.چۈنكى بۇ تىئورمىدا«زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ»دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.شۇنداقلا شەكىل نەزەريىسىدە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىگى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت تىزلىگىنىڭ تەتۆر تاناسىپ بولىدىغانلىغى،ئومۇمى ھەركەت مىقدارىنىڭ توراقلىق بولىدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان(41-تىئورىما).بىز سىپىنلىق ھەركەت ۋە سىزىقلىق ھەركەتنى مۇقىم دەپ قارىساق«ئايلىنىش تىزلىگى مۇقىملاشتۇرۇلسا ،نەتىجىسى خۇددى مۇكەممەل لايىھىلەنگەن ۋالىس ھەركىتىدەك بولىدۇ.»دىگەن بۇ نۇقتىنى چۆشەندۆرگىلى بولامدىكىن دەپ قارايمەن.بۇ ئىككى نىسبى مۇقىم تىزلىكنىڭ بىرسىدىلا ئۈزگىرىش كۇرۇنسە 41-تىئورمىنى قانائەتلەندۆرىدىغان نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ.
مەن بەك ئۈمىتۋار بولۇپ كەتتىممۇ-قانداق،ئادەم قىرىغانچە تەمەخور بولۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.ھەر كۇنى شەكىل نەزەريىسىگە پايدىلىق قانداق ئىلمى ئۆچۆرلار چىقىدىكىن دەپ تور ئارىلايمەن.يۇقۇرقى خەۋەرنى ئۇز ۋاقتىدا بايقىغان بولساممۇ ،بۇ ھەقتىكى تەسىراتىمنى نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن بۆگۆن يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.ئىقتىدارى يار بەرگەن ۋە خالىغان تورداشلارنىڭ «تەبىئەت.فىزىكا»غا بىسىلغان ئەسلى ئىنگىلىزچە ماقالىنى ئىزدەپ تىپىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇشىنى،ئارتۇق ئۆمىتۋار بولۇپ كەتكەن بولسام ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشىنى سەممى ئۈمىت قىلىمەن. "سومرۇۇغ"تورىدىكى خەنزۇچە خەۋەرنىڭ ئۇلىنىشى:
|