بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 12:03
مۇقىم ئوقتا ئىنېرتسىيەلىك ئايلىنىۋاتقان ماددىي نۇقتا سىستېمىسىنىڭ ئىنېرتسىيەلىك تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدىكى ئالاقىدار سىمىتىرىكلىكنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى خاراكتېرلىك بۇزۇلۇشى توغرىسىدا يۈزەكى مۇھاكىمە
______________
يۇقۇردىكىسى ئۇزىڭىز بېكىتكەن بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ئىكەن.ئەمدى ئالدى بىلەن بۇ ماقالىدىكى نەسىرى بايانلارنى تەرجىمە قىلغاچ تۇرساق،پىكىر قوبۇل قىلىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ،توغرىلىغى مۇ ئەييەنلەشكەنلىرىنى رەسمى بېكىتسەك قانداق؟.
مەن ئۆتكەندە بىر تېما يېزىشقا تەرەددۇت قىلىپ،ماقالىڭىزنىڭ بىرقىسىم يەرلىرىنى ئۇزەم بىلگەنچە تەرجىمە قىلىپ باققان ئىدىم،ئەسلى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ،پىكىرىڭلارنى بەرسەڭلار.مەن تەرجىمە قىلىپ قويغان ئابزاسلار مانا:
"ئىنىرتىسىيىلىك ئايلىنىۋاتقان ماددى نوقتا سېستىمىسىنىڭ تۇز سىزىقلىق ئىنىرتىسىيىلىك ھەرىكەت قىلىش جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلىك سىمىتىرىكلىكنىڭ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك بۇزۇلۇشى توغرىسىدا "دىن تەرمىلەر
ئاساسى مەزمۇنى:
گالىلى ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان نەزەريىلەردە مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ تۆز سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركىتى جەريانىدا سىممىتىرىيىلىك تىزلىك سەۋەبىدىن ئۇزگەرمەيدۇ،دەپ قارىلىدۇ.بۇ ماقالىدە،لورىنتىس ئالماشتۇرۇشى ۋەئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، مەيدانسىز بوشلۇق،مۇتلەق ۋاكىئوم شارائىتىدا،مۇقىم ئوقتا ئايلىنىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت جەريانىدىكى ماسسىسىنىڭ تىزلىكنىڭ ئۇزگىرىشىگە قاراپ ئۇزگىرىشى ئانالىز قىلىنىپ،سىممىتىرىيىلىكنىڭ ئۇزگىرىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت جەريانىدىكى سىممىتىرىيىلىكنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئۇقۇملار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.بۇ ئۇقۇملار ماددى دولقۇننىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمى،ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتى....قاتارلىق ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ.ھەتتا مۇقەررەر ھالدافىزىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ئۇزگۆرۆش ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇھاكىمە:
مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت جەريانىدىكى ھەرخىل تەركىپلىگۆچى سىممىتىرىيىلىكلەرنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلىشى،مۇقىم ئوقتا ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ماددى نۇقتا سىستىمىسىنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،چۈنكى،تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكىگە يېقىنلاشقان ياكى يەتكەن بارلىق زەررىچىلەر ئايلانما ھەركەتكە ۋە سىپىنغا ئىگە.شۇڭا ئاپتۇر ماددى دولقۇننىڭ ماھىيىتى زەررىچىلىكتىن ئىبارەت،دەپ ھېساپلايدۇ،دولقۇنلۇق خارەكتىر بولساماددى نۇقتا سېستىمىسى تەركىپلىگۆچىلىرى سىممىتىرىيىلىكىنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرلىك بۇزۇلىشى شۇنداقلا ماسسا مەركىزىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن ئورۇن يۆتكىلىشىنىڭ نەتىجىسى.
خۇلاسە:
سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت قىلىۋاتقان دەۋرى ئايلىنىدىغان ماددى نۇقتا سېستىمىسىدىكى ھەرقايسى فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ سىممىتىرىكلىگى ماددى نۇقتا سېستىمىسىنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكى ۋە سىزىقلىق ھەركەت تىزلىكى سەۋەبىدىن ئۇزگىرىدۇ.گەرچەبۇخىل ئۇزگۆرۆش ناھايتى كىچىك بولسىمۇ،لىكىن،ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتى ۋە ھەركەتنىڭ تىزلىكىنى يورۇقلۇق تىزلىكى بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ،بىز مىخانىكا مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا بۇ ئۇزگىرىشلەرنى نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم.ماسسا مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشى ھەركەت تىرايىكتورىيىسىنىڭ ئۇزگۆرىشى ۋە ماددى دولقۇننىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.بۇ ھال مۇئەييەن دائىرىدە قاسىم سىدىق مۇئەللىم تەشەببۇس قىلغان شەكىل نەزەريىسىدىكى"ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ" دىگەن قاراش بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
يۇقۇردا ئاز بولمىغان يېڭى ئۇقۇملار كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان،لىكىن بىز يۇقۇرقى نۇقتىئىنەزەر ۋە فۇرمولىلار بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا،ئازبولمىغان فىزىكىلىق تىئورما ۋە قانۇنلارغا "خىلاپلىق"قىلىنغىنىنى بايقىۋالمىغىمىز قىيىن ئەمەس.نۇۋەتتىكى مەسىلە ياكى"خىلاپلىق"قىلىنغان تىئورما ياكى قانۇنلاردىن ۋاز كېچىش،ۋە ياكى يۇقۇرقى بايانلارنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇش(بۇ بايانلارنىڭ نەتىجىسى: نىسبىلىك نەزەريىسى توغرا ئەمەس)،مەيلى قايسى ئىنكار قىلىنسۇن،يەنە بىرىمۇ ئىنكار قىلىنغانغا باراۋەر. سەھىپە چەكلىمىسى سەۋەبىدىن،بۇ قىسىمداتېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىلمىدى،كىيىنكى قىسمىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىگى سەۋەبىدىن فىزىكىلىق مىقدار ۋە پارامىتىرلارنى ئىپادىلەشتە كەمچىلىكلەرگە يول قويغان بولسام،كۇپچىلىكنىڭ كۇرسۆتۆپ تەلىم بېرىشىنى سورايمەن.
مەنبە:
http://kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=32571
سېلىشتۇرۇپ،تولۇقلاشنى،تەھرىرلەشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
|