بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-10 09:29
muhakima يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 17:56 
مەزكۇر مۇراجئەتنامە چىقىرىلغاندىن كىيىن دوكتۇرلۇقتا ...
ماقالىدە نەسىرى بايانلارمۇ ئەسلىدىنلا كوپ ئەمەس، مىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىم اورمۇلا شەكىلىدە ئىپادىلەنگەن .
ئېتراپ قىلىنىش - قىلىنماسلىقى توغرىسىدا مىنىڭ ئارتۇق سوزلىگىم يوق ، پەقەت توغرا بولسىلا ھامان ئېتراپ قىلىنىدۇ.
ئىلان قىلىش مەسلىسىگە كەلسەم زۇرۇر تېپىلغاندا لىكسىيە سوزلەپ توردا تارقىتىشىم مۇمكىن .
_________________________
مۇبادا بۇ سىزنىڭ ئاخىرقى ۋە ئۆزۆل -كېسىل جاۋابىڭىز بولسا،سىزگە مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن!
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن شەكىل نەزەريىسى ۋە بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى نىشانى ۋە مەنپەئەتىنى كۇزدە تۇتۇپ،شەكىل نەزەريىسىنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى بىلەن سىغىشمايدىغانلىغىنى نەزەرگە ئېلىپ،ئىسمى جىسمىغا ماس بولمىغانلىغى ئۈچۈن،سىممىتىرىكلىكنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىى خارەكتىرلىك بۇزۇلىشى دىگەن ئاتالمىنى چۈرىدىگەن بۇ تەتقىقات نەتىجىڭىز تەركىۋىدىن شەكىل نەزەريىسىگە خاس بولغان ئىدىيەلەرنى بىردەك چىقىرىپ تاشلىشىڭىزنى،مىنىڭ ئىسىم فامىلەم ۋە پايدىلىنىش قىسمىدىكى شەكىل نەزەريىسىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.بۇ يازما بىلەن مىنىڭ ۋە شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق.شەرىت شۇكى،شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلانسىلا بولدى.
مەن سىزگە يەنە تەكلىپ،مەسلىھەت بېرىپ، ئاۋارە قىلمايمەن.پەقەت،بۇ يازمىڭىز ئۈستىدە داۋاملىق قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش،ئالاقىدار ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىمنى ساقلاپ قالىمەن ۋە بۇ يازمىنى ئەمدى ئەستايىدىل ئوپراتىسىيە قىلىپ كۇرىمەن.مەن يېرىم ئۆمۇر سەرىپ قىلىپ ئىرىشكەن ئىدىيىلىرىمنى،لىڭشىپ قالغان ئېيىنىشتېيىن نەزەريىۋى قەلئەسىگە غۇجا تام قىلىپ بەرگىم يوق ۋە 1990-يىلدىن كىيىن بۇنداق ئىش ھەرگىز بولۇپ باقمىغان!.
_ ھۆرمەت بىلەن:قاسىم سىدىق
2015.1.9
|