بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-11 12:06
muhakima يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 09:55 
ماھىرجاننىڭ مەسلىسىنى تىلغا ئېلىپ قالدىڭىز ، مەن ئۇن ...
بۇ گەپلەرنى ئاستا-ئاستا دېيىشىمىز.مۇھىمى ئىلمى قاراشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر.شۇلارنى نۇقتۇلۇق مۇھاكىمە قىلساق بولىدۇ.
ھە،راسىت سىزدە نىيوتۇننىڭ تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسپلىرى دىگەن كىتاۋى بارمۇ؟.
مەندىكىسى ئۈرۈمچىدە قالغان،بىر نەرسىنى سۇراي دىگەن.كىمدىلا بولسا مەندە بار دېسە سۇرايدىغان بىر گەپ بارتى.
ماۋۇ تەرجىمە توغرىمۇ-خاتامۇ؟ _ شۇنى سورىماقچىدىم.سېلشتۇرۇپ كۇرسەڭلار،مانا:
ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.
_____________
ئېنگىلىزچىسى بىلەنمۇ سېلىشتۇرۇپ نەتىجىسىنى يوللاپ قويۇش ئىمكانىيىتى بارلار بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى.
|